查看完整版本: [-- ياتۇر(قۇتلۇق شەۋقى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ياتۇر(قۇتلۇق شەۋقى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-23 18:59

ياتۇر(قۇتلۇق شەۋقى)

. ياتۇر
قۇتلۇق شەۋقى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. ئاپتور ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش (مۇھىم نوقتا)
2. ئەسەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى بىلىۋېلىش (مۇھىم نوقتا)
3. ئەسەردىكى ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى چۈشىنىش (مۇھىم نوقتا)
ھېسسىيات نىشانى:
ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەشكە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىككە يېتەكلەش تەربىيىسى بېرىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش سوئالى
1) ساۋاقداشلار، سىلەر قەشقەر توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر ؟
2) ‹‹ياتۇر›› سۆزىنىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ چۈشەندىڭىز ؟
2. قۇتلۇق شەۋقى كىم ؟
قۇتلۇق شەۋقى (1876-1937)- شائىر ۋە ژورنالىست. قەشقەر شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىسىر، تۈركىيەلەردە ئوقۇغان 1930- يىللىرى قەشقەردىكى ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
3. ئەسەر ئۈستىدە تەھلىل
قۇتلۇق شەۋقى ‹‹ياتۇر›› ناملىق بۇ شېئىرىدا يۈكسەك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىنى، ئۇ دەۋرنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان، ئۇنىڭ نەۋرىسى باتۇر ئالىپ ئارسلاننى تىلغا ئالىدۇ. قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئالتۇن دەۋر. تارىختىكى پارلاق سەھىپە. ئەنە شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› قاتارلىق  مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىپ، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا يەنە بىر مۇنار تىكلىدى. ئاپتور قەشقەرنى تىلغا ئالغاندا بۇ دىيارنىڭ تارىخى جەھەتتىكى ئاشۇنداق شان-شەرەپلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىپتىخارلىق ھېس قىلغان، ھۆرمەت ئېھتىرامىنى بىلدۈرگەن.
4. دەرسخانىدىكى مەشىق
1) ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
2) ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قانداق ئەسەر؟ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› چۇ؟
3) قۇتلۇق شەۋقى كىم ؟
5. تاپشۇرۇق
1) قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىڭ.
2) ئۆز يۇرتۇڭلاردىن چىققان مەشھۇر كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى بىلىپ كېلىڭلار.
6. دوسكا لايىھىسى
                        1.ياتۇر
قۇتلۇق شەۋقى
ئاپتور ھەققىدە:
قۇتلۇق شەۋقى (1876-1937)-شائىر ۋە ژورنالىست
ئەسەر تەھلىلى:
1.    قەشقەرھەققىدە
2.    مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە
3.    مەشھۇر ئەسەرلەر ھەققىدە
7.دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:

tursun 2013-09-24 15:54
ئىخچام ھەم مىغىزلىق تەييارلىق بولۇپتۇ...ئالىي تەشەككۈر...!

tursun 2013-09-24 16:00
يارايدىلا دوستۇم تەۋفىق...!     

ئەشمە 2014-03-12 13:53
يەنىمۇ تىرىشىڭ.


查看完整版本: [-- ياتۇر(قۇتلۇق شەۋقى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled