ئەنۋەرچەرچەن |
2013-07-23 23:04 |
تولۇق 3-يىللىق خىمىيە سىناق ئىمتىھان سۇئالى
2011-2012-ئوقۇش يىلى تولۇق 3-يىللىق خىمىيە سىناق ئىمتىھان سۇئالى ئىسىم-فامىلىسى ـــــــــــــــــــــ تولۇق 3-يىللىق -سىنىپ -نومۇر Ⅰتاللاش سۇئاللىرى (ھەربىر تارماق سۇئالدا مەسىلىنىڭ مەنىسىگە ماس كېلىدىغان بىرلا جاۋاپ بار ،شۇ جاۋاپنىڭ رەت نومۇرىنى جەدۋەلگە يېزىڭ.4تىن جەمئىي 60نومۇر بېرىلىدۇ) سۇئال رەت نومۇرى 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 سۇئالنىڭ جاۋابى 1.تەجرىبىخانىدا لامىنارىيە كۈلىدىن يود ئېلىش مەشغۇلاتى جەريانىدا،ئەسۋاپلارنى تاللاپ ئىشلىتىلىشلەردىن توغرا بولمىغىنى A. 3gئەتراپىدا قورۇق لامىنارىيە ئۆلچەپ ئېلىش ---قوش پەللىلىك تارازا B.لامىنارىيەنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇش ---ھورلاندۇرۇش قاچىسى C.قايناتقاندىن كېيىنكى لامىنارىيە كۈلى بىلەن سۇنىڭ ئارلاشمىسىنى سۈزۈش –پەركا D.كاربون (Ⅳ)خلورىد ئارقىلىق ئوكسىدلىغاندىن كېيىنكى لامىنارىيە كۈلى چىلانغان سۇيۇقلۇقتىن يودنى ئايرىپ ئېلىش ---سۇيۇقلۇق بۆلگۈچى پەركا 2.تۆۋەندىكى تەجرىبە مەشغۇلاتلىرىدىن توغرىسى A. ئېتىل ئاتسىتات ئېستىرى ئالغاندا،تېز سۈرئەتتە ئېتانولنى قويۇق سۇلفات كىسلاتاغا قويۇش B.قولىغا ئاز مىقداردا بىنزوفىنول تېمىپ كەتكەندە ،دەرھال ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى ئارقىلىق پاكىز يۇيۇش C.ئاز مىقداردىكى قويۇق سۇلفات كىسلاتا تېرىگە تېمىپ كەتكەندە دەرھال كۆپ مىقداردىكى سۇ بىلەن چايقاش D.ھىدروگىن گازى ئارقىلىق مىس ئوكسىدنى ئوكسىدسىزلىغاندا ،بەلگىلىك ۋاقىت قىزدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ھىدروگىن گازى كىرگۈزۈش 3.مەلۇم رەڭسىز ئېرىتمىدىكى ئىئونلارنى پەرىقلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەردىن توغرىسى A. AgNO3ئېرىتمىسى قوشقاندا ئاق رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولۇپ،تۇز كىسلاتا قوشقاندا چۆكمە يوقاپ كەتمىگەن.بۇنىڭدىن Cl-نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. B.Cl2 كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئېرىتمە سېرىق رەڭگە ئۆزگەرگەندە كىراخمال ئېرىتمىسىنى قوشقاندىن كېيىن ئېرىتمە كۆك رەڭگە ئۆزگەرگەن.بۇنىڭدىن I- نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. C.Ba(NO3)2 ئېرىتمىسى قوشقاندا ئاق رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولۇپ،تۇز كىسلاتا قوشقاندا چۆكمە يوقاپ كەتمىگەن.ئۇنداقتا SO42- مەۋجۇت. D.تۇز كىسلاتا قوشقاندا ھاسىل بولغان گاز سۈزۈك ھاك سۈيىنى دۇغلاشتۇرغان،ئۇنداقتا CO32- نىڭ مەۋجۇتلۇقنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. 4. تۆۋەندىكى ماددىلاردىن توكنى ئاسان ئۆتكۈزىدىغىنى A.سۇيۇقلاندۇرۇلغان ناترىي خىلورىد B.قويۇق سۇلفات كىسلاتا C.مس سۇلفات كىرىستالى D.سۇسىز ئېتانول 5.مەلۇم قاتتىق ماددا Aتوك ئۆتكۈزمەيدۇ،لېكىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان ياكى سۇدىكى ئېرىتمىسىدە توك ئۆتكۈزىدۇ،تۆۋەندىكىA ماددا توغرىسىدا ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى A.نائېلىكتىرولىت B.كۈچلۈك ئېلىكتىرولىت C. ئىئونلۇق بىرىكمە D.ئاجىز ئېلىكتىرولىت 6.تۆۋەندىكى ئىئونلاردىن ئېرىتمىدە كۆپ مىقداردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغىنى A.H+,Ca2+,Cl-,CO3- B.Na+, Fe3+,SO42-,OH- C.K+,Na+,OH-,Cl- D.Cu2+,Ba2+,SO42-,Cl- 7.تۆۋەندىكىلەردىن كۈچلۈك كىسلاتالىق ئېرىتمىدە بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ھەمدە ئېرىتمىسى رەڭسىز ،سۈزۈك بولىدىغىنى A.NH4+,Al3+, SO42-,NO3- B. K+, Na+,AlO2-,HSO3- C. K+, NH4+,MnO4-, SO42- D. Na+, K+, NO3-, HSO3- 8.سۇدىكى ئېرىتمىسىدە كۆپ مىقداردا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان،ناترىي ھىدروكسىد قوشقاندىن كېيىن چۆكمە ھاسىل قىلىدىغان،تۇز كىسلاتا قوشقاندا گاز ھاسىل قىلىدىغان ئىئونلار گورۇپپىسى A. Ba2+, Na+,Br-,HCO3- B. Fe3+, K+,I-, NO3- C. Na+,Mg2+, Al3+, SO42- D. K+, Al3+,OH-,HCO3- 9. 6.02×1023دانەO نى ئۆز ئىچىگە ئالغان H2SO4نىڭ ماددا مىقدارى A.1.00mol B.0.50mol C.0.25mol D.0.125mol 10. ئەگەر 1گىرام Cl2 nدانە Cl2مولىكۇلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا ،ئۇھالدا ئاۋاگادرو تۇراقلىق سانىنىڭ ئىپادىلىنىشى A.35.5n B.1/35.5n C.71n D.1/71n 11. NA ئارقىلىق ئاۋاگادرو تۇراقلىق سانىنى ئاپادىلىسەك،تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى A. 1L،1mol/Lلىق تۇز كىسلاتا ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىدروگىن خىلورىد مولىكۇلىسىNA بولىدۇ B.نورمال شارائىتتا،11.2Lكاربون(Ⅳ )-خىلورىد ئۆز ئىچىگە ئالغان مولىكۇلىنىڭ سانى0.5NA بولىدۇ C.مىس بىلەن گۈڭگۈرتنىڭ رېئاكسىيىسىدە، 1mol Cuيۇقاتقان ئېلىكتىرۇننىڭ سانى2NA بولىدۇ D. 80gئامونىۇ نىترات ئۆز ئىچىگە ئالغان ئازوت ئاتومىنىڭ سانى2NA بولىدۇ 12. NAئارقىلىق ئاۋاگادرو تۇراقلىق سانىنى ئاپادىلىسەك،نورمال شارائىتتا ،mg O2بىلەنN2 نىڭ ئارىلاشما گازى ئۆز ئىچىگە ئالغان مولىكۇلىنىڭ سانىb دانە بولسا،ئۇ ھالداng بۇ ئارىلاشما گازنىڭ ئوخشاش شارائىتتىكى ھەجمىL( ) بولىدۇ A. B. C. D. 13.تۆۋەندىكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا،ئىككى گازنىڭ ممولىكۇلا سانى چوقۇم ئۆزئارا تەڭ بولىدىغىنى ①تېمپىراتۇرىسى ۋە ھەجمى ئوخشاش بولغان O2بىلەنN2 ②ماسىسسى ئوخشاش،زىچلىقى ئوخشىمايدىغانN2 بىلەنC2H4 ③ھەجمى ئوخشاش،زىچلىقى ئوخشاش بولغان COبىلەنC2H4 ④بېسىمى ئوخشاش،ھەجمى ئوخشاش بولغان N2بىلەن O2 A. ①②③④ B. ②③ C. ②③④ D. ①②③ 14.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى ①ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش بېسىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ زىچلىقلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ ②ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش بېسىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ زىچلىقلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماسسىلىرىنىڭ نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ ③ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش بېسىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ ھەجىملىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ ④ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش ھەجىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ بېسىملىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ A. ①②③④ B. ①④ C. ③④ D. ②③④ 15.بەلگىلىك ماددا مىقدارى قۇيۇقلۇقىتىكى ئېرىتمە تەييارلاشتا،تەييارلانغان ئېرىتمە قۇيۇقلۇقىنى چوڭايتىۋېتىدىغان مەشغۇلات A.ئېرىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېرىتمىنى سىغىم كولبىسىغا يۆتكىگەندە،ئىستاكاننى چايقىغان سۇنى سىغىم كولبىسىغا قۇيماسلىق B.سىغىمنى مۇقىملاشتۇرغاندا شىكالا سىزىقىغا ئۈستىدىن قاراش C.ئېرىتكەندە ئېرىتمىنى ئۆي تېمپىراتۇرىسىغىچە سۇۋۇتماستىن سىغم كولبىسىغا قۇيۇش D.ئېرىتمىنى سىغىم كولبىسىغا يۆتكىگەندە ئېرىتمىنى سىغىم كولبىسىنىڭ سىرتىغا تۆكۈۋېتىش Ⅱ بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئاللىرى (26نومۇر) 1. (8نومۇر)بىر بوتۇلكا سۈزۈك ئېرىتمە بار بولۇپ،بۇ ئېرىتمىدە ئېھتىمالNH4+،K+،Na+، Mg2+،Ba2+،Al3+،Fe3+،Cl-،I-،NO3-،CO32-،SO42- بار .بۇ ئېرىتمىدىن ئېلىپ تۆۋەندىكىدەك تەجرىبە ئىشلەنگەن: (1) سىناق قەغىزى ئارقىلىق ئېنىقلىغاندا كۈچلۈك كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگەن بولسا ،________________ئىئونلار بولمايدۇ. (2)ئېرىتمىدىن ئازراق ئېلىپ ،ئازراق CCl4ۋە بىرنەچچە تامچە يېڭىدىن تاييارلانغان خىلورلۇق سۇ تېمىتىپ،چايقىتقانداCCl4 قەۋىتى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ ئىپادىلىگەن بولسا________يوق. (3)يەنە ئازراق ئېرىتمە ئېلىپ،ئاستا-ئاستا ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى تېمىتقاندا،ئېرىتمە كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتتىن ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئۆزگەرگەن،تېمىتىش جەريانىدا ۋە تېمىتىپ بولغاندىن كېيىن چۆكمە ھاسىل بولمىغان بولسا،__________لار بولمايدۇ.ئىشقارلىق ئېرىتمىدىن ئازراق ئېلىپ قىزدۇرغاندا، نەمدەلگەن قىزىل لاكمۇس سىناق قەغىزىنى كۆك رەڭگە ئۆزگەرتىدىغان گاز ھاسىل بولغان. (4)يۇقۇرىدىكى ئىشقارلىق ئېرىتمىدىن يەنە ئازراق ئېلىپ ناترىي كاربونات ئېرىتمىسى قۇيغاندا ،ئاق رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولغان بولسا__________نىڭ بارلىقىنى؛___________نىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ. (5)يۇقۇرىدىكى تەجرىبە ئەمەلىيىتىن ھۆكۈم قىلغاندا :①ئەسلىدىكى ئېرىتمىدە چوقۇم بولىدىغان ئىئونلار_________________________________②چوقۇم بولمايدىغان ئىئونلار__________________③بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان ئىئونلار_____________________________________ 2.(9نومۇر)(1) NaHSO4ئېرىتمىسىگە ئېرىتمە نىيترال خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگىچەBa(OH)2 ئېرىتمىسى تېمىتىلغان،يۈز بەرگەن رېئاكسىيىنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (2)يۇقۇرىدىكى نىيترال ئېرىتمىگە داۋاملىق Ba(OH)2ئېرىتمىسى تېمىتىلغاندا يۈز بەرگەن رېئاكسىينىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسى____________________________________ (3) NaHSO4ئېرىتمىسىگە ئېرىتمە ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگۈچە Ba(OH)2 ئېرىتمىسى تېمىتىلغان،يۈز بەرگەن رېئاكسىيىنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ 3. (4نومۇر)0.2molئاددىي ماددا AXبىلەن1.2mol B2 تولۇق رېئاكسىيىلىشىپ0.8mol AB3نى ھاسىل قىلغان بولسا ،AXنىڭ خىمىيىۋى فورمۇلىسى___________________. 4. (5نومۇر)18.4mol/Lلىق قۇيۇق سۇلفات كىسلاتادىن100ml قۇيۇقلۇقى1mol/L بولغان سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى تەييارلاشتا،مەشغۇلات تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. A.مېنزۇركىدىن پايدىلىنىپ ml________قۇيۇق سۇلفات كىسلاتانى ئاستا-ئاستا تەخمىنەن50ml سۇ قاچىلانغان ئىستاكاننىڭ دىۋارىنى بويلىتىپ قۇيۇش ھەمدە ئەينەك تاياقچە بىلەن ئۈزلۈكسىز قۇچۇپ تۇرۇش. B.تەخمىنەن 30mlسۇ بىلەن ئىستاكان ۋە ئەينەك تاياقچىنى چايقاپ ،ھەرقېتىم چايقىغان سۇنى سىغىم كولبىسىغا قۇيۇش. C.سۇيۇلدۇرۇپ بولغان ئېرىتمىنى ئېھتىيات بىلەن سىغىم كولبىسىغا قۇيۇش. D. 100ml لىق سىغىم كولبىسىنىڭ ھىملىقىنى تەكشۈرۈش E.سىغىم كولبىسىنىڭ شىكالا سىزىقىغا________ قالغانغا قەدەر داۋاملىق سۇ قۇيۇش F.سىغىم كولبىسىنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ،سىغىم كولبىسىنى ئوڭ-دۈم قىلىپ چايقىتىپ ،ئېرىتمىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇش G. _____________ئارقىلىق سىغىم كولبىسىغا سۇ تېمىتىپ،سۇيۇقلۇقنىڭ پېتىنقى يۈزىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قىسمىنى شىكالا سىزىقى بىلەن دەل ئۇدۇل قىلىش (1)يۇقۇرقى باسقۇچلاردىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ (2)توغرا بولغان مەشغۇلات تەرتىۋى(ھەرپ بەلگىسىنى يېزىڭ)_________________ (3) Aباسقۇچتىكى مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىشتا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ: ①10 مىللىلىتىرلىق مېنزۇركا، ② 50مىللىلىتىرلىق مېنزۇركا،③ 100مىللىلىتىرلىق مېنزۇركا،④ 500مىللىلىتىرلىق مېنزۇركالاردىن _________ Ⅲ.ھېساپلاش سۇئالى (14=7×2 نومۇر) 1. 100ml،0.3mol/Lلىق سۇلفات كىسلاتا بىلەن 300ml،0.25mol/Lلىق سۇلفات كىسلاتانى 500mlلىق سىغىم كولبىسىغا قۇيۇپ،ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ،شىكالا سىزىقىغا دەل كەلتۈرگەندە بۇ ئېرىتمىدىكىH+ نىڭ ماددا مىقدارى قۇيۇقلۇقىنى تېپىڭ.
2. ئېرىگۈچىنىڭ ماسسا ئۈلۈشى %98، ml500لىق،ئېرىتمىنىڭ زىچلىقى g/cm3 1.84 بولغان سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىدىكى ئېرىگۈچىنىڭ ماددا مىقدارى قويۇقلۇقىنى ھېساپلاڭ.
|
|