查看完整版本: [-- 7. پالۋان كەلدى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 7. پالۋان كەلدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-24 12:16

7. پالۋان كەلدى


7. پالۋان كەلدى
تېيىپجان ھادى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.پېرسۇناژلار تىلىنىڭ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتىكى رولىنى ھېس قىلدۇرۇش.(قىيىن نۇقتا)
2.ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىگىلىتىش.(مۇھىم نۇقتا)
ھېسسىيات نىشانى:
رىئال تارىخىي شەخىسلەرنى بىلىۋېلىش ۋە ئۇلارنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىش.
ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
مۇستەقىل ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
نىشانغا يەتكۈزۈش جەريانى:
دەرستىن ئىلگىرىكى تەييارلىق
تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.
1) تېيىپچان ھادى (        )- يىلى (       ) دا تۇغۇلۇپ، (       )- يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ (             ) نامىلىق ھېكايىلەر توپلىمى بار.
2) ئىز (      ) يېزا- قىرلارغا چىققان چېرىكلەر گوجەيلىرىنى (       )، ئاغزى- بۇرنى قان، ئاقساق- چولاق (        )، (        )، شەھەرگە ئارانلا كىرىۋالاتتى ياكى قازانچى غوللىرىدا يەر (      )، سوغۇق يەرنى (        ) يېتىپ قالاتتى.
بوش ئورۇنلارغا ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى تاللاپ تولدۇرۇڭ.
قۇچاقلاپ، چىشلەپ، دەلدەڭشىپ، سۆرەپ، بولۇپ، قوغلاپ
2 . تۆۋەندىكى قوشاقنى ئوقۇپ، ئاخىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ.
     يامۇلدا تولا يېتىپ،
     چېچىم بىر قۇچاق بولدى.
     يامۇلنى تېشەر چاغدا،
     قوۋرۇغا پىچاق بولدى.
     يامۇلنىڭ ياغاچلىرى،
     ئېگىز قارىغاي چەنزە.
     يامۇلنى تېشىپ چىققان،
     سادىر ئۆزى خوخەنزە.
1) يۇقىرىدا بېرىلگەن قوشاقلاردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تېپىپ بېرىڭ.
‹‹ خوخەنزە ›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ سۆزنىڭ قوللىنىلىشى قانداق ئىجتىمائىي ھادىسىدىن دېرەك بىرىدۇ؟
3) بۇلاردىن باشقا يەنە ‹‹ سادىر پالۋان قوشاقلىرى ›› دىن بىلىدىغانلىرىڭىزنى يادقا يېزىپ بىقىڭ.
دەرسخانىدىكى مەشىق
3. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟
1) سۇنبۇلە ئېيى_ 8- ئاينىڭ ئاخىرى 9- ئاينىڭ باشلىرى
2) پەرىجە_ ياقىسى ئويۇپ چىقىرىلغان، تۈگمە بېكىتمەيدىغان، ئىچ يانچۇقلۇق ئۇزۇن چاپان؛ تون
3) ئېغۋا_ قۇرۇق، يالغان، ئويدۇرما گەپ؛ ئۆسەك سۆز.
4) سۈبھى _ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان پەيت، سەھەر
5) جۇدۇن_ (1) سوغۇق ھاۋا ئېقىمى. (2) ئاچچىق، غەزەپ (3) توسالغۇ، قىيىنچىلىق
6) ئېسەنگىرەش_ ھودۇقۇش، گاڭگىراش، ساراسىمىگە چۈشۈش، ئېسىنى يوقۇتۇش
‹‹ دەرۋازا ئىچىدىن يۇرت چوڭلىرى سىپايە ھالدا چىقىپ كېلىشىۋاتاتتى. توپ دەرھال ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يول ئېچىپ، ئەدەپ بىلەن قول قوشتۇرۇپ، باشلىرىنى ئېگىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى. ئېگىز بوي، كەكە ساقال، دوقا ماڭلاي، يېشى ئاتمىشتىن ھالقىغان مەزەمزات ھېكىم كىمخاب تۇماق، موۋۇت پەرىجە كىيگەن ھالدا غادىيىپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا كىبىرانە قەدەم تاشلاپ چىقىۋاتاتتى. ››
4. 1) يۇقۇرىقى پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن قايسىلار قوللىنىلغان؟
2) پارچىدىكى سۈپەتلەرنى ئېيتىپ بېرىڭ.
3) تەڭداش بۆلەكلەرنى سىزىپ كۆرسىتىپ بېرىڭ.
‹‹ ئاۋام پۇقراغا خاننىڭ ئەمرى پەرز. ئۆز ئالدىڭغا ئىش تۇتساڭ، ئاقىۋىتىدە ئۆز بېشىڭنى يەيسەن، گاداي. سوگودا كاللا نېمە قىلسۇن- ھە، يوق- يوق!››
5. 1) يۇقىرىقى پارچىدىكى كىمنىڭ سۆزى؟ بۇلاردىن ئۇنىڭ قانداق خاراكتېردىكى ئادەملىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟
2) ‹‹ ئاۋام پۇقراغا خاننىڭ ئەمرى پەرز ›› دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى نېمە؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
3) ‹‹سوگو›› سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇ كىمگە قارىتىلغان؟ ئۇنىڭدا راستتىنلا كاللا يوقمۇ؟
‹‹شەنگەن شاغىبەگكە تىكىلدى. ئەمىر ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگ ئۆزىنى چىدام بىلەن بېسىپ ئولتۇراتتى. ئۇ شەنگەننىڭ مۇددىئاسىنى _ دېھقاننىڭ گۆشىنى مۇناپىقلارنىڭ پىچىقى بىلەن شىلىۋېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.››
6. 1) ئەمىر ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگ قانداق ئادەم؟
2) قانداق كىشىلەرنى مۇناپىق دەيمىز؟
7. ئەسەردىكى ‹‹ماناس››، ‹‹ساندىخوزا›› دېگەن جايلارنى خەرىتىدىن كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟
8. سادىر ۋەكىللىكىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن مانجۇ ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە نېمىلەر سەۋەب بولغان؟ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈڭ.
مۇستەھكەملەش مەشىقى
     ئالۋان- ھوسۇلۇم تولا،
      قۇياي دېسەم ېېشۈم يوق.
      بۇ ھوسۇلنى قۇيمىساق،
     تىرىكلىكتە بېشىم يوق.
9. يۇقىرىقى قوشاقتا قانداق مەزمۇن گەۋدىلەندۈرۈلگەن؟
‹‹ بۇ ئەلەملىك ئىش شەنگەنگە ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولدى. دەرھال ئون چېرىك چىقىرىپ شەرۋانىخان ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى _ ئىگەمقۇل، دەۋرانقۇللارنى تۇتۇپ كېلىپ، زىندانغا تاشلىدى. ››
10. 1) بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ‹‹ ئەلەملىك ئىش ›› قايسى ئىشنى كۆرسىتىدۇ؟
2) شەنگەننىڭ شەرۋانىخان ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى زىندانغا تاشلىشىنى قايسى ماقال- تەمسىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ؟
11. جازا مەيدانىدا شەرۋانىخان سادىر بار جاينى ئېيتىپ بەرگەن بولسا، جازادىن قۇتۇلالامتى؟ نېمە ئۈچۈن؟
تاپشۇرۇق
1. باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، پالۋانلىق ھەققىدىكى ماقال- تەمسىللەرنى توپلاپ كېلىڭلار.
2. ‹‹ بىرنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، مىڭنى ئۆلتۈرگەن باتۇر ›› دېگەن گەپكە قانداق قارايسىز؟ مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيال توپلاپ قىسقا ماقالە يېزىپ كېلىڭ.
دوسكا لايىھىسى:
پالۋان كەلدى
تېيىپجان ھادى
يېڭى سۆزلەر:          1) سۇنبۇلە ئېيى_       2) پەرىجە_ 3) ئېغۋا_ 4) سۈبھى _ 5) جۇدۇن_
سادىر پالۋان ــ ئىلى دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. خەلق قەھرىمانى. ماھىر قوشاقچى.
ئەسەردىكى پېرسوناژلار تەھلىلى:  ئەمىر ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگ، مەزەمزات ھېكىم ۋە باشقىلار
قەھرىمان تارىخ يارىتىدۇ.  ئەل قىساسۇ مىنەلھەق.
دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:

ئايبىكە 2013-07-24 16:51
«2. ‹‹ بىرنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، مىڭنى ئۆلتۈرگەن باتۇر ›› دېگەن گەپكە قانداق قارايسىز؟ مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيال توپلاپ قىسقا ماقالە يېزىپ كېلىڭ. .»

ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئىزدىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىپتۇ.  

ئايبىكە 2013-07-24 16:52
قەھرىمان تارىخ يارىتىدۇ.  ئەل قىساسۇ مىنەلھەق.

بەكمۇ ياقتۇردۇم.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 15:14
ياخشى تەييارلىنىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

بابۇر0725 2014-02-14 20:21
ياخشى تەييارلىنىپتۇ.2-سائەتلىك لايىھىسىمۇ بارمۇ ياكى مۇشۇ لا مۇ

ئەشمە 2014-03-12 12:57
ئەتراپلىق تەييارلاپسىز.رەھمەت سىزگە.

رۇقىيە 2014-03-12 23:04
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ، ياخشى ماتىريال يوللاپسىز .

تەۋپىقنىسا 2014-04-08 10:53
ئەكبەرنىياز:ياخشى تەييارلىنىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!! [ئىپادە] (2013-07-27 15:14) 

    
ياخشى تەييارلىنىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

تۇمشۇق 2014-07-17 16:41
ياخشى تەييارلىنىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

ئارزۇيۇم 2014-07-30 19:15
سىزگە ئاپىرىن.


查看完整版本: [-- 7. پالۋان كەلدى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled