查看完整版本: [--
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى
->
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
ئايبىكە
2013-07-17 17:32
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە
GVn!O1jio
H{wl% G
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە
:F?C)F
|{ip T SH
ئادالەت ئابلىمىت
]=BB#
7[)E>XRE
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تىلشۇناسلىق ۋە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپى 2010-يىللىق ماگىستىرانتى)
;V!D:5U
z{QqY.Gu{G
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇچىلىقىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنغان.
[ /r(__.
Pq$n5fZC!
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئاتالغۇ؛ ئاتالغۇشۇناسلىق؛ ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى
!N^@4*
}GM'.yutX
H PVEnVn
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى بولغان تىل - جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۆزىنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولغان تىل تاۋۇشى، لۇغەت تەركىبى ۋە گىرامماتىكىدىن تەركىب تاپىدۇ. ۋەھالەنكى، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر تەرەققىياتىغا نىسبەتەن، تىلنىڭ لۇغەت تەركىبى ئەڭ سەزگۈر ۋە ئىنكاسچان كېلىدۇ. تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىدە جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار تەپەككۇر تەرەققىياتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگۈچى يېڭى سۆز- ئىبارىلەرنىڭ ئۈزۈكسىز بارلىققا كېلىپ لۇغەت تەركىبىنىڭ بېيىپ بېرىشى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشى تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن چېتىلىدىغان يېڭى سۆز ۋە يېڭى ئىبارىلەر بىلەن تولۇقلاپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ھەرخىل ئاتالغۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن–تېخنىكىسى ھەردەقىقە ئۆز يېڭىلىقلىرى بىلەن ھەربىر كىشىنى نەپەسلەندۈرمەي قالمايدۇ، بۇنىڭ ئاددىي مىسالى يېزىلاردىكى «سۇلياۋ يوپۇق» ئاتالغۇسىدىن چوڭ شەھەرلەردىكى KTV ئاتالغۇسىغىچە، ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدىكى DVD، VCD ئاتالغۇلىرىغىچە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆزىگە خاس تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئىگە بولغىنىدەك، تىلىمۇ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئىگە. شۇڭا، تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاتالغۇ ياساش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، تىلىمىزنى ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەربىر تىل ساھىبى ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت. شۇڭا، ھەربىرىمىز ئانا تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، تىلىمىزنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.
i|kRK7[6B
«ئاتالغۇ» دېگەنلىك - پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۇقۇملارنىڭ تىلدا ئىسىم قويۇلۇپ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتالغۇشۇناسلىق - ئاتالغۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. بۇ ئىلىم غەربتە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىق خىزمىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن باشلانغان①. ئەسىرلەر مابەينىدە ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىغا ئالەمچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاتالغۇشۇناسلىقمۇ ئىستىخىيەلىك ۋە ئىستىخىيەسىز ھالدا تەتقىق قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن «تېرمىن» (ئاتالغۇ) دېگەن سۆز كىرگەن، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە راۋاج تاپقان «تېرمىنولوگىيە» (ئاتالغۇشۇناسلىق) تونۇشتۇرۇلمىغان. شۇ سەۋەبلىك مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئاتالغۇلار رۇسچىدىن ۋە رۇسچە ئارقىلىق باشقا ياۋروپا تىللىرىدىن تۈرلەر، كەسىپلەر ۋە پەنلەر بويىچە تەتقىقاتسىز ئۆزلەشكەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ھەققىدىكى تەتقىقات ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن باشلاندى. گەرچە «ئاتالغۇشۇناسلىق» دېگەن نام ئاستىدا بولمىسىمۇ، ئاتالغۇشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغان ئاتالغۇ ياسىغۇچى قوشۇمچىلار، يېڭى ئاتالغۇلارنى ئىپادە قىلىش يوللىرى، ئاتالغۇلارنى قانداق تەرجىمە قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئىزچىل تەتقىق قىلىنماقتا. ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆز-ئاتالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى تەتقىق قىلىنماقتا. شىنجاڭ مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز-ئاتالغۇلارنى ياساش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ كەلدى. ھەر قايسى ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى تىل-يېزىق كومىتېتى تەستىقلاپ، بېكىتىپ ئېلان قىلغان ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىدۇ.
MdF2Gk-9
كىشىلەر ئاتالغۇلارنى مەقسەتلىك ئىجاد قىلىدۇ ۋە ياسايدۇ، كىشى ئىسىملىرى كىشىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارمۇ ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ئاتالغۇ - ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بەلگە. مەسىلەن، ئىنگلىز تىللىق مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان TELEPHONE دېگەن ئاتالغۇنى ياساشتا كىشىلەر دەسلەپتە مۇشۇ ئاتالغۇ كۆرسەتكەن شەيئىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ، «يىراق» دېگەن مەنىدىكىTELE دېگەن سۆز بىلەن، «ئاۋاز» دېگەن مەنىدىكى PHONE دېگەن سۆزدىن پايدىلىنىپ «يىراق ئارىلىقتىن (ئېلېكتىر دولقۇنلىرى ئارقىلىق) كەلگەن ئاۋاز» دېگەن مەنىدىكى TELEPHONE ئاتالغۇسىنى ياسىغان، مانا بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىز تىلى ئانا تىلى بولغان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى ياسالغان چۈشىنىشلىك ئاتالغۇ. ئاتالغۇنىڭ سۆز مەنىسى ئۆزى كۆرسەتكەن شەيئىنىڭ رولىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدىكى BiLGESAYAR دېگەن سۆز، بىلىم مەنىسىدىكى BiLGE دېگەن سۆز بىلەن سانار دېگەن مەنىدىكى SAYAR دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. مانا بۇ سۆزمۇ تۈركلەر ئۈچۈن تولىمۇ چۈشىنىشلىك ئاتالغۇ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاتالغۇنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى ئالاقىدىكى مەلۇم خىل ئېھتىياجنى قامداش، ئىشلەتكەن كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك بولۇشتۇر.
j~MI
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئاساسەن 1930-يىلى «تاشكەنت شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى» نەشر قىلغان كىتابلار ئارقىلىق رايونىمىزدا ئومۇملاشقان②. مەزكۇر كىتابلاردىكى رۇسچە ئاتالغۇلار 50-يىللاردا ئىنقىلابىيلىقنىڭ، ئىلغارلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان، ھەتتا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا رۇسچە ئاتالغۇلار ئومۇملاشتۇرۇلغان. 1960-يىللاردا، ئۇيغۇر تىلىدىكى رۇسچە ئاتالغۇلار خەنزۇچىغا ئالماشتۇرۇلغان ۋە 80-يىللاردا يەنە رۇسچىغا قايتۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلار چەت تىللاردىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ياكى ئۇدۇل - سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنىۋاتىدۇ. خۇددى ئىنگلىز تىلىدا COMPUTER، خەنزۇ تىلىدا 电脑، تۈركچىدە BiLGESAYAR دەپ ئاتىلىۋاتقان شەيئىنى ئىنگلىزچىدىكى ئوقۇلۇشى بويىچە «كومپيۇتېر» دەپ ئىشلىتىۋاتقىنىمىزغا ئوخشاش ياكى خەنزۇ تىلىدىكى 助听器 دېگەن ئاتالغۇنى «ئاڭلاشنى كۈچەيتىش ئەسۋابى» دېگەنگە ئوخشاش. ئىنگلىزچىدە TELEPHONE دېگەن سۆز «يىراقتىن كەلگەن ئاۋاز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەنگىلا بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىمۇ مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرۈشى ناتايىن ھەم قەتئىي ئۇنداق مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، «تېلېفون» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ھېچقانداق لېكسىكىلىق مەنىسى يوق، «كومپيۇتېر» دېگەن سۆزمۇ ئوخشاش. بىز نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشىمىزدا شۇنچە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرگە قەدەر چەت تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى سۆرەپ كىرىپ يەنە چەت تىلىدىن مەنە ئىزدەپ يۈرىمىز، چۈنكى ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىدە قوبۇل قىلىش خاھىشى بەك ئېغىر. ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقىدا ئۇقۇمنىڭ لوگىكىلىق مەنىسى بىلەن شۇ ئۇقۇملارنىڭ تىلدىكى ئىپادىسى بولغان ئاتالغۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىغان. بۇ جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە مۈجمەللىك مەۋجۇت. ئۇقۇم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. ۋەھالەنكى، ئاتالغۇغا ئۇنداق تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاتالغۇ پەقەت ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بەلگە. ئاتالغۇنىڭ ئۇقۇمنى تولۇقى بىلەن ماھىيەتلىك ئىپادىلەپ بېرەلىشى ناتايىن. ھازىر ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقىدا دەل ئاتالغۇنىڭ لوگىكىلىق مەنىسى بىلەن لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ھادىسە مەۋجۇت. مەسىلەن، بىر قىسىم ماقالىلەردە «ئۈچ بۇرجەك قەرز» دېگەن ئاتالغۇ تەھلىل قىلىنىپ «قەرزنىڭمۇ بۇرجىكى بولامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى، «ئۇچار تەخسە» دېگەن سۆزنى مازاق قىلىپ خۇراپىي سۆزلەرنى ئىشلەتمەيلى، «ئۇچار گىلەمگە ئوخشاپ قالدى» دېيىلىپ، «تەخسىمۇ ئۇچامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى، يەنە بىر قىسىم ماقالىلەردە چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلارغا تىلىمىزدىن سۆز ياساش تەكلىپى بىلەن «تېلېۋىزور»نىڭ ئورنىغا «جاھاننەما» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلسا «جاھاننەما» سۆزىنىڭ رىۋايەتلەردىكى رولى سۆزلىنىپ، مەنىسىدىن پۇتاق تېپىلىپ، بۇ ماقالىلەرگە زەربە بېرىلىپ يەنىلا چەتتىن كىرگىنىنى توغرا تېپىشتى. ئەگەر بۇ خىل لوگىكا بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق، نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلارغا قايتىدىن ئىسىم قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا كىشىلەرمۇ ئۆز ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ (ئېنىقكى، ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس). يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرمۇ باركى، ئۇيغۇر ئاتالغۇ تەتقىقاتىدا «ئاتالغۇ ئىپادىلىگەن لوگىكىلىق ئۇقۇم بىلەن ئاتالغۇ ئۈستمۇئۈست چۈشۈشى كېرەك، يەنى ئاتالغۇ ئۇقۇمغا تەڭ» دەيدىغان ساددا چۈشەنچە مەۋجۇت. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەر سۆزلەرنىڭ چەت تىلدىكى مەنىسىگە كۈچىنىڭ بارىچە ئېسىلىۋېلىپ، قوبۇل قىلىشقا بەك خۇشتار بولۇشماقتا. بۇ سەۋەبلىك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۈگۈنكى زامان پەن-تېخنىكىسى ۋە ئىلىم-پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاتالغۇلار ئاساسەن دېگۈدەك چەت ئەلچە. چەت ئەلچە ئاتالغۇلارنىڭ يېنىغا خەنزۇچىسىنى ياكى ئەسلىي تىلدىكىنى ئەسكەرتىپ يېزىپ قويمىسا، ئاتالغۇنىڭ نېمە شەيئىگە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ (بۇنداق قىلىشمۇ گېزىت-ژۇرناللاردا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى). تىلىمىزدا بار دېيىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى خەنزۇچىسىز ياكى چەت تىلىسىز چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسەك، بۇنى قانداقمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت بايلىقىنى بېيىتتى، ئۇيغۇر تىلىغا تۆھپە قوشتى دېگىلى بولسۇن؟! بۇلار خەلق ئارىسىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتا ھەرگىزمۇ ئىجابىي رول ئوينىمايدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەبىئىي پەنلەردىكى نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىشىنىمۇ ئاتالغۇلارنىڭ چەت ئەلچە، چۈشىنىكسىز بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەنىسى يېنىغا ئىزاھلانمىسا چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بۇ خىل ئاتالغۇلارنى بىز ئاتالغۇ ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى «تاۋۇشلار دۆۋىسى» دېگىنىمىز تۈزۈك. بىر ئاڭلىماققا تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېسكوپ، پىرىنتېر، فوتوگراف دېگەندەك سۆزلەر ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنە ئوچۇقلۇقى بېرەلمەيدۇ. ھازىر جۇڭگودا خەنزۇ تىلىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان 方针، 路线 دېيىلىدىغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ھەرقانداق خەنزۇ تىللىق كىشى بىر ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدۇ، بۇ خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ياسالغان بىر ئاتالغۇ. مەلۇمكى، ھازىر ئۇيغۇر ئاخباراتلىرىدىمۇ مۇشۇ سۆزلەر خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلۇشى بويىچە «فاڭجېن»، «لۇشيەن» دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلىدا «فاڭجېن»، «لۇشيەن» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ خەنزۇ تىلىدا 方针 دېگەن سۆز تەرەپ، يان مەنىسىدىكى 方 دېگەن سۆز بىلەن ئىسترېلكا، يۆنىلىش مەنىسىدىكى针 دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ئاتالغۇ. 路线 دېگەن سۆز بولسا خەنزۇ تىلىدىكى يول، تەرەپ دېگەن مەنىدىكى 路 دېگەن سۆز بىلەن سىزىق، يول، لىنىيە دېگەن مەنىدىكى 线 دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ئاتالغۇ. ئۇيغۇر خەلق تىلىدا «ئاقىللارنىڭ كۆرسەتكەن يولىنى چىڭ تۇت، ئاتاڭنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقما» دەيدىغان گەپ بار، «سىزغان سىزىق دېگەنلىك - پىرىنسىپ، كۆرسەتمە» دېگەنلىك بولىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىمۇ پارتىيەنىڭ كۆرسەتكەن داغدام يولىدا مېڭىپ، سىزغان سىزىقىدىن چىقماي، پىرىنسىپىنى ھىمايە قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، ھازىر ئاخباراتلىرىمىزدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرايلى» دېگەن جۈملىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ «پارتىيەنىڭ يولى، كۆرسەتمىسى، سىياسىتىدە چىڭ تۇرايلى» دەپ ئالساق، بۇ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ھازىر يەنە بىرقىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ گەپ تېخىچىلا «پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرايلى» دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دېيىلىۋاتقان «فاڭجېن، لۇشيەن» لەر بولسا، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تۇرسا، شۇ گەپنىڭ ئۆزى ئېنىق بولمىسا، ئۇ ئىپادىلەۋاتقان مەزمۇننى قانداقمۇ باشقىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگۈلۈك؟ مانا مۇشۇنداق تولىمۇ يېنىكلىك بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ قويۇلغان ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى ئاۋۇتماقتا. بۇنداق مىساللاردىن يەنە نەچچە يۈزنى ھەتتا نەچچە مىڭنى كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تىلىمىز ھەقىقەتەن ئۆزىدىكى ھارامشاخلارنى پۇتىۋەتمىسە بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. مەن تۆۋەندە بىر قىسىم قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارنى خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدىكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا دېيىلىۋاتقان ئاتالغۇلار شۇ تىلنىڭ فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە باب كەلگەن ئاساستا ياسالسا بولىدىكەن، بىزدە نېمە ئۈچۈن چەتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ ياكى سۆزمۇسۆز ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنىدۇ؟ بۇنى ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىش لازىم.
fP1!)po
Gc7=
ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغىنى خەنزۇچىسى ئىنگلىزچىسى
J}t%p(mb
ئىستۇدېنت 大学生 student
iy"*5<;*DD
پىرىنتېر 打印机 printer
I-)4YQI
كاتالوگ 目录 catalogue
>Q*Wi
فاكس 传真 fax
2AdDIVYC
سېلسار 钳工 salsas
FI.\%x
سىكاننىر 扫描器 scanner
Dv6}bx(
ماركىتېڭ 市场营销 marketing
'ga/
تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيەسى 低生育水平 low fertility
p7~!z.)o
پورتمال 钱包 Wallet, purse
/{2,zW
ئائېراتور 充气器 aerator
I+(nu47ZT
پويىز 火车 train
u&e~1?R
ئايروپىلان 飞机 airplane
>GuM]qn
تېلېۋىزور 电视机 television
kf9X$d6
روزېتكا 插座 socket
d_CT$
سىتېپېسېل 插头(插销) plug
v^PO|Z
گېئورېزىيە 测量学 metrology
r<\u6jF
كاماندىروپكا 出差 business trip
)}vl\7=
ماشىنىست 打字员 typist
M%#e1"n
داتچېك 传感器 sensor
=M-p/uB]
رېپېر 裁判员 referee
nFn5v'g
نېگاتىپ 低片 negative
lfg6646?S
زوئولوگىيە 动物学 zoology
ElXFeJ%[G
رېلى 断电器 breaker
e;jdqF~v!
مېتودولوگىيە 方法论 methodology
u4j5w
ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلى 工亡补助金 ــــــــــــــــــــ
D]}G. v1
فورماتلاش 格式化 format
,s(,S
مىنېرال سۇ 矿泉水 mineral water
nK,w]{
ساناتورىيە 疗养院 sanatorium
pUT r!fR
يۇقىرىقى ئاتالغۇلار ۋەكىللىكىدىكى مىڭلىغان ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس كەلمىگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىلىغا مەجبۇرىي سۆرەپ كىرىلگەن، زور كۆپچىلىكى ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا تىللارنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇلارغا ئىزاھ بەرگەندە، ئۇنىڭ ئەسلىي تىلدىكى مەنىسى چۈشەندۈرمەي ياكى خەنزۇچىسى بىلەن سېلىشتۇرماي تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئاتالغۇلارنى ئاتالغۇشۇناسلىق دەپ ئاتىغاندىن كۆرە «قوبۇلشۇناسلىق» دەپ ئاتىغان تۈزۈكتەك قىلىدۇ. بىز زادى نېمە سەۋەبتىن شۇنچە كۆپ سۆزنى چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىمىز؟ چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارنى چەت تىللاردا نېمە دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا قىلچىمۇ ئۆزلەشتۈرمەي، ئۇنى بىر تال تاۋۇشقىچە ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز؟ چەت تىلغا شۇنچە سادىق بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن-يۇ، ئۆز تىلىمىزغا نېمە ئۈچۈن سادىق بولمايمىز؟ تىلىمىزدىكى شۇنچە كۆپ تەركىبلەرگە چەت تىلىدىن مەنە ئىزلەپ ئۇنىڭ تاۋۇشلۇق ھالىتىنى مەجبۇرىي سۆرەپ كىرىمىز، چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش ھەممە تىلدا كۆرۈلىدۇ، بۇ توغرا. بىر قىسىم خەلقئارا ئاتالغۇلار ۋە سۆز تېپىشقا زادى ئىمكانىيىتى بولمايدىغان سۆزلەرگە قىسمەن يول قويساقمۇ بولىدۇ، ئەمما چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەسكى، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تەڭدىشى تىلىمىزدا بار تۇرسىمۇ يەنە تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ بىر يەرلىرىدىن قەستەن پۇتاق چىقىرىپ، ئۇنى ئىشلەتمەي چەت تىلدىكىنى سۆرەپ كىرىش ھەقىقەتەن ساددىلىق بولىدۇ. چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىندىمۇ دەيلى، ئەمما بەزى سۆزلەر خاتا ئۆزلەشمەكتە، مەسىلەن، تىلىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېگەن سۆز تۇرسىمۇ يەنە ئىنگلىز تىلىدىكى student سۆزى «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئېلىپ كىرىلدى، بەزىلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئىستۇدېنت دېيىشنى مەدەنىيلىك دەپ بىلدى ۋە شەرەپ ھېس قىلدى. ئىنگلىز تىلىدىكى student سۆزى بىلەن تىلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېگەن سۆز مەنە جەھەتتىن ئۈستمۇئۈست چۈشمەيدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېسەك، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېسەك بولىدىكەن؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنى نېمىشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېمەي ئىستۇدېنت دېگۈدەكمىز؟ student سۆزى بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئوقۇغۇچى» سۆزىگە ئۈستمۇئۈست چۈشىدۇ، ئىنگلىز تىلىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ student دېيىلىدۇ، بۇ سۆزنى ئۇيغۇر تىلىغا ئېلىپ كىرىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.
9my^ Y9B
بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا تەكلىپ
eJSxn1GW
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئاتالغۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىم قويۇش ئىمكانىيىتى بار. تۆۋەندە بىر قىسىم چەت تىلىدىن كىرگەن ۋە مۇۋاپىق ياسالمىدى، دەپ قارىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىمكانىيىتى بولغان ئاتالغۇلارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن:
M{\I8oOg
ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلىۋاتقىنى خەنزۇچىسى تەكلىپ
O}P`P'Y|'
دىجورنى 值班员 نۆۋەتچى
74u&%Rj
ئىمپورت 进口 كىرىلمە
g\U-VZ6;p
ئېكسپورت 出口 چىقىلما
F:VIzyMq<
دىيالوگ 对话 سۆزلىشىش
u y+pP!<
رادىياتور 散热器 سوۋۇتقۇچ
z{6Z 11|
تىرېنېر 教练员 مەشقاۋۇل
\G BuWY3B
زوئولوگىيە 动物学 ھايۋانشۇناسلىق
lFkR=!?=
كاتالوگ 目录 تىزىم
B:<VA=
كومبايىن 收割机 ئورغۇ
teP
بىبىلئوگرافىيە 目录学 تىزىمشۇناسلىق
~~.}ah/_d
پىرىنتېر 打印机 باسمىدان
7^285)UQA
فاكس 传真 ئۇچخەت
yu|>t4#GT
سۇلياۋ 塑料 يالتىراق
8|^7ai[am
رېلى 断电器 تاقاق
54,er$$V
پىلاستىر 胶布 چاپلاق
T|$H#n}
ئىنستىتۇت 学院 بىلىميۇرت
mq l Z?-
ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى 自动取款机 پۇلدان
VTM/hJmwJ
سوپۇن پاراشوكى 洗衣粉 ئۇنسوپۇن
hp2t"t
ئاپتوماتىك 自动 ئۆزلە
Xvv6~
خەلق ئىشچىسى 民工 ئىشلەمچى
EnR}IY&sI
ئىجتىمائىي رايون 社区 مەھەللە
w]H->B29C
كۈن نۇرى لامپىسى 日光灯 كۈنچىراغ
XX@ZQcN
كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 投影仪 كۆلەڭگۈچ
|>Vb9:q9Po
تەكلىپ بېرىلگەن ئاتالغۇلارغا ئىزاھ
eDMO]5}Ht
دىجورنى 值班员 نۆۋەتچى
f 2.HF@
دىجورنى [رۇسچە] - مەلۇم ئورۇندا، مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغۇچى، يەنى شۇ ۋەزىپىنى ۋاقىتلىق ئۈستىگە ئالغۇچى بولغاچقا، بۇ كىشى ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ۋەزىپە ئۇنىڭغا يەنە كېلىدۇ، يەنى نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دىجورنى دېگەن بۇ سۆز ئېغىز تىلىدا ئاللىقاچان «نۆۋەتچى» دەپ ئومۇملىشىپ كەتكەن. «دىجورنى» دېگەنگە قارىغاندا «نۆۋەتچى» چۈشىنىشلىك بولىدۇ.
53D]3
ئىمپورت 进口 كىرىلمە
Za9qjBH
ئىمپورت [ئىنگلىزچە] - بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتتىن تاۋار كىرگۈزۈش پائالىيىتى. ئىنگلىزچىدىكى Import دېگەن سۆز Im ئىچ (رەۋىش) بىلەن port يۆتكەش(ئىسىمداش)تىن ئىبارەت ئىككى مەنىلىك بۆلەكنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ئىسىم، يەنى دۆلەت سىرتىدىن دۆلەت ئىچىگە تاۋار كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ مەنىسىنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنگلىزچە ئاھاڭىنى ئالماي ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ «كىر» دېگەن پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى «كىرىل»گە، «مە» دېگەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنى قوشۇپ «كېرىلمە» دېگەن ئىسىمنى ياسىساق، ئىمپورتقا قارىغاندا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ. يەنى «دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارى» دېگەنگە قارىغاندا، «دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق كېرىلمە ئومۇمىي مىقدارى» دېسەك چۈشىنىشلىك بولىدۇ. قوللىنىشقىمۇ ئەپلىك، چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ.
~ a:
ئېكسپورت 出口 چىقىلما
)2.Si#
ئېكسپورت [ئىنگلىزچە] - چەت ئەللەرگە مال ياكى كاپىتال چىقىرىش ئىشى، يەنى «ئىمپورت»نىڭ ئەكسى. شۇڭلاشقا، ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كۆرە ئۇيغۇرچە «چېقىلما» دېسەك، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ. تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
cr3^6HB
دىيالوگ 对话 سۆزلىشىش
QV!up^Zso
دىيالوگ [گىرېكچە ] - ①ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت.② ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت شەكىلدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر. تىلىمىزدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سۆھبىتىنى «پاراڭلىشىش، سۆزلىشىش» دەپ ئاتايمىز. شۇڭا، چۈشىنىشلىك بولۇشى ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇنراق بولۇشى ئۈچۈن ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچە «سۆزلىشىش» دەپ ئالغىنىمىز ياخشىراق بولىدۇ.
0S"MC9b eg
رادىياتور 散热器 سوۋۇتقۇچ
_XBd3JN@
رادىياتور [ئىنگلىزچە] - خەنزۇچىسىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇكى، بۇ شەيئى ئىسسىقلىق تارقاتقۇچى ئەسۋاب. ئىسسىقلىقنى تارقىتىشتىكى مەقسەت سوۋۇتۇش بولغاچقا، «سوۋۇتقۇچ» دېسەك، بىرقەدەر ئىلمىيراق بولىدۇ.
)8AXm
تىرېنېر 教练员 مەشقاۋۇل
@dKTx#gZ
تىرېنېر [لاتىنچە] - مەشىق قىلدۇرغۇچى. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا» قاتارلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىدە 教练员 دېگەن بۇ سۆز «مەشقاۋۇل» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. خۇددى ئىشىككە قارايدىغانلار قاراۋۇل دەپ ئېلىنغانغا ئوخشاش. مۇنداق ئېلىنسا «تىرېنېر» دېگەن سۆز بەرگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپلا قالماستىن، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.
;uJMG
زوئولوگىيە 动物学 ھايۋانشۇناسلىق
Nb\4 /;#
زوئولوگىيە [گىرېكچە] - ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيەسى، فىزىيولوگىيەسى، ئېكولوگىيەسى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، تارقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كونترول قىلىنىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. تارىخنى تەتقىق قىلىدىغان پەننى «تارىخشۇناسلىق»، تىلنى تەتقىق قىلىدىغان پەننى «تىلشۇناسلىق» دېگەندەك ھايۋانلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەننىمۇ «ھايۋانشۇناسلىق» دېسەك خاتا بولمايدۇ.
?< +WG/(d
كاتالوگ 目录 تىزىم
]Ze1s02(
كاتالوگ [ئىنگلىزچە] - ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «تىز» پېئىلىغا «ىم» ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنى قوشۇپ «تىزىم» دېگەن ئىسىمنى ياسىساق توغرا قىلغان بولىمىز.
9*gZ-#
مەن پەقەت ئايرىم ئاتالغۇلارنىلا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلارغا تىلىمىزدىن مەخسۇس سۆز تېپىپ ئات قويغىلى بولىدۇ، مەلۇم كەسپىي پەنلەر توغرىسىدىكى ئاتالغۇلارغا كەلگەندە، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى، يەنى شۇ كەسىپنى تەتقىق قىلغۇچى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، لېكسىكا جەھەتتە ئوبدانراق ئويلىنىپ، ئانا تىلغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا، شۇ كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنگەن ئادەم ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىسىم قويالماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ھەرقانداق بىر پاساھەتلىك تىلغا قارىغاندا تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ ئۆتكۈر، تولىمۇ جانلىق تىل. شۇڭا، تىلىمىزنى ياخشى ئىزغا سېلىشىمىز، رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاتالغۇ خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش لازىم:
79gT+~z
1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ياساش ئىمكانىيىتى بار بولغانلىكى سۆزلەرگە ئۇيغۇر تىلىدىن سۆز ياساش، يادىكارلىقلار، كىلاسسىك ئەسەرلەر، ھەرقايسى شېۋىلەرنى ياخشى تەتقىق قىلىپ سۆزلەرنى قېزىپ چىقىرىپ، بىر قىسىم ياساش قىيىن بولغان ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ئىستېمالدىن قالغان بىر قىسىم كونا سۆزلەرنى مەنە يۈكلەش ئۇسۇلى بىلەن ئورنىغا دەسسىتىپ (人民代表大会نى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دەپ ئېلىش بۇنىڭ ياخشى ئۈلگىسى)، ھەرقايسى شېۋىلەرنىڭ ۋە قېرىنداش تىللارنىڭ لېكسىكىلىق بايلىقىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئىجابىي سۆزلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئاتالغۇ ياساش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
pBHRa?Y5
2. ھازىرقى زاماندىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلار خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدىن ھەرخىل يوللار بىلەن كىرىۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش يوللىرى بىلەن خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ ئاھاڭ تەرجىمىسى ۋە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمىدىن ساقلىنىپ، ئامال بار جانلىق ئۇسۇل بىلەن مەنە تەرجىمىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، يەنى تەرجىمە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتالغۇ كۆرسەتكەن شەيئىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك.
oJ^P(] dw
3. ئۇيغۇر تىلىدىكى كەسپىي ئاتالغۇلارنى توپلاش، قېزىش ۋە ئۇنىڭدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇلاردىن پايدىلىنىپ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى ياساشتا ھۈنەر-كەسىپ ئاتالغۇلىرىدىن پايدىلىنىشىمىز لازىم.
}bxs]?OW>
پايدىلانمىلار:
$Sq:q0
1. مۇھەممەترېھىم سايىت: «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى نەشرى.
:#Wd~~d
2. ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئاتالغۇشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2004-يىللىق 4-سان.
&C}*w2]0S
3. «خەمىت تۆمۈر ئىلمىي ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشرى.
6u jWNf
4. 英语词汇的奥秘 / 蒋争著-修订版。-北京:中国国际广播出版社,2000.
M\j.8jG
5. ئالىم خەسەنى: «ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى سۆز–ئاتالغۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2003-يىللىق 3-سان.
$nb[GV
6. گۈلنىسا كېرەم: «ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش - تەرجىمىدىكى مۇھىم ھالقا»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2009-يىللىق 9-سان.
7V>M]
7. ھۈسەيىنجان ئەسقەرى، مايىنۇر ئادىل: «ئانا تىلىمىز يارىلانمىسۇن»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2003-يىللىق 1-سان.
jXJyc'm7
8. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (قىسقارتىلمىسى)»، ش ئۇ ئا ر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى.
;uW FHc5@B
ئىزاھاتلار:
ceA9){
① مۇھەممەترېھىم سايىت: «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى نەشرى.
z:O8Ls^\T
② ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئاتالغۇشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2004-يىللىق 4-سان.
$G>. \t
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن
b>k y
]n~V!hl?A
;S{(]K7i
浅谈维吾尔语术语
G3]4A&h9v~
)0MB9RMk1
阿达莱提•阿卜力米提
`/g UV
PFR:>^wK2
摘 要:本文主要阐述了维吾尔语术语的历史发展,通过对维吾尔语术语标准化原则的讨论,说明了维吾尔语术语的规范工作的重要意义性。
wBzC5T%,
2:R+tn(F
+"(jjxJm
مەنبە؛يازغۇچىلار تۇرى
m*;ERK
VX/#1StC
q=G+Tocv
ئەكبەرنىياز
2013-07-18 00:17
ئېسىل ئەسەركەن ، ئەسلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كوممۇتتىتى ھەر بىر يېڭى شەيئى ئويغۇر جەمىيىتىگە كىرگەن چاغدىلا ئۇنىڭ ساپ ئويغۇرچە ئاتالمىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈۋېتىشى كېرەك ئىدى . ھەي ، بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا .
gulhan
2013-07-18 00:51
ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلىۋاتقىنى خەنزۇچىسى تەكلىپ
Ix=}+K/
دىجورنى 值班员 نۆۋەتچى
[knN:{ l
ئىمپورت 进口 كىرىلمە
<Fc;_GG
ئېكسپورت 出口 چىقىلما
A}N?/{y)G
دىيالوگ 对话 سۆزلىشىش
DYxCQ D
رادىياتور 散热器 سوۋۇتقۇچ
^_u kLzP9
تىرېنېر 教练员 مەشقاۋۇل
cy3B({PLy
زوئولوگىيە 动物学 ھايۋانشۇناسلىق
U\;6mK)M^J
كاتالوگ 目录 تىزىم
|>htvDL
كومبايىن 收割机 ئورغۇ
]0)|7TV*
بىبىلئوگرافىيە 目录学 تىزىمشۇناسلىق
>JCM.I0_|
پىرىنتېر 打印机 باسمىدان
i9A+gtd
فاكس 传真 ئۇچخەت
Nkl_Ho,
سۇلياۋ 塑料 يالتىراق
\\7ZWp\fN
رېلى 断电器 تاقاق
.!,z:l$Kh
پىلاستىر 胶布 چاپلاق
Z->p1xkX
ئىنستىتۇت 学院 بىلىميۇرت
<-S%kA8
ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى 自动取款机 پۇلدان
UE ,t8j
سوپۇن پاراشوكى 洗衣粉 ئۇنسوپۇن
fasgmi}
ئاپتوماتىك 自动 ئۆزلە
ixQJ[fH10
خەلق ئىشچىسى 民工 ئىشلەمچى
ez!C?
ئىجتىمائىي رايون 社区 مەھەللە
jR#~I@q^
كۈن نۇرى لامپىسى 日光灯 كۈنچىراغ
L^4-5`gj
كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 投影仪 كۆلەڭگۈچ
Qtq fG{
تەكلىپ بېرىلگەن ئاتالغۇلارغا ئىزاھ
-7&Gi +]
دىجورنى 值班员 نۆۋەتچى
]t*[%4
GSQ/NYK
{]]|5 \F
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.
تەشنا005
2013-09-11 12:41
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.
ئەنۋەرچەرچەن
2013-09-11 13:17
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن.
ياسىنجان510
2014-02-09 19:30
ئايبىكەنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر تېمىسىنى مۇشۇ كەمگىچە كۆرمەپتىمەن ئەمەسمۇ !ھەقىقەتەن يارايدىغان ،كۆڭۈلدىكىدەك تېما ئىكەن . مەن تەقەززا بولغان پىكىرلەر بار ئىكەن رەھمەت.
查看完整版本: [--
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled