tawpek |
2013-07-23 19:22 |
4. نەۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيىتى(ئىزاھات)
Ek84yme# 4. نەۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيىتى jn]{|QZ ئازاد سۇلتان ــ 1950-يىلى ئۈرۈمچىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەدەبىياتشۇناس پىروفېسور . ئۇنىڭ ‹‹بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغۇرسىدا›› قاتارلىق بىر نەچچە پارچە تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان . ]NN9FM.2b/ ئەلشىر نەۋائىي ــ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىيات خەزىنىسىگە ئاجايىپ چوڭ مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلاۇغ شائىردۇر. ئۇ 1441- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ھىراتتا تۇغۇلۇپ، 1501- يىىل 1- ئاينىڭ 3- كۈنى 60 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ‹‹خەمىسە››، ‹‹چاھار دىۋان››، ‹‹ھەيرەتۇل ئەبرار›› (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى)، ‹‹پەرھاد- شېرىن››، ‹‹ لەيلى- مەجنۇن››، ‹‹سەبئەئىي سەييارە›› (يەتتە سەييارە)، ‹‹ سەددى ئىسكەندەر›› (ئىسكەندەر سېپىلى)، ‹‹سراجىل مۇسلىمى›› (مۇسۇلمانلار چىرىغى)، ‹‹لسسانۇت تەير›› (قۇشلار تىلى)، ‹‹ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين›› (تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە)، ‹‹ئارزۇ تۈركى›› قاتارلىق بەدىئىي، ئىلمىي ئەسەرلەرى بار. ,!c. مۇتەپەككۇر ــ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىستېداتىغا ئىگە بولغان كىشى، تەپەككۇر ئىگىسى: بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە يازغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىشكەن.
4"0`J شېئىرىيەت ــ ① بىرەر مىللەت ياكى خەلقنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ يىغىندىسى؛ پوئېزىيە: ئۇيغۇر شېئىرىيىتى. شېئىرىيەت خەزىنىسى. ② شېئىر يېزىش سەنئىتى: ئۇ شېئىرىيەتتىن خەۋەردارلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان نېغمەت خەلپىتىم دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ كۈنلەردە ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى قاتارىدا ئىدى. R5qC;_0cV پەلسەپە ــ ① دۇنيا قاراش ھەققىدىكى تەلىمات، كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا (تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر) توغرىسىدىكى تۈپ كۆز قاراشلىرىنىڭ سىستېمىسى، تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن جەمئىيەت توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە يەكۈنى. ② كۆچمە. ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان، پاكىتسىز، ئاساسسىز پىكىر، سەپسەتە، قۇرۇق گەپ: روزى سادىقنىڭ گېپىنى كېسىپ: - پەلسەپە ساتمىساڭچۇ، ھويلىغا نەدىن كىردىڭ؟ - دېدى. \9!W^i[+ ئېستېتىكا ــ تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى گۈزەللىكنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئاساسلىقى گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى، سەنئەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. :v=Yo ئۆرنەك ــ ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا، قىلىشىغا، ئىشلىشىگە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۈلگە بولىدىغان نەرسە: ئۆرنەك ئالماق. ئۆرنەك قىلماق. ② باشقىلار ئەگەشسە، ئۆگەنسە، ئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىلغارلىق نەمۇنىسى؛ ئۈلگە: تاشۋاي پەدە بېسىشتىن زەخمەك ئۇرۇشقىچە زېرىكمەي- تېرىكمەي ئۆگىتەتتى، ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكا ئاھاڭلارنى چېلىپ ئۆرنەك كۆرسىتەتتى. -k=02?0p+ سېيما ــ ① قىياپەت، كۆرۈنۈش؛ چىراي، يۈز، ئوبراز: ھەر قېتىم بىرەر نەتىجە قازانغىنىمدا دادامنىڭ مۆمىن ھەم مېھرىبان سېيماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ. ② سىمۋول، ئوخشىتىلىدىغان ياكى ئوخشايدىغان نەرسە: شۇڭا تاغ مەردانىلىك ھەم قەد كۆتۈرمەككە مىسال، قارىغاي، چىنار ۋە شەمشاد مەردلىككە سېيما ھەر زامان. ③ ئىپادە؛ ئالامەت، ئىز: سەن تۇغۇلدۇڭ، مەسۇم يۈزۈڭدىن، كۆرۈنمەيدۇ ھەسرەت سېيمايىسى. سەن تۇغۇلدۇڭ قۇياش قوينىدىن، غۇنچە يەڭلىغ كۈلۈپ گوياكى. 8 yQjB-,# ۋارىس ــ ① مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان شەخس، مىراسخور. ② كۆچمە. ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئىزىنى باسقۇچى، ئىزباسار: سەن ئەسلىدە ئابنۇس ئارىلىنىڭ ئىگىسى، شاھ ئارمانۇسنىڭ ۋارىسى ئىدىڭ. ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . $#1i@dI
|
|