查看完整版本: [-- <<راك >> پەيدا قىلىدىغان قارا تىزىملىك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> <<راك >> پەيدا قىلىدىغان قارا تىزىملىك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلزىبا 2013-07-16 20:45

<<راك >> پەيدا قىلىدىغان قارا تىزىملىك

1. تۇزلىغان بېلىق ، تۇزلىغان گۆش ، تۇزلىغان تۇخۇم ، تۇزلىغان كۆكتات ، قېزا ، ئىسلىغان گۆش .

2. قوي ، كالا ، ئۆردەك ، غاز كاۋىپى .

3. سۈرلىگەن( گۆش ، جېگەر ، بېلىق ، تۇخۇم ، دۇفۇ )  

4. قاتلىما ، پوشكال ، پىلتە قۇيماق ، ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەنگە .

5. نەملىشىپ ، كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچ ، بۇغداي ، قوناق ، يەر ياڭىقىدىن ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر .

6. پىشۇرۇلۇپ بىر كۈن تۇرۇپ قالغان يىسىۋېلەك ، ئاچا سەي ، قايتا - قايتا قاينىتىلغان قايناق سۇ .

گۈلزىبا 2013-07-16 20:47
بۇنىمۇ <<ھاياتلىق >> ژورنىلىدىن ئوقۇدۇم . مەن ئامراق يىمەكلىكلەرمۇ مۇشۇنىڭ ئارىسىدا باركەن .ئەمدى دىققەت قىلسام بولغۇدەك .  

ئەكبەرنىياز 2013-07-16 22:51
ھەممىمىز دىققەت قىلساق بولغۇدەك !!! كۆپ رەھمەت گۈلزىبا !

gulhan 2013-07-17 00:00
گۈلزىبانىڭ  ئەجرىگە كۆپ رەھمەت.
بەك ياخشى يوللانما يوللاپسىز.
تەۋپىقداشلار ئەجرىڭىزدىن خوش بولدۇق.

ئايبىكە 2013-07-17 00:14
يۇقىرىقىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تۇرمۇشىمىزدا كۈندىلىك تائاملىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى.ھېلىمۇ ئۆلۈپ قالماي ياشاپ يۈرگىنىمىزگە شۈكرى.

ئاچچىقگۈل 2013-07-17 07:41
دادامممۇ،بوۋاممۇ كۈزدە ئات سويۇپ،قېزا ئىسلاپ،قىشىچە قېزا بېسىلغان نارىن يەيدىغانلاردىن ئىدى. بوۋام 93 يىل،دادام 75 يىل ياشىدى.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-17 12:47
ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدىغۇ؟بەزىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى داۋاملىق شۇ خىلدا بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىنى شۇنىڭغا ماسلىشىپ ،ئىممونىت كۈچى شەكىللىنىپ بولغان بولىشى مۇمكىن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-17 12:51
مېنىڭچە تۇرمۇشىمىزدىكى ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ساختىلىرىنىڭ ئاشۇنداق ئەكىس تەسىرى بولىشى مۇمكىن.مەسىلەن ،ساختا مايلاردا پىشىرۇلغان پىلتە قۇيماق دىگەندەك ،ماينىقاينىتىۋەرسە كىسلاتالىقى ئارتىپ كېتىدۇ،شۇڭا پىلتە قۇيماقنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا چۇشلۇق  يېڭى مايدا قىلىپ يىسەك مېنىڭچە ئۇنداق بولىشى ناتايىن

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-17 12:53
2. قوي ، كالا ، ئۆردەك ، غاز كاۋىپى .
مەن ئامراق تائاملار ئىكەندۇق قانداق قىلارمەن ئەمدى،يا يىمىسە چىدىغىلى بولمايدىكەن ئكزەڭنىڭ ئامراق نەرسىسىگە،

گۈلزىبا 2013-07-17 20:57
شۇنى دەڭا ، مەنمۇ كاۋاپ خۇمارى.


查看完整版本: [-- <<راك >> پەيدا قىلىدىغان قارا تىزىملىك --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled