ozqan |
2013-07-22 23:17 |
تىل-ئەدەبىياتنى ...
تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئېلىكتىرونلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىمىلىقى توغرىسدا ? ئامىنە بارات LN_OD5gZ :9|W#d{o ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسىنى ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار روشەن ھېس قىلىدىغان بىر بوشلۇق ــ ماتىريال مەنبەسى كەم بولۇشتىن ئىبارەت بوشلۇقتۇر . شۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا قوش تىل بويىچە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىر نۇقتىمۇ دەل خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى ماتىريال مەنبەسىنىڭ مول بولۇشىدىن ئىبارەت مەسىلىدۇر . zK+52jhi مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ رىياسەتچىسى بەييەنسۇڭنىڭ مەخسۇس تېمىلىق زىيارىتىدە موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش تىلدىن بىر تىللىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە بىر ئوقۇتقۇچى : ئەگەر دەرسلەرنى موڭغۇلچە ئۆتسەك موڭغۇل يېزىقىدىكى ماتىرياللار بەكلا كەمچىل دېگەندىن ئىبارەت سەۋەبنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم . OlQ,Ce ھەقىقەتەنمۇ ماتىريال مەنبەسى ، ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى ، ئوقۇتۇش بايلىقلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەممىمىز كەم نۇقتا دەپ ئېتىراپ قىلىپلا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمىساق ، ئاشۇ كەمچىل بولغان ماتىريال بولىقىنىڭ سۈيىنى ئۇلغايتىشقا ، ئاشۇ بايلىق غەزىسىنىنى بېيىتىشقا تۆھپە قوشۇشقا سەل قارىساق ، بۇ مەنبە ئۆزلىكىدىن تولۇقلىنىپ قالمايدۇ . S2VVv$r_6 خۇددى تەۋپىق مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى ئىزدىنىشچان ئوقۇتقۇچىلاردەك بىرىمىز بىر دەرسنىڭ ئېلىكتىرونۇق نۇسخىسىنى ئۇرۇپ چىقساق ، يەنە بىرىمىز بۇ دەرسنىڭ دېتالىنى تۈزۈپ چىقساق ، يەنە بىرىمىز بۇ دەرسنىڭ دەرس تەييارلىقىنى تەييارلاپ چىقساق ، بارلىققا كەلتۈرگەن ئىمتىھان سوئاللىرىنى كومپىيوتېردا ئۇرۇشقا ئېرىنمەي ، كۆپچىلىك بىرگە ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرسەك ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ئەلۋەتتە تېزلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرەلەيمىز ، ھەم ماتىريال مەنبەيىمىزنى تولۇقلىيالايمىز ، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردەك تور بەتلەرنى بىرلا ئاچساق بۇ ئېچىل داستىخاندىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كېلىمىز ... Us~ X9n_F ياشلارنى تەربىيەلەشمۇ مىللىي ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر مۇھىم نۇقتا . بۇ نۇقتىدا ياش ئوقۇتقۇچىلار بۇ تەييار تور بەتلەردىكى « ئوقۇتقۇچىلار » دىن پايدىلىنىپ دەرسنى قانداق تەييارلاش ، قانداق ئۇسۇللاردا ئۆتۈشنى ئۆگىنەلەيدۇ ، قولىدا كىتاب بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ تور بەتلەردىكى تېكستلەردىن پايدىلىنىپ ھەممە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقالايدۇ ،ھەمدە شۇ ئاساستا پىشقەدەملەر بىلەن ياشلار ئارىسىدا قابىليەت جەھەتتە ئۈزۈكچىلىك بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . EC?Efc+O يول ماڭغانچە ئېچىلىدۇ . ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ يول يەنى ، تىل-ئەدەبىياتنى ئېلىكتورونلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت خاسىيەتلىك يول بارغانچە كېڭەيمەكتە . بۇ نۇقتىنى ئوتتۇرغا قويۇشتا تىل-ئەدەبيات ئوقۇتۇشىدىكى مەخسۇسلاشقان تور بەت ــ تەۋپىق تور بېتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . مانا مۇشۇنداق كەسپلەشكەن ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولغان تور بەتلەرنىڭ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ، بۇ خىل تور بەتلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىنتايىن مۇھىم . بۇ خىل تور بەتلەر دەل بىز دەۋاتقان تىل-ئەدەبىياتنى ئېلىكتىرونلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي بازا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . wp.TfKxw قان-تەر تۆكمەي تۇرۇپ نەتىجدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مانا بۇ يولدا مىننەتسىز ھالدا ئىزدىنىشى گۈزەل بولغان كېلەچەكتىن دېرەك بېرىدۇ . '?GQ~Bf<> تىل-ئەدەبياتنى ئېلىكتورونلاشتۇرۇشنىڭ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى دەرسخانا پاكىتلىرىدىن بىلىپ تۇرىمىز ، ئوقۇغۇچىلار قۇرغاق ھالدىكى دەرسخانا مۇھىتىدىن تەسەۋۇرغا باي ، دەرس بايلىقلىرى ۋېتامىنى تولۇق بولغان سېترولۇق تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان دەرس دېتاللىرىدىن تىل-ئەدەبياتنىڭ گۈزەللىكىنى ، جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ يېتىدۇ . ئۇلار دەرسخاندىن سىرتقا قاراپ ئۇچۇۋاتقان خىيال كەپتەرلىرىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئىكراندىكى قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان نۇقتىغا قوندۇرىدۇ .ئوقۇتقۇچىمۇ شۇ ئاساستا دەرس ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل –ئەدەبياتقا بولغان قىزغىنلىقى ئاشۇرالايدۇ . WO,xMfK جاھاندا مۇتلەق نەرسە يوق ، ھەر بىر ئىشىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بار . ، تىل-ئەدەبىياتنى ئىلىكتىرونلاشتۇرۇش مەسىلىدىمۇ شۇنداق تەرەپ بار ، ئەگەر ئىجادىيلىقسىز ھالدا تەييار دەرس تەييارلىقىنى توردىن چۈشۈرۈپلا قويۇپ ، خۇددى باشقىلارنىڭ تەييار چاپىنى چوڭ كېلەمدۇ ، كىچىك كېلەمدۇ پەرۋا قىلماي ، شۇ پېتىلا كىيىۋالسا ئوقۇتقۇچى بەزىدە كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ . بەزى دەرس دېتاللىرىنىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارغۇلارچىلا رەسىم كۆرسەتكەندەك ، كىنو قويۇپ بەرگەندەك كۆرسىتىپ ،ئىجادچانلىقنى بىرلەشتۈرمەي ، ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلماي ، ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلماي ، تەييار دېتاللارغىلا تايىنىۋالسا ، دەسخانا تېخىمۇ ئۆلۈك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ... yD)"c. شۇ سەۋەبلىك سۆزۈمنىڭ تۈگەللىمىسى شۇكى ، ماتىريال مەنبەسى ئۈچۈن ھەممىمىز كۈچەيلى ، تىل-ئەدەبيات دەرس بايلىقلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەيلى، باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتكەن چاغدا ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ ، ئىجادىي ھالدا ئىشلىتەيلى . |
|