查看完整版本: [-- ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى قوغدايلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇراقلىق ئىبارىلەر -> ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى قوغدايلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايبىكە 2013-07-18 09:55

ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى قوغدايلى

ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى قوغدايلى
[تۆۋەندىكىلەر ھاياتلىقنىڭ تۈپ قائىدىلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر: H^sImIEUT  
ھەر قانداق قىممەتلىك نەرسە ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. دەل- دەرەخلەرنىڭ يىلتىزى ئىنتايىن مەزمۇت بولسىمۇ، لېكىن گۈلى بۇنىڭ ئەكسىچە ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كۈچلۈكرەك بىرلا شامال چىقسا توزۇپ كېتىشى مۇمكىن. #M ;j*IBl*  
ئىنسانىيەتنىڭ ئېڭىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، نەپرەت ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن مۇھەببەت ئۇنداق بولمايدۇ. مۇھەببەت خۇددى بىر تال ئاجىز گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر قانداق بىر تاشنىڭ ئاستىدا ئوڭايلا مىجىلىپ كېتىدۇ، ھەر قانداق بىر ھايۋان ئۇنى نابۇت قىلىۋېتەلەيدۇ. zQ~N(Jj?h  
ھاياتلىقنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك قىممىتى قوغدىلىشى شەرت. tNvjwgV\  
قىممىتى تۆۋەنرەك نەرسىلەرنىڭ ئۆزىگە يارىشا مەلۇم قوغدىنىش ئاساسلىرى بولىدۇ. %p;; aZG  
تاشنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لېكىن ئۇنىڭ قېشىدىكى چاتقاللىقتا ئۆسكەن قىزىلگۈل قوغدىلىشى كېرەك. Yr)<1.K4,M  
تاش جانسىز نەرسە، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىراق، قىزىلگۈل شۇنچە جانلىق، شۇنچە گۈزەل، شۇنچە رەڭدار بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭدىكى خېيىم-خەتەر ھەم قۇۋۋەت. {nMCU{*k  
قىزىلگۈلگە ھەر قاچان خېيىم-خەتەر كېلىش ئېھتىمالى بار، كىشىلەر ئۈزۈۋېلىشى ياكى ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. A;TNR  
مانا بۇ گۈل بىلەن تاشنىڭ پەرقى، گۈلنى خەقلەر ئۈزۈۋالىدۇ، تاشقا ھېچكىم چېقىلمايدۇ. \I 7&F82e  
ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتى بەزىدە پارقىراق ۋە سۈزۈك خىرۇستال ئالمىغا ئوخشايدۇ. ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ نابۇت بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوغداشك ېرەك، شۇ چاغدىلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولىدۇ.
مەنبە؛ئانا تۇپراق تورى

ئەكبەرنىياز 2013-07-18 12:33
ئاجايىپ سىمۋوللۇق يېزىلىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

sardar 2013-07-20 16:19
توعرا دەيسىز

گۈلزىبا 2013-07-20 16:51
تەشەككۈر ، ئېسىل  يازمىلاردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن . زىھنىڭىز ئوچۇق بولسۇن .


查看完整版本: [-- ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى قوغدايلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled