查看完整版本: [-- ئانا تىلنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئانا تىلنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايبىكە 2013-07-23 16:07

ئانا تىلنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن

ئانا تىلنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن
[   ئاپتورى؛    miskin1314 Q1{9>NI  
m >F:dI  
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تارالغۇلاردا ، تور بەتلەردە ئانا تىل-يىزىقىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشنى مەزمۇن قىلغان ماقالە -ئوبزور ، مۇنازىرىلەر ئاڭلىغۇچى ، كۆرۈرمەن ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ -قۇۋەتلەش ئالقىشلىرىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. KK5_;<  
دىمەك ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ ساپ سۆزلىنىشىنى ، يېزىقىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا قائىدىسى بويىچە توغرا ، كۆركەم يېزىلىشىنى ئېلان ، ۋىۋىسكا ، تۇرلۇك ھۆججەت ، يېزىق ماتىرياللاردا تەرجىمىدە ئۆز مەناسىنى تېپىپ ئىپادىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. hg:$H9\%  
pq\N 2d  
ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى ئۆز خاسلىقى ، پۈتۈنلىكى ، گۈزەللىكى مەناسىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان تىلىمىز ، يېزىقىمىز ، بارغانسىرى تىلىمىزدا ئەبجەشلىشىپ  يېزىقلىرىمىزدا گىرامماتىكا قائىدىسىدىن چىقىپ  تەرجىمىلەردە ئۆز مەناسىنى تاپالماسلىق ئەھۋاللىرى ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ؟! w El-  
بۇ ئەھۋاللارغا  نىمە ئۇچۇن كۆپ قىسىملىرىمىز پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولىمىز؟ `u R`O9)e  
تىل -يېزىقىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش پەقەت مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەكتەپ، تارالغۇ ئورۇنلىرىنىڭلا مەسئۇلىيىتىما؟ _%Ua8bR$  
تىل-يېزىقىمىزنىڭ بارغانسىرى قىلىپتىن چىقىپ ھەقىقى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا ئوخشىماي قېلىشىدا ئۇيغۇر مىللىتى بولغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق؟ O:a=94  
بۇلار ھەمىمىز ئويلۇنۇپ بېقىشقا تىگىشلىك بولغان تولىمۇ تەخىرسىز مەسىللەرنىڭ بىرى . `W" ;4A  
#d*gWwnx"  
يېقىنقى يىللاردىن بىرى قوش تىل مائارىپىنىڭ كۆپلەپ يولغا قويۇلىشى بىلەن مەكتەپلەردە  ئۇيغۇر-خەنزۇ تىلى مىللى ئوقۇغۇچىلارغا Ctn?O~u  
ئورتاق ئۇگۇتىلىدىغان بولدى . $~/cxLcT  
بولۇپمۇ بىز شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كىرەككى قوش-تىل مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلىشى ، ئۇيغۇر تىل-يېزېقىنىڭ ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قېلىشى دىگەن مەنانى بەرمەيدۇ ھەم بۇ توغرۇلۇق بىرەر كىملەر بىزگە شۇنداق دىگەن ئەمەس. rly%+B `/  
ئۇنداق بولغانكەن بىزدە ئۆز ئانا تىلىمىزنى سۆزلەيدىغان تىل ، يازىدىغان مۇكەممەل يېزىق قائىدىمىز ، داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان قائىدە -قانۇنلىرىمىز تۇرۇپ ئۆز تىل-يېزىقىمىز نىڭ ساپ ، قائىدىلىك ، توغرا بولىشىنى قوغدىشىمىز خاتالىققا يول قويماسلىقىمىز كىرەكقۇ؟ o)n)Z~  
ئويلۇنۇپ باقايلى ؟ ,6pGKCUU:y  
ئاشۇ ئەبجەش تىللاردا سۆزلىگەن كىم ؟ VCiq'LOR,<  
ئاشۇ ئەبجەش تىللارنى ئاڭلىغان كىم ؟ nf<I  
ئىلان ۋىۋىسكىلاردىكى گىرامماتىكا قائىدىسىگە چۇشمەيدىغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنى تەھرىرلىگەنلەر كىم ؟ Lj#xZ!mQS  
ئاشۇ خەتلەرنى ئوقۇپ  تونۇپ خاتا بوپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدىغانلار كىم ؟ afna7TlS  
ئاڭلاپ تۇرۇپ كۆرۇپ تۇرۇپ پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولغانلار كىم ؟ Ovj^ 7r: 
ھەممىمىزگە مەلۇكى  ئاشۇنداق قىلغانلار دەل ئۆزىمىز . n-],!pL^  
ئاشۇنداق ئەھۋاللار ئۆيىمىزدە ، ئىدارىمىزدە ، كەنت-مەھەللىرىمىزدە يوق دىيەلەمدۇق ؟! بىز ئۇنداق قىلمىدۇق دىيەلەمدۇق ؟! D)DD6  
بەلكىم ئائىلىمىزدە قوش تىل ، خەنزۇ تىل ۋە ياكى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان باللىرىمىز باردۇ ،  ئوقۇغۇچىللىرىمىز باردۇ . ئاشۇ پەرزەنتلىرىمىزنى ئاشۇ ئوقۇغۇچىللىرىمىزنى قايسىمىز ئەبجەش تىلدا سۆزلىمىدى دىيەلەيمىز ؟! jb,a>9 ]p  
بۇنىڭغا قارىتا ئاتا-ئانا بولۇش ، ئوقۇتقۇچى بولۇش ، كىچىكلەر ئالدىدا چوڭلار بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ساپ  ئۇيغۇر تىلدا سۆزلەش لازىملىقىنى ئېيتتىقمۇ ؟ ئۆز ئانا تىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى ئىدىيىسىگە سىڭدۇردۇقمۇ؟ :4Nv6X61  
مۇشۇ نۇقتىلاردا بىزنىڭ  شۇنداقلا ھەر قانداق ئۇيغۇر بولغان  بىر مەننىڭ مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلىرى بارمۇ -يوق! g\8B;  
بەزى بىر ئىشلار بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ قولىمىزدىن كىلىدىغان ئۆز-ئارا ساپ تىلىمىزدا سۆزلەش ، خەت يازغاندا ئىملانى توغرا يېزىش ، پەرزەنتلەرگە ئانا تىل ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇش ، ئەبجەش تىل ، خاتا ئىملارغا قارشى ئىنكاسلارنىمۇ بولسىمۇ بىرەلەيمىزغۇ؟ bc~$"  
ئۇنداقتا نىمىشقا شۇنداق قىلمايمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟ 3)LS# =  
ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ئۆزىمىز ئىگە بولمىساق كىم ئىگە بولىدۇ. kONn7Itbu  
قېنى ئۇيغۇر قېرىندىشىم ‹‹ئانا تىلنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن›› دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى شۇئار قىلىپ ئانا تىل قوغداش جەھەتتە ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشنى دەرھال باشلاڭ . 2-N7%]h  
مەنبە؛مىسرانىم مۇنبىرى EA1&D^nT  

gulhan 2013-07-23 19:08
پايدىلىق يوللانمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:09
يوللانمىڭزىدىن سۆيۈندۈم،ئاناتىلىمىزنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ھەم مەجبۇرىيىتىمىز بار،ھەممىز ئورتاق تىرىشايلى.

tiwix 2013-07-23 22:20
ياخشى يېزىپسىز

koksangun 2013-07-24 00:43
ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ئۆزىمىز ئىگە بولمىساق كىم ئىگە بولىدۇ.

ئايبىكە 2013-07-24 00:51
توغرا دېدىڭىز.ھەركىمنىڭ چىرىقى ئۆزى ئۈچۈن يېنىشى كېرەك. Nh/B8:035  
كونىلاردا؛«ھەركىم ئۆزىنى ئويلىمىسا يەر يۇتىدۇ.»دېگەن گەپ بار.

turbek 2013-07-25 00:28
     ناھايىتى ياخشى پىكىر قىلىپسىز ، قوللايمەن . HOrD20  
     «ئۆگىنىش»سۆزى ھەققىدە ئىزاھ بېرىشنى توغرا تاپتىم . چۈنكى نۇرغۇن يازمىلاردا بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا يېزىلمايۋاتىدۇ . exQU  
     قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆ» ئويلاش، خىيال قىلىش دېگەن مەنىدە؛«ئۆگ» بولسا پىكىر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش دېگەن مەنىدە؛ «ئۆگە» ئەقىل - پاراسەت، ئەقىللىق دېگەن مەنىدە ھەم «ئانا» ۋە « ھۆكۈمران »دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ . XrD@ q  
«ئۆگەن »  پېئىلنىڭ ئۈزەك شەكلى . بۇ سۆز بىز ئۈچۈن ئۇلۇغدۇر. شۇڭا بارلىق كەسپداشلارنىڭ توغرا يېزىشىنى ھەم توغرا سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-26 01:49
ئاناتىلنى قوغداش  ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئولىيىتى!   

ئايبىكە 2013-08-03 00:29
«ئۆگىنىش»سۆزى ھەققىدە ئىزاھ بېرىشنى توغرا تاپتىم . چۈنكى نۇرغۇن يازمىلاردا بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا يېزىلمايۋاتىدۇ .  @4>?Y=#  
     قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆ» ئويلاش، خىيال قىلىش دېگەن مەنىدە؛«ئۆگ» بولسا پىكىر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش دېگەن مەنىدە؛ «ئۆگە» ئەقىل - پاراسەت، ئەقىللىق دېگەن مەنىدە ھەم «ئانا» ۋە « ھۆكۈمران »دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ . lN7YU-ygz  
«ئۆگەن »  پېئىلنىڭ ئۈزەك شەكلى . بۇ سۆز بىز ئۈچۈن ئۇلۇغدۇر. شۇڭا بارلىق كەسپداشلارنىڭ توغرا يېزىشىنى ھەم توغرا سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. j#9n.i %h  
Sv[+~co 
g?>   
ئەسكەرتمىگە كۆپ رەھمەت.

بابۇر0725 2014-02-21 02:32
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى!!! 2-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى دۇنيا ئانا تىل بايرىمىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن تەبرىكلەيلى!!!


查看完整版本: [-- ئانا تىلنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled