查看完整版本: [-- «ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ»نىڭ ئىلمىي ئاساسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> «ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ»نىڭ ئىلمىي ئاساسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:55

«ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ»نىڭ ئىلمىي ئاساسى

«ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ»نىڭ ئىلمىي ئاساسى QFFFxaeJg  
«ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ»نىڭ مۇنداق بىــر قانچە ئىلمىي ئاساسى بار: ① ياڭاق تۇۋىگە بېرىپ ئۇخلىغاندا ياڭاق تۇۋىدىكى تۇپراقنىڭ چىڭىپ كېتىشگە سەۋەبچى بولىدۇ. ② ياڭـاق كۆچىتى ئەتراپىغا تېرىلغان زىرائەتلەرنىڭ چەيلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ③ ياڭاق كۆچىتىنىڭ چىچەكـلەش مەزگىلـى بولسا چېچەكنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ، مېۋە پىشـىش ئالدىدا بولسا تولۇق پىشىشـتىن ئىلگىـرى نابۇت بولۇشنىڭ ياكى شاخلىرىنىڭ سۇندۇرۇۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ④ ئەڭ مۇھىمى ياڭاق يوپۇرمىقى بىر خىل غەيرى پۇراق چىقىرىدۇ، بۇ پۇراق دەم سىقىش، گال قىچىشىش، يۆتىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەزى كېسەللەرنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. kpMo7n  

koksangun 2013-07-23 23:43
بۇ خىل ئىزاھاتلار ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلىمىزدىكى بىر قىسىم قېلىپلاشقان ، قاتما ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ، ئەجرىڭىزگە  رەھمەت .

ئايبىكە 2013-07-23 23:53
«④ ئەڭ مۇھىمى ياڭاق يوپۇرمىقى بىر خىل غەيرى پۇراق چىقىرىدۇ، بۇ پۇراق دەم سىقىش، گال قىچىشىش، يۆتىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەزى كېسەللەرنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ.» X2{Aa T*M  
خوتەنلىك ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلاپ تۇراتتىم.

لاچىن 2013-07-24 01:00
    ياڭاق دەرىخى مۇز سوغاق بولۇپ، ياڭاق تۈۋىدە .ۇخلىسا سوغوقىمىز .ېشىپ، تولا .وخلايدىغان ۋە بېشىمىزنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىمىز.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-24 12:16
تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپتۇغۇ.

akkax 2013-07-25 13:03
بەزىلەر ئىلگىرى بۇنداق « يامان بولىدۇ » لارنى بۇرۇنقىلارنىڭ خۇراپىي سۆزلىرى دەپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ھازىر بۇ « يامان بولىدۇ » لارنىڭ شۇنداق كۆپ ئىلمىي ئاساسىنى « بايقاپ چىىقىپ » تۇق . شۇنىڭدىن قارىغاندا ،بۇرۇنقىلار خۇراپىيمۇ ياكى بىزدەك كېيىنكىلەرنىڭ ئەقلىي چېكىنىپ، « كىتاب خالتىسى » غا ئايلىنىپ قالغانمۇ ؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-25 19:59
«يامان بولىدۇ» لارنىڭ ھەممىسنىڭ ئىلمىي ئاساسىي باركەن.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 14:55
ھەقىقەتەن توغرا ، مۇشۇنداق قاراش بار .

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-27 17:44
«يامان بولىدۇ»لاردىن بىز ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ئىلمىي پايدىلانساق بولىدۇ.

تىلداش 2013-09-17 12:35
ياڭاقتىن چىققان پۇراق_گازدا كۆپىيىشنى چەكلەيدىغان ماددا بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇت.شۇڭا يۈكتە_ھامىلدار ئاياللارنىڭمۇ ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشىنى چەكلەيدىغان قاراشمۇ باشقا مىللەتلەردىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.ئەمما ئىلمىي جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈشتىن خەۋەرسىزمىز.

مەرىپەت0999 2013-09-18 12:40
نۇرغۇن‹يامان بولىدۇ›لارنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار-جۇمۇ.يازمىڭىزغا تەشەككۈر!!

ياسىنجان510 2013-10-26 21:35
ھەقىقەتەن ئىلمىي ئاساسى بار ئىكەن،رەھمەت

ياسىنجان510 2013-11-10 21:13
‹‹يامان بولىدۇ›› دېگەن بۇ ئېتىقات -ئەنئەنىنىڭ خۇددى قانۇن ۋەئەخلاققا ئوخشاش ئادەمنى تىزگىنلەش رولى بارلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ.

ياسىنجان510 2013-11-10 21:13
‹‹يامان بولىدۇ›› دېگەن بۇ ئېتىقات -ئەنئەنىنىڭ خۇددى قانۇن ۋەئەخلاققا ئوخشاش ئادەمنى تىزگىنلەش رولى بارلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ

tawpek 2013-11-10 22:09
خەتلەر  چوڭىيىپتۇمۇ  كۆپچىلىك


查看完整版本: [-- «ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ»نىڭ ئىلمىي ئاساسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled