查看完整版本: [-- 2 . ئانا تىلىم(ئاتالغۇلارغا ئىزاھات) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> 2 . ئانا تىلىم(ئاتالغۇلارغا ئىزاھات) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-23 19:21

2 . ئانا تىلىم(ئاتالغۇلارغا ئىزاھات)

h5do?b v!  
2 . ئانا تىلىم X;vfbF   
تېيىپجان ئېلىيېف ــ (1930-1989) قورغاس ناھىيسىدە تۇغۇلغان، تۇنۇلغان شائىر، كۆپلىگەن توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. T0Kjnzs  
جىلۋىدار ــ ① گۈزەل، نازاكەتلىك. م: ئۇ تاماشىبىنلارغا بىر جىلۋە قىلىۋەتكەندىن كېيىن مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ يەنە پىرقىراشقا باشلىدى. ② رەڭمۇرەڭ تاۋلىنىش، كۆركەم كۆرۈنۈش. م: سەھەردىكى گۈللەر باشقىچە جىلۋە قىلاتتى. r) SG!;X  
زۇلپىقار ــ ناھايىتى ئۆتكۈر قىلىچ. مەسىلەن: ئۇ زۇلپىقارىنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى. 'PBuf:9lN  
تۆھپىكار ــ تۆھپىسى بار، تۆھپە ياراتقۇچى كىشى: پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغان تۆھپىكارلار تەقدىرلەندى. ∥ تۆھپىكار قىز. :=J^"c  
ئابىدە ــ مەڭگۈتاش. ئۈستىگە ئەستىلىك خەت-ئىبارىلەر ياكى سۈرەتلەر چېكىلگەن چوڭ خاتىرە تاشلار. ئەسلەتمە بۇيۇملار؛ \{RMj"w:  
چېقىن ــ چاقماق : چېقىن تاغدا كۆپرەك چاقىدۇ. قارا بولۇت قويۇق يەردە ھاۋا گۈلدۈرلەيدۇ ئەمەسمۇ! 0Gr^#`  
ئاپرېنچۇر تېگىن ــ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىر. U^@8ebv  
ھەيرەت ــ كۈتۈلمىگەن نەرسە، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارغا ئۇچرىغاندا سېزىلىدىغان ھەيران بولۇش ھېسسىياتى، ھەيران بولۇش، ئەجەبلىنىش: ھەيرەتتە قالماق. 5{esL4k  
قامۇس ــ مۇكەممەل، تولۇق لۇغەت، ئېنسىكلوپېدىيىلىك لۇغەت: «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادىتى، ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن مۇكەممەل قامۇس. M< 1rQW'  
دەستۇر ــ ① ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانما، نىزام، كىتاب؛ قائىدە- قانۇنلار توپلىمى: پۈتۈلگەن دەستۇرنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ② تېبابەت رېتسېىپلىرى مەجمۇئەسى: سامساق مەن ئۆگەنگەن دەستۇرلاردا قورساق ساھىلىگە مۇناسىپ دورىلاردىن بىرى. "+@>!U  
IcDAl ~uG  

gulhan 2013-07-23 19:22
تەۋپىقىنىڭ ئەجرىدىن بىز بەكمۇـ بەكمۇ مىنەتدارمىز.

ئايبىكە 2013-07-23 19:48
سۆزلەر ئىزاھاتى -يېڭى بىر دۇنيانىڭ ئاچقۇچى بىلەن باراۋەر.تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش،ماقالە يېزىقچىلىقى،تېكست مەزمونىنى چۈشىنىشتىكى قۇرال.ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:35
ئىنكاسىڭىز بەك جايىدا بوپتۇ.


查看完整版本: [-- 2 . ئانا تىلىم(ئاتالغۇلارغا ئىزاھات) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled