查看完整版本: [-- چۆچەكتىن تامچە(1) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> چۆچەكتىن تامچە(1) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايبىكە 2013-07-11 16:25

چۆچەكتىن تامچە(1)

تېما تەتقىقاتى ئېلىپ بارغاندا ئوقۇغۇچىلىرىم توپلىغان چۆچەك. D\Ez~.H  
                     ?M:>2wl  
                          كۈننى تۇسىۋالغىىلى ،ۋاقىتنى سىتىۋالغىىلى بولماس _$UJ'W})/  
                                                    شاكىر ھامۇت iy~h|YK;  
#Vum  
       بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر پادىشاھلىق بولغانىكەن.بۇ پادىشاھلىقنىڭ كىشىلىرى باي-باياشات ،بەخىتلىك ياشايدىكەن.پادىشاھ ئادىل،خەلىقنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلىدىكەن.بۇ پادىشاھلىقتا بىر باي بۇلۇپ،تاپقان-تەرگىنىنى يۇشۇرۇپ ،باشقىلارغا ئازراقمۇ بىلدۈرمەيدىكەن.باي بىر يىلى يەرلىرىگە بوغىداي تېرىپتۇ،بوغدايلار پىشقاندا ،بوغىداي ئورۇش ئۈچۈن 13ئورمىچى ياللىۋاپتۇ،باي ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە نۇرغىۇن پۇل كېتىدىغىانلىقىنى ئويلاپ بەكمۇ بىئارام بۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن باي خۇتۇنىغا مەسلىھەت سىلىپ: rO#w(]   
-خوتۇن،مۇشۇ ئورمىچىلار  بوغىدايلىرىمىزنى ئورۇپ بولغىىچە كۈننى تۇسۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتقىلى بۇلارمۇ؟-دەپتۇ. 3wfcGQn|sD  
-بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىدىن كىلىدۇ.سىلى بېرىپ پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرسىلە دەپتۇ. +2iD9X{$MX  
باي خۇتۇنىنىڭ مەسلىھەتىنى ماقۇل كۆرۈپ،پادىشاھنىڭ ئالدىغىا بېرىپتۇ. 0`E G-Hw  
سىلىگە بىر ئەرزىم بار ئىدى –دەپتۇ باي.   پادىشاھ بۇ باينىڭ پىخسىقلىقىن ئوبدان بىلىدىكەن  .شۇڭا ئاۋۋال ئەكەلگەن سوۋغىىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ،ئاندىن ئەرزىنى بايان قىلىشنى ئېيتىپتۇ.باي ئەھۋالىن بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن شاھىم    -سىلىدىن ئۈتىندىغىنىم، كۈننى تۇسۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بەرسىلە،ئورمىچىلار ئىككى كۈنلۈك ئىشنى بىر كۈندە قىلىپ تۈگىتىپ ،مەندىن ھەقنى ئاز ئالغان بولسا-دەپتۇ.                                                     بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ مۇنداق دەپتۇ: (?l ]}p^[  
-سەن ئورمىچىلارنىڭ قورسىقىن تويغۇزۇپ ،ئاندىن ئۇلارنى ئىشقا سال.ئۆزۈڭ ئۇزۇن چاپاندىن بىرنى كىيىپ ،بېلىڭنى مەھكەم باغلاپ تۇماقنى چۆكۈرۈپ كىيىپ ،چاپاننىڭ پېشىنى بىشىڭغا ئوراپ ئېتىز بېشىدا ئولتۇر.شۇنداق قىلساڭ كۈن ئۇزۇراۋېرىدۇ.ئەگەر بۇ دېگەنلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭ ،كۈن قىسقىراپ كېتىپ ،شۇ ھامان كەچ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن. 3@ " :&  
باي ئۆيىگە قايتىپ پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپتۇ.باي كۈن چۈش بولغىىچە ئېتىز بېشىدا ئولتۇرۇپ چىلى-چىلىق تەرگە چۈمۈپتۇ.ئۇسساپ چىدىغۇچىلىكى قالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن باي يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ: %np(z&@wi  
-شاھىم بۈگۈن كۈن بەكمۇ ئۇزىراپ كەتتى،ئەمدى قىسقارتىپ بەرگەن بولسىلا،زادى چىدىغىۇچىلىكىم قالمىدى.-دەپتۇ. uzH MQp  
-ئۇنداق بولسا،ئۆيۈڭگە بېرىپ بىر ئاز ئارام ئال.-دەپتۇ پادىشاھ. (G F}c\=T7  
باي بۇگەپنى ئاڭلاپ ئۆيىگە بېرىپ بىر ئاز ئارام ئاپتۇ.ئاندىن ئېتىز بېشىغا بېرىپ قارىسا ئورمىچىلار تېخىچىلا ئورما ئورۇۋاتقۇدەك.ئېتىز بېشىدا تۇرسا ئىسسىقتا يەنە قىينىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن باي ئورمىچىلارنى ئىلىپ قايتماقچى بۇپتۇ. JtO}i{A  
-باي ئاكا  زادى نىمە ئىش بولدى؟بىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىمىز تېخى تۈگىمىدى. yP7b))AW9  
قايتىڭلار دېگەندىكىن قايتىڭلار ،بۈگۈنكى كۈننىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بۇلۇپ كەتكىنى سىلەر بىلمەيسىلەر،بۇ ماڭا ئايان.-دەپتۇ باي ئۆزىنىڭ قايتىدىن ئۇسساپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ. lG-B) F  
ئۇلارمۇ قايتىپ كېتىپتۇ.ھەر كۈنى شۇنداق بولىۋەرگەچكە ئورما ئورۇش ئىشى بىر ئايغا سوزۇلۇپتۇ.پىخسىق باي لىۋىنى چىشلەپ قاپتۇ.بۇئىش پۈتۈن يۇرتقا تاراپتۇ.كىشىلەر بۇنىڭدىن ئىبرەت ئاپتۇ. Gy \ ]j  
ئېيتىشلارغا قارىغاندا «كۈننى تۇسىۋالغىىلى،ۋاقىتنى سېتىۋالغىلى بولماس»دېگەن ماقال باينىڭ شۇ كەچمىشىدىن قالغانىكەن. H{n:R *  

ئەكبەرنىياز 2013-07-12 00:42
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز ئايبېكە ،كۆپ رەھمەت !!!

ئايبىكە 2013-07-12 07:15
بەك ئەھمىيەتلىك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئوقۇغۇچىلىرىم 2011-يىلى تېما تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىدى.

koksangun 2013-07-12 11:50
2008-يىلىدىن باشلانغا تولۇق ئوتتۇرا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بىزگە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى...

تۆتتاش 2013-07-12 18:33
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق ھالغا كىلىشى تامامەن ئۇقۇتقۇچىنىڭ كۈيۈنۈشچانلىقىغا باغلىق.سىز ياراملىق ئۇقۇتقۇچى ،كۈيۈمچان باغۋەن ئىكەنسىز.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-13 21:28
ھەقىقەتەن ياخشى چۆچەككەن ،تېمائىگىسىگە كۆپ رەھمەت   

غۇنچە0908 2013-07-15 16:33
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن!

ئايبىكە 2013-07-15 16:36
مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغان غۇنچىنىڭ قەدەملىرى قۇتلۇق بولغاي.

يېڭىياچى 2013-07-15 18:31
رەھمەت. بولسا مۇشۇ مۇنبەردە تولۇق ۋە تولۇقسىز دەرسلىكتىكى ھەربىر دەرس بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسقا ھېكايەتلەرنى مۇناسىۋەتلىك دەرس نامى بىلەن باغلاپ يوللاپ قويساق ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. مۇناسىپ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىسەك قوزغىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولارمىكىن.

لاچىن 2013-07-21 21:46
    مەن پەقەت .اڭلىمىغان چۆچەك .ىكەن.


查看完整版本: [-- چۆچەكتىن تامچە(1) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled