查看完整版本: [-- 5. قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> 5. قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-23 19:23

5. قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ

~4xn^.w  
5. قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ bw!*=<  
پاۋلوف ــ (1849-1936) روسىيەلىك فىزىئولوگىيە ئالىمى. VZ7E#z+nM#  
فىزىئولوگىيە ــ جانلىقلارنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئادەتتە ئۇ ئادەم فىزىئولوگىيىسى ، ھايۋانات فىزىئولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. S>Gb Jt(]  
رېفلېكس ــ جانلىق ئورگانىزملارنىڭ ئىچكى - تاشقى غىدىقلاشلارغا نىسبەتەن نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق قايتۇرىدىغان ئىنكاسى. ;wZplVB7y  
مەرھۇم ــ ① ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى، ئۆلگەن ئادەم: كىمدۇر بىرى مەرھۇمنىڭ روھىنى مەندىنمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمەتلىسە كېرەك . ② ۋاپات بولۇپ كەتكەن ، رەھمەتلىك ، رەھمىتى : مەرھۇم ئاتام . : ?>yi7w  
مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ــ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى . ئۇ مېڭە بىلەن يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . y I[kaH"J  
ئىنېرىتسىيە ــ جىسىمنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان ھەرىكەت ھالىتى ياكى جىمجىت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش خۇسۇسىيىتى . مەسىلەن ، مېڭىۋاتقان پاراۋۇزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توختىغاندىن كېيىنمۇ ئىلگىرىلەشنى شۇئان توختاتماسلىقى ، جىمجىت تۇرغان جىسىمنىڭ سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغۇچە تۇرغان ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنېرتىسىيىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ . Q9Go}}n  
پەۋقۇلئاددە ــ ① باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ، ئادەتتە ئۇچرىمايدىغان؛ كۈتۈلمىگەن، تاسادىپىي: پەۋقۇلئاددە ئەھۋال. پەۋقۇلئاددە ھادىسە. ② ئادەتتىن تاشقىرى، ھەددىدىن زىيادە، غايەت، ئىنتايىن: ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ بىر مەۋسۇم ئىچىدە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى . ③ ئالاھىدە ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ياكى مەخسۇس شارائىت تەلىپى بىلەن بەلگىلىنىدىغان، سادىر بولىدىغان؛ نۆۋەتتىن تاشقىرى: پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە. پەۋقۇلئاددە ئەلچى. * ئۇ ساقچى ئەمەلدارى بىلەن يىپەك سەللىلىك ئاخۇننىڭ سۆزىدىن پەۋقۇلئاددە بىر يېڭىلىقنى سەزدى. LCe6](Z  
ئوبيېكتىپ ــ ① ئاڭدىن تاشقىرى بولغان ۋە ئاڭغا، كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشىغا بېقىنمىغان، باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، «سۇبيېكتىپ» نىڭ ئەكسى: ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. ئوبيېكتىپ شارائىت. ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت. ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ② نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بويىچە تەھلىل قىلىپ چىقىرىلغان، شەخسىي ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇلمىغان، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي، دۇرۇس، ھەقىقىي: ئوبيېكتىپ باھا. ئوبيېكتىپ خۇلاسە. Qtt3;5m  
ئىزاھ ــ ① سۆز، ئىبارە ھەم ئۇنىڭ مەنىسى ياكى ۋەقە- ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارغا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھات، يەشمە، شەرھ: ئىزاھ بەرمەك. بوۋاي ئىزاھ تەلەپ قىلىپ ئادىلغا قاراپ قويدى. ② تېكىستلارنىڭ ئايرىم يېرىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى ئايرىم مەسىلىگە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ قوشۇمچە مەلۇمات، ئەسكەرتىش: تەرجىمان يەنە ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇكەممەل ئىزاھلارنى قوشقان. =GiN~$d  
ئاكادېمىيە ــ دائىرىسى نىسبەتەن چوڭ بولغان ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگان : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى . =4OV }z=I  
كاندىدات ــ ① تەيىنلىنىش، سايلىنىش ياكى بىرەر تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن: كاندىدات پارتىيە ئەزاسى. كاندىدات تەتقىقاتچى. كاندىداتلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىدىن بەلگىلىنىپ قويۇلغانىدى. ② بىرەر پەن بويىچە دىسسېرتاتسىيە ياقلاش ئاساسىدا بېرىلىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئىلمىي ئۇنۋاننى ئالغان كىشى : تېخنىكا پەنلىرى كاندىداتى . پەلسەپە پەنلىرى كاندىداتى . EOS[MjX+J  
ئىستىپا ــ ئۆز مەنسىپىدىن ياكى خىزمىتىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن چېكىنىش ، ۋاز كېچىش ، بوشىنىش : ئىستېپا سورىماق . ئىستېپا بەرمەك . ;qcOcm%  
زولوگىيە ــ ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيىسى ، فىزىئولوگىيىسى ، ئېكولوگىيىسى ، تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ، تارقىلىشى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . q 2 ;CvoF  
كومىسسىيە ــ① بىرەر ۋەزىپىنى بېجىرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا : ئىمتىھان كومىسسىيىسى . ② شۇنداق گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى : قادىر مۇئەللىم فىزىكا ئىمتىھانىغا كومىسسىيە بولۇپ كىردى . Z@AN0?,`~o  
ئىمپېرىيە ــ تېررىتورىيىسى ئىنتايىن زور ياكى مۇستەملىكىسى بولغان پادىشاھلىق دۆلەت . i8#:y`ai  
hE'>8{  

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:38
ھەربىر تېكىست بويىچە يوللاپ ،ئىشلىتىلىش قىممىتىنى ئاشۇرۇپسىز،كۆپ ئەجىر قىپسىز جۇمۇ،ھارماڭ.

ئايبىكە 2013-07-23 23:34
ھەربىر يازمىڭىزدىكى سۆزلەر ئىزاھاتىنى توپلام قىلساق تەبىئىي لوغەت بولغۇدەك. Dw,LB>Eq,  
پايدىلىق يازمىلىرىڭىز بىلەن مۇنبىرىمىزگە ھىدى ئۆزگىچە گۈللەردىن تۈزۈلگەن گۈلدەستىلەرنى سونۇۋاتىسىز.

uzqak 2013-07-23 23:36
نادىرلاشقا كۈچۈم يەتمەيدىكەن  

koksangun 2013-07-23 23:36
ئىستىپا ــ ئۆز مەنسىپىدىن ياكى خىزمىتىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن چېكىنىش ، ۋاز كېچىش i({MID)/_  
Q5*"t*L!N  
5-:H  
بىزدە ئۆزلۈكىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلار ئاز...

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-24 12:51
مۇشۇنداق يوللىسىڭىز تەبىئىي بىر توپلام بولغۇدەك

gulhan 2013-07-25 00:04
تەۋپىقنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن ، ئەدبىياتىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ھەر كۆرگىنىمدە تۇلۇمۇ  مىنەتدار بولىمەن. 5.lg*vh  
بۇ مىنەتسىز پەزىلەتلىك ئىنىمىز بولغاچقىلا بىز بۇ مۇنبەرگە توپلىنىپ ، يىغىلغان جەۋھەرلەردىن پايدىلىنۋاتىمىز.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 12:20
بىزدە ھەقىقەتەن ئۆزلۈكىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلار بەكلا ئاز !

ئايبىكە 2013-07-27 12:55
جۇڭگوچىلىقتا مەجبورىي ئىستىپا بەرگۈزۈش قىلىپلىشىپ قالدى.،

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-27 18:33
بۇ مىننەتسىز ،پەزىلەتلىك ئىنىمىز بولغاچقىلا بىز بۇ مۇنبەرگە توپلىنىپ ، يىغىلغان جەۋھەرلەردىن ئورتاق پايدىلىنۋاتىمىز.


查看完整版本: [-- 5. قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled