查看完整版本: [-- 1. ياتۇر(سۆزلەرگە ئىزاھات) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> 1. ياتۇر(سۆزلەرگە ئىزاھات) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-23 19:19

1. ياتۇر(سۆزلەرگە ئىزاھات)

jTqJ(M}L  
1. ياتۇر x&u@!# d]  
ياتۇر - ياتار، ياتىدۇ. jJYCGK$=  
قۇتلۇق شەۋقى ــ (1876-1937) شائىر ۋە ژۇرنالىست. قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىسىر، تۈركىيەلەردە ئوقۇغان. 1920-ۋە 1930-يىللاردا قەشقەردىكى ئاقارتىش ھەركەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. @ >'Wiq!  
كۆرمىگىل ــ كۆرمە، دەپ ئويلاپ قالما bg9_$laDi  
بۇغرا  ــ ئەركەك تۆگە. م: بۇغرا تۆگىلەرنى باشلاپ يايلاق تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. *a_QuEw _k  
سۇتۇق بۇغراخان ــ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (901-956) ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، دىنىي ئالىم، سىياسىئۇن، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە. سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار ئۇيغۇر خاندانلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ، قاراخانلىيلار ئۇيغۇر خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلغان. ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەرلىكىنى دۆلەتنى قوغداش يولىدا ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەر قويۇلغان جايغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان، ئۇ يەر ‹‹شىھىت ماكانى›› يەنى ‹‹مەشھەد›› دەپ ئاتالغان. ئۇ يەردە ھازىرمۇ ‹‹ھەز سۇلتان››، ‹‹ھەز سۇلتۇنۇم›› دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كىلىۋاتقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى بار. ‹‹ھەز سۇلتان›› دىگەن سۆز ‹‹ھەزرەت سۇلتان›› دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشى بولۇپ، ‹‹ھەزرەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان›› دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. ‹‹سۇلتان›› دىگەن سۆز ئەرەبچە ‹‹سەلتەنەت ئىگىسى›› دىگەن مەنىدە بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى ۋاقتلىرىدا قۇشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخى ماتىرىياللاردا بولسا ‹‹سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇكېرىم›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ‹‹ئابدۇكېرىم›› ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇيۇلغان ئىسمى. DT;;4- {  
ئول ــ ئۇ، ئاۋۇ XxB%  
شەھىدۇ ــ شاھىد، شاھىد بولماق، گۇۋاھلىق بەرمەك ^CDh! )  
ئارسلان ــ ① مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان، سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان: ئارسلان بالىسى ئارسلان بولىدۇ (ماقال). ② كۆچمە. باتۇر، قەيسەر، زەبەردەست، قورقماس، قاپ يۈرەك: تۇغۇلدۇم، «ئارسلان بول» دەپ ئانام سۆيگەن پېشانەمگە، سېلىپ زەڭ ھەر سۆزۇم، قەلبىم، مىجەز- خۇلقۇم، ئىپادەمگە. ③ ئەرلەر ئىسمى. hA~5,K0b  
‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› ــ 11- ئەسىردە ئۆتكەن پۈيۈك پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر ئەسىرى. مەنىسى بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم. M@.?l=1X  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ــ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019 - يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462 - يىلى (مىلادىيە 1069 - يىلى) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. خاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە ‹‹خاس ھاجىپ››لىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى، ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. ئەدىب مىلادىيە 1085 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان. }W]k1Bsx  
ئېرپان ــ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى، مەدەنىيىتىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان تەلىم- تەربىيە؛ مەرىپەت، مائارىپ: ئىلىم- بىلىم مەنبەسى نۇرى ئېرپاندۇر كىتاب، تېخنىكىسىنىڭ خەزىنىسى كەڭرى ئىمكاندۇر كىتاب. CH h6Mnw  
يادىكار ــ ① بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى شەخسنى ئەسلىتىش ۋە كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن تەقدىم قىلىنغان نەرسە، سوۋغا، نىشانە: يادىكار قىلماق. * جىمجىتلىق ئىچىدە قولۇمدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ② ئەر - ئاياللار ئىسمى. 3WdANR  
‹‹دىۋانۇ لۇغەت›› ــ ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس، مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرىنىڭ  ئەسىرى. مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يىزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللۇنۇشنى زۆرۈر كۆرىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنىيەت، تارىخ، ئارخىئولوگىيە، دىن، توپونومىيە _ يەر ناملىرى، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگىرافىيە، پەلىسەپە، جۇغراپىيە، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكىلوگىيە جەھەتلەرگە چىتىلىدىغان قامۇس ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرنى ئورگانېك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا 242 كۇپلېت شېئىر- قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال- تەمسىلنى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فونېتىكىلىق، گرامماتىكىلق قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. 9ev " BO  
مەھمۇد كاشغەرى ــ (1008-1105) بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس. شاھانە ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدىرسە ئېچىپ مۇدەرىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئالىمىمىزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم.  TBqJ.a  
شەرەپشان ــ ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا پەخىرلىك نامغا، ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلەر. [P_1a`b  
~\m|pxcj  

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:34
ناھايىتى ياخشى باشلىنىش ۋە كېيىن يوللىغۇچىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىپسىز.

ئايبىكە 2013-07-23 23:25
تەتىلدىمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۈچۈن يازما يوللاۋاتىسىز.ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.


查看完整版本: [-- 1. ياتۇر(سۆزلەرگە ئىزاھات) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled