查看完整版本: [-- «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دەرس تەييارلىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دەرس تەييارلىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەلىكەبېلقىس 2013-07-13 19:29

«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دەرس تەييارلىقى






                      
تېكىستىنىڭ   2 - سائەتلىك دەرس لايىھىسى








 
يوپۇغا ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتئوقۇتقۇچىسى بېلىقىزئەمەت
2013-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
                              
شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى بېكىتكەن مەجبۇرىيەت مائارىپى «قوش تىل» سىنىپلىرىنىڭ «تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى»گە ئاساسەن تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات9-يىللىق 2-قىسىم كىتابىنىڭ 121-بەت تۆتىنچى بۆلەك«كىلاسسىك ئەسەرلەر»دىن
9-دەرس.تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى( پارچە )
تېكىستىنىڭ   2 -سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ئۈچ قاتلاملىق ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم ۋەقابىلىيەت نىشانى :
« تۇنيۇقۇقمەڭگۈ تېشى»نىڭ تارىخي قىممىتىنى ھېس قىلىش (موھىم نوقتا)
« تۇنيۇقۇقمەڭگۈ تېشى»نىڭ بەدىئىيلىكى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلالايدىغان،ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرىنى تەدبىقلىيالايدىغان ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش (قېيىننۇقتا)
ھېسيات ۋەقىممەت پوزىتسىيە نىشانى :
ئوقۇغۇچىلارداتۇنيۇقۇقنىڭ خارەكتىرىنى، تۆھپىسىنى ئۇلۇغلاپ ،مىللى ئىپتىخار تۇيغۇسى بىلەنپەخىرلىنىش ھېسياتى ۋە ئەل-ۋەتەننىڭ غېمىنى يېيىشتەك ئالىيجاناپ ئەخلاق يېتىلدۇرۇشۋەمىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش پوزىتسىيىسىنى شەكىللەندۈرۈش .
ئوقۇتۇشجەريانى ۋە ئۇسۇلى:
 دەرس تەھلىلىگە ئاساس سېلىپ تېكىست ۋەقەلىكنىئاغزاكىي بايان قىلدۇرۇش ۋە تەھلىل سوئاللىرىنى ھەرخىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپئوقۇتۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ .ئوقۇتقۇچى يېتەكچى، ئوقۇغۇچىنىئاساس قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ .(كونكىرىت ئۇسۇللار جەريانغا ماس ھالدائىزاھلىنىدۇ )
دەرسبايلىقى :
مەڭگۈتاشلارنىڭ سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلىرى ، ئورخۇن –يېنسەي يېزىقىنىڭ ئېلىپبەلىك كۆرۈنۈشىۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەڭگۈ تاش ھەققىدىكى بىلىملىرى،كۆپ
 خىل ئوقۇتۇش قوراللىرى
 ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :                                              
تەپەككۇرىنىقوزغاش ، ئىلھاملاندۇرۇش ،قىسقا سوئاللار ئارقىلىق ئىزدىنىشكە يېتەكلەش ،ھېسياتىغاتەسىر كۆرسىتىپ تەسىرلەندۈرۈش ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە ۋە ئىزدىنىپ ئۆگىنىشكەتەشكىللەش ،مۇنازىرىگە ئويۇشتۇرۇش .
ئۆگىنىش ئۇسۇلى: ھەمكارلىشىپئۆگىنىش ،ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ،مۇستەقىل ئۆگىنىش
ئوقۇتۇشجەريانى :
يېڭى دەرسكەباشلاش ئۇسۇلى
تەۋپىقمائارىپ تور بېتىدىن « ئوق يىلتىزىم – ئاناتىلىم » تېمىسىدىكى ئاۋازلىق ئەسەردىن«ئورخۇن ئابىدىلىرى» دېگەن دېكلىماتسىيە ھوزۇرىغا سۇنۇلۇپ ،ئويلىنىشقا سەۋەپ قىلىشئارقىلىق  قىسقا سوئاللار بىلەن ئىزلەندۇرۇپ مۇھاكىمىگەباشلاپ كىرىلىدۇ.          
  1.تۇنيۇقۇق قانداق شەخىس ؟ بۇنىڭدا ئالدى بىلەنئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈپ ، بىرىنچى گورۇپپىدىكىلەرگە تۇنيۇقۇقنىڭخارەكتىرىنى تېپىپ چىقىشقا ،ئىككىنچى گورۇپپىدىكىلەرگە تۇنيۇقۇقنىڭ تۆھپىسىنىتېپىشقا بۇيرۇپ ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلىنىدۇ . (ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراشلىرىئوتتۇرىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن خولاسىلەپ بېرىلىدۇ )
  تۇنيۇقۇقكۆكتۈرۈك خانلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەنسىياسىئۇن، ھەربىي ئىستىراگىيەچى،   موتەپەككۇر ۋە ئەدىب.ئۇ كېچە –كۈندۈز ئەل-غېمىنىيەيدىغان   ۋەتەنپەرۋەر، خەلىقپەرۋەر زات. ئىلتەرىش قاغان،قاپاغان قاغان، بىلگە قاغانلارغا باش ۋەزىر بولغان.«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى »نى716-يىلى ئۆزى ئورنىتىپ، ئەجدادلىرىمىز تارىخىدا مەڭگۈ تاش تىكلەش ئەنئەنىسىگە تۈنجىيول ئاچقان ،مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تۆھپىكارى.
2  .ئادەتتە بىرەر كىشى  باشقىلار ئالدىدا ئۆز-ئۆزىنى ماختايدىغانسۆزلەرنى  قىلسا بىزگە بىر قىسماتۇيۇلىدۇ،ئەمما تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆزىنى ئولۇغلىغان سۆزلىرىنى ئوقۇغۇنىمىزدا بىزدەئۇنداق تەسىرات كۆرۈلمەيدۇ،نېمە ئۈچۈن ؟                ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى مۇنازىرەئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ ،ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن پاكىتلىقمىساللار بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى توغرا مۆلچەرلەش ،ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىنىڭ تۆھپەئەمگەكلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىغا لايىقىدا باھا بېرىشنىڭ توغرا، زىيادەكەمتەرلىكنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى چۈشەندۈرلىدۇ.
3  .ئوقۇغۇچىلارغا تېكىستىن بىر قانچە جۈملىنىئايرىپ ئېلىپ كۆرسىتىپ تۈزۈلۈشى جەھەتتىن تەھلىل قىلدۇرلىدۇ .(بۇ مەشىق ئارقىلىققېيىن نوقتا ھەل قىلىنىدۇ )
4.قىممەتپوزىتسىيە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن:      
1)دانىشمەنتۇنيۇقۇق «مەڭگۈ تاش »تىن ئىبارەت ئەنىئەنىگە ، تىل-يېزىق، ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭتەرەققىياتىغا ئۇل سالمىغان بولسا ،بىز مەدەنىيەت جەھەتتە قانداق ئەھۋالدابولاتتۇق؟
(قاراشلىرىنىئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرلىدۇ )
2)سىز تىل-يېزىقمەدەنىيتىمىزنى قانداق قوغداپ ،كېيىنكىلەرگە قانداق يەتكۈزۈشنى ئويلاۋاتىسىز؟
ئەجدادلارتارىخىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ بۇرچنى قانداق مەسئۇلىيەت بىلەنيەتكۈزمەكچى بۇلىۋاتىسىز؟
بۇ ئارقىلىقبۇ دەرسنىڭ گومانتارلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ بالىلاردا ئىزدىنىش ۋە ئويلىنىششەكىللەندۈرلىدۇ.
دوسكالايھىسى :
تۇنيۇقۇق  رىئال تارىخىي شەخىس .
بۇ مەڭگۈتاش مىلادىيە 716-يىل ئارلىقىدا تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەرىپىدىن تاشقائويۇپ تەييارلانغان.
بۇ تاشقەدىمكى تورك يېزىقى (ئورخۇن يېزىقى )دا يېزىپ خاتىرلەنگەن.
پارچىدەبايان قىلىنغان ئاساسلىق ۋەقەلىك ھەربىي يۈرۈش .
«تاپ بېسىپ»نىڭ مەنىسى
تاپشۇرۇق : ئەسەرمەزمۇنىغا ماس ماقال –تەمسىللەردىن توپلاپ كېلىڭ .
ئۈلگە :
بىلىكى چوڭبىرنى يېڭەر،
بىلىمى چوڭمىڭنى يېڭەر .

دەرستىنكېيىنكى قايتا  ئويلىنىش :


گورۇپپا مەسئۇلىنىڭ تەستىقى :

ئەكبەرنىياز 2013-07-14 19:43
پۈتكۈل ئوقۇتۇش جەريانى بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ . كۆپ رەھمەت !!!

مەلىكەبېلقىس 2013-07-15 09:59
مەن بۇ ماتىرىيالنى يوللاش جەريانىدا كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرنى كومپىيۇتېر مەشغۇلات سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىگىدىن تۈزۈتىشكە ئۆلگۈرمەپتىمەن ، كەسىپداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ، تۈزۈتۈپ كۆرۈشىنى سورايمەن .

ئايبىكە 2013-07-15 12:27
سېستىمىلىق تۈزۈلگەن دەرس تەييارلىقى ئىكەن.

ئەشمە 2014-03-12 13:09
ماڭا بەك پايدىسى بولدى.رەخمەت سىزگە.يۇقاپ كەتمەڭ.

مۇختار1 2014-05-10 01:09
ناھايىتى ياخىشى تەييارلىنىپتۇ

نۇرى 2014-05-10 20:26
پايدىلىق ماتىرىيال ئىكەن.

تۇمشۇق 2014-07-17 16:43
پۈتكۈل ئوقۇتۇش جەريانى بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ . كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دەرس تەييارلىقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled