查看完整版本: [-- «يامان بولىدۇ» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> «يامان بولىدۇ» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:53

«يامان بولىدۇ»

ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۇنچىققۇچە ۋە كۇن ئولتۇرۇش ۋاقتىدا يېتىشنى «قان ئىچىدە ياتقان بىلەن باراۋەر» دەپ يامان ئالىدىغان ئادىتى  ئەپسانە بولماستىن، بەلكى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە، يەنى ئەتتىگەن سەھەر تۇرۇپ ھەركەت قىلغاندا سالامەتلىككە پايدىلىق، يەنى بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا سەھەر قوپۇپ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرگـىلى، نۇرغۇن ئىـشلارنى قىلىپ تۈگەتكىلى، ۋەزىپىنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. مۇشۇنـىڭغا ئاساسەن «سەھەر قوپقان سائـادەت، ۋاخـقا قالغـان كاساپەت»، «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن» دېگەنگە ئوخشاش ماقاللارنى قالدۇرۇپ، سەھەر تۇرۇپ ھويـلا ئارامـلارنى تازلاپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ ئىلگىرى بېسىش، روناق تېپىشنى كۆزلەپ نىشانغا مېڭىشنى تەكىتلىگەن. كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتىدا ياتسا ياكى يېتىۋالسا، مال-چارۋا،توخۇ-تومان قاتارلىقلار ئـاچ قالىدۇ، بىر كۈنلۈك ئىشنىڭ چالىسى ئورۇنلانمايدۇ، ئەتىگە قالغان ئىش يۈك دەپ قاراپ كەلگەن ۋە بۇنىڭغا ماس ھالـدا «بۇگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما»سلىق تەكىتلەنگەن.

koksangun 2013-07-23 23:44
مۇنبىرىمىزدە «يامان بولىدۇ  » غا ئائىت مول ماتېرىياللارمۇ بار . يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت .

koksangun 2013-07-23 23:46
http://tawpek.cn/bbs/read.php?tid=8342&keyword=%D9%8A%D8%A7%D9%85%D8%A7%D9%86%7C%D8%A8%D9%88%D9%84%D9%89%D8%AF%DB%87

ئايبىكە 2013-07-23 23:50
فولىكلور قىسمىدىمۇ نۇرغۇن بىلىملەر بار .يوللىغۇچىغا رەھمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-24 12:21
«يامان بولىدۇ»لارنى ئىلمىي مەنىسى بويىچە چۈشىنىش كېرەك.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 14:54
چۈشىنەلمىدىمغۇ ئۇستاز ؟؟؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-27 17:45
يوللىغىنىمنى ئارتۇقچە بوپ قاپتۇ دىمەكچىمۇسىز؟


查看完整版本: [-- «يامان بولىدۇ» --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled