查看完整版本: [-- ئانا تىلىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ئانا تىلىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-23 19:01

ئانا تىلىم

. ئانا تىلىم
تېيىپجان ئېلېيىف

ئوقۇتۇش نىشانى:
1. ئاپتور ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ( مۇھىم نوقتا )
2. شېئىرنىڭ بەدىئي ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلىش (قىيىن نوقتا )
ھېسسىيات نىشانى:
ئۆز ئانا تىلىنى سۆيۈش، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، قەدىرلەش ۋە ئانا تىلىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1. يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش ( ‹‹تۈگىمەس ناخشا›› نى ئاڭلىتىش ئارقىلىق يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش )
2. ئاپتور ھەققىدە:
تېيىپجان ئېلېيىف (1930-1989) قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. تۇنۇلغان شائىر. ئۇنىڭ ‹‹تۈگىمەس ناخشا›› قاتارلىق كۆپلىگەن توپلاملىرى بار.
3. ئەسەر ئۈستىدە تەھلىل
بۇ چاچما شېئىردا ئاپتور ئانا تىلى- ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، يېقىملىقلىقى، تارىختىن بۇيان تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنيىتىمىزدە ئوينىغان رولىنى چەكسىز پەخىرلىنىش ئىچىدە مەدھىيلىگەن.
ئانا تىلىمىز شۇنچە ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان نۇرغۇن بوران– چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ خۇددى قەيسەر ئانىدەك جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇنى سۆيىدۇ ۋە مەڭگۈ قوغدايدۇ، دېگەن ئىدىيىنى ئىپادىلىگەن.
ئوخشىتىش، سۈپەتلەش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلانغان.
4. دەرسخانىدىكى مەشىق
1) تېيىپجان ئېلېيىف كىم؟ ئۇنىڭ يەنە قانداق ئەسەرلىرىنى بىلىسىز؟
2) چاچما شېئر ھەققىدە چۈشەنچىڭىزنى بايان قىلىپ بېقىڭ.
3) ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ۋە ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك دەپ قارايسىز؟
5. تاپشۇرۇق
ئەسەرنى نەسرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ يېزىپ كېلىڭ.
6. دوسكا لايىھىسى
                  2. ئانا تىلىم
تېيىپجان ئېلىيىف
تېيىپجان ئېلىيىف (1930-1989) قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. تۇنۇلغان شائىر. ئۇنىڭ ‹‹تۈگىمەس ناخشا›› قاتارلىق كۆپلىگەن توپلاملىرى بار.
7. دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:

تەۋپىقنىسا 2014-04-08 10:52
ناھايىتى ياخشى تەييارلاپسىز


查看完整版本: [-- ئانا تىلىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled