查看完整版本: [-- تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ زۆرۈر 2ئىمتىھان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ زۆرۈر 2ئىمتىھان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-10 00:14

تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ زۆرۈر 2ئىمتىھان

 تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىللىق مەۋسۈملۈك ئىمتاھان سۇئالى
تارىخ زۆرۈر 2
تۇلۇق نۇمۇر:100نۇمۇر                      ۋاقتى:90مىنۇت
سۇئال: تاق تاللاش سۇئالى (2دىن50نۇمۇر)

1.    ئىلىمىز ئىپتىدائىي دېھقانچىلىقىدىكى مۇھىم تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بولسا:

A.ساپان بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش.

B.تۆمۈر ساپاننى كالىغا چېتىپ يەر ھەيدەش.

C.ئوت-چۆپلەرنى كۆيدۈرۈپ ئوتىغۇچ بىلەن قېزىپ تېرىقچىلىق قىلىش.

D.كولتىۋاتىسيە قىلىش(ئوت ئۇتاش ۋە توپىنى يۇمشىتىش) 

2.غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن پاراۋان دۆلەت قۇرۇشىنىڭ مەقسىدى بولسا :

A. خەلقنىڭ زىيادە نامراتلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

B. ئەمگەك قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بۇلۇش.

C. باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى كىچىكلىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى مۇستەھكەملەش.

D. دىموكراتىك سوتسىيالىزىمنى يولغا قۇيۇپ، سىنىپى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش.

3.سوۋىت ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىدا بازار ئىگىلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە يولغا قويغان رەھبەر:

A. سىتالىن                                                                B. خروششېف

C. برېژنېف                                                                D. گورباچېف

4.ئېلىمىز قەدىمقى دەۋر فېئوداللىق يەرگە ئىگىدارچىلىق تۈزىمىنى قانۇنىي شەكلىدە تۇرغۇزغىنى بولسا:

A.ئەمىنىيە دەۋرىدىكى باج ئىسلاھاتىدا بولغان .

B.چاسا ئېتىز تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغان.

C. چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان.

D.چىن بەگلىگىدە شاڭ ياڭ قانۇن ئۆزگەرتىكەن.

5. يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب.(    )

A. كىشىلەرنىڭ ئالتۇن كۆمۈشكە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى.

 B.«ماركو پولو ساياھەت خاتىرىسى»نىڭ قىزىقتۇرىشى .

C.ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ يىپەك يولىنى قامال قىلىشى. 

D.غەربىي ياۋروپانىڭ تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى.

6.غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋۇدى ھۆكۈمەت پۇل قۇيۇش،تۇز،تۆمۈر، مەي-شارابنى مەخسۇس سېتىش، ماللارنى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا تۇشۇپ سېتىش، مال باھاسىنى باشقۇرۇش، سودا-سانائەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتلەر تۆۋەندىكى قايسى كىشىلەرنىڭ تەسىرى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى. (   )

A.باي سودىگەرلەرنىڭ.        B.پادىشاھنىڭ      C. ۋەزىرنىڭ            D. دېھقانلارنىڭ

7.«دېڭىزدىكى  ھارۋىكەش» دەپ نامى بار مۇستەملىكە دۆلەت :  (    )

A.گوللاندىيە . B.ئىسپانىيە .

C.پورتۇگالىيە  .   D.ئەنگىلىيە.

8.ئەنگىلىيە گوللاندىيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىسى يېڭى ئامىستىردامنى تارتىۋالغان،ئۇ جاي ھازىرقى (     ).

A.ۋاشىنگىتون.          C.نىيۇ يۇرك.

B.ئامىستىردام.           D.لوندون.

9. 1840-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە يىرىك ماشىنا سانائىتى دۇكان، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئورنىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەپ سانائەت ئىنقىلابىنى تاماملاپ، دۇنيادىكى تۇنجى سانائەت دۆلىتىگە ئايلانغان دۆلەت:(   )

A. ئامېرىكا  B.گېرمانىيە  C.  ئەنگىلىيە   D. ھىندىستان

10. تۆۋەندىكى 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ توغرا بولمىغىنى(    )

A.ئۇ ئالدى بىلەن ئەنگىلىيىدىن باشلىنىپ، 18-ئەسىردە باشقا جايلارغا كېڭەيگەن.

B.بىرقىسىم دۆلەتلەر سانائەت ئىنجىلابىنى ئاساسلىقى ئەنگىلىيىدىن تېخنىكا كىرگۈزۈشكە تايىنىپ ئېلىپ بارغان.

C.ھەرقايسى دۆلەتلەر تېز سۈرئەتتە سانائەتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

D.ئەنگىلىيە شۇنىڭدىن باشلاپ دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ئايلانغان.

11بۇرۇنقى فىئوداللىق سۇلالىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سودىنى چەكلەپ، دېقانچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇشتىكى تۈپ مەقسىدى(    )

A. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش

B.يەككە دېھقانلار ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش    

C.مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇش    

D.فىئوداللىق ھاكىمىيەتنى قوغداش

12.ئەڭ دەسلەپتە ياۋروپادىن ھېندىستانغا بارىدىغان يېڭى دېڭىز يولىنى ئاچقان كىشى(   )

A. ماگىللان.       B. كولومبوۇ.         C. دىئاس .         D. داگاما.

  13. كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادقا ئارلىشىشىنى كۈچەيتىشىنى ئاساس قىلىپ يېڭى سىياسەت يۈرگۈزگەن زۇڭتۇڭ (     )

A. خوۋىر           B.روزۋېلىت            C. ئوباما              D. لېنكولىن

14.ئەڭ دەسلەپتە يېڭى دېڭىز يوللىرىنى ئىزدەشكە ئاتلانغان دۆلەتلەر (   ).

A.ئەنگىلىيە، فىرانسىيە .      C.ئىتالىيە، گوللاندىيە.

B.پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە.     D.ئىتالىيە، پورتۇگالىيە.

15. يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت كەسپىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇلازىمەت كەسپى بىلەن تەمىنلەيدىغان، سودا-تىرانسىپوت كەسپى، پۇل-مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۆي-مۈلۈك كەسپى، تېلىگىراف، سۇ، توك، كۆمۈر گازى بىلەن تەمىنلەش، قاتارلىق ئاممىۋى كەسىپلەر، مائارىپ، قانۇن، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، مېھمانساراي، رېستۇران قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرى(   )كەسىپ دەپ ئاتالدى.

A.1-كەسىپ           B.2-كەسىپ            C.3-كەسىپ               D.ئاقماس كەسىپ

16. تۆۋەندىكى 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ توغرا بولمىغىنى(    )

A. تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرلەش جەريانى بىر دۆلەتتىن بىرقانچە دۆلەت يۆنىلىشىگە بولغان.

B.ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرىشىنى ئلگىرى سۈرگەن.

C.ئېغىر سانائەت تارماقلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

D.ئالىملار بىلەن ئىنژىنىرلار يىتەكچىلىك رول ئوينىغان.

17. ئەنگىلىيىدە كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئاخىرى فىئوداللىق ئىشەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنىڭ بەلگىسى(    ).

A. يەر قاشالاش ھەركىتنىڭ ئاخىرلىشىشى.

B.پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى.

C.سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تاماملىنىشى.

D.«كۈن پاتماس ئىمپىرىيە»نىڭ شەكىللىنىشى.

18. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا:  (  )

A.ئەنگىلىيە فونىستىرلىڭىنى مەركەز قىلغان.   B.فىرانسىيە فىرانكىنى مەركەز قىلغان

C.ئامېرىكا دوللىرىنى مەركەز قىلغان              D.ياۋرونى مەركەز قىلغان

19. ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاساسىي ئامىل (   )

A. ئىپتىدائىي دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى.

B.ئۆي سېلىش ۋە ساپالچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىشى.

C. ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشنى بىلگەنلىكى.  

D.ئومۇمنىڭ قەبرىستانلىقىنى ياسىشى.

20. تۆۋەندىكى بايانلارنىڭ خاتاسى(    )

A. 1978- يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومومىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمىتىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش بىكىتىلدى.

B. 1978-يىلى ئەنخۈي سىچۈەن ئۆلكىلىرىدىكى بەزى يېزىلاردا يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە كۈتۈرە بېرىشتىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇشقا باشلىدى، كىيىن بۇ سىياسەت پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يولغا قۇيۇلدى.

C. 1984-يىلىدىن كىيىن شەھەر ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۇمۇميۈزلۈك باشلاندى.

D. ئىلىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاۋال شەھەرلەدىن باشلاندى.

21.خەلقئارالىق سودا ئىشلىرى ۋە سودا ماجرالىرىنى ھەل قىلىدىغان تەشكىلات (   )

A.دۇنيا سودا تەشكىلاتى B.دۇنيا بانكىسى  C.ياۋروپا ئىتتىپاقى D.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

22.جۇڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىي كاپىتالىزىمنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مەزگىللىرى (   )

①  جىياۋۇ يىلىدىكى جۇڭگۇ-ياپونىيە ئۇرۇشىدىن كىيىنكى مەزگىل؛

②  چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى »يېڭى سىياسەت» يولغا قۇيۇلغان مەزگىل؛

③  شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىنكى مەزگىل؛

④  پارىژ سۈلھى يىغىنىدىن ۋاشىنگىتون يىغىنىغىچە بولغان مەزگىل

A. ①②③④          B. ①②④

 C.③④                D.②③

23.ئېلىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ۋاقت (   )

A.1986-يىلى 7-ئاي      B.1987-يىلى 9-ئاي    C.1996-يىلى 10-ئاي       D.2001-يىلى 12-ئاي

24.سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ دۆلىتىمىزدە ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى (    )

A.سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى  B.ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ تاماملىنىشى

C.«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ئاخىرلىشىشى    D.11-نۆۋەتلىك 3-ئومومىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى

25.ئەجنەبىيچىلىك ئېلىپ بارغان زور كۆلەملىك پائالىيەتلەر ئىچىگە كىمەيدىغىنى (    )

A.كارخانا قۇرۇش                                      B. دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇش

C. يېقىنقى زامان مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش    D. سىياسىي تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش

سۇئال:جاۋاپ بېرىڭ

1-سۇئال: دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، سودىنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى نىمە ؟(7نۇمۇر)

2-سۇئال: ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كىيىنكى جۇڭگۇنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قامدايدىغان ناتۇرال ئىگىلىكىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سەۋەب نىمە(7نۇمۇر)

3-سۇئال: 1929-1933-يىللىرى كاپىتالىزىم دۇنياسىدا پارتىلىغان ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ(1) سەۋەبى، (2) ۋە تەسىرىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ؟(8نۇمۇر)

تەھلىل قىلىڭ

1-ماتىريال :

2-ماتىريال: پويېز، پاراخوت قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتتى.

3-ماتىريال: 11-نۆۋەتلىك 3-ئومومىي يىغىنى دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى زور ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىنلارنىڭ بىرى، ئۇ قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ، خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ئىلاھات ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

4-ماتىريال: ئۇ ئەسلىدە گۇڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر نامرات بازار ئىدى، پارتىيەنىڭ توغرا سىياسىتى بىلەن ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، قىسقا مۇدەت ئىچىدە تەرەققىي قىلغان بىر شەھەرگە ئايلاندى.

1-   سۇئال: 1-ماتىريالدىكى رەسىم قايسى تارىخى ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن؟ئۇنىڭ تەسىرى نىمە؟(7نۇمۇر)

2-  سۇئال: 2-ماتىريالدىكى قاتناش قۇرالى قايسى سانائەت ئىنقىلابىدا كەشىپ قىلىنغان؟دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى سۆزلەڭ(7نۇمۇر)

3-   سۇئال: 3-ماتىريالدا ئېيتىلغان 11-نۆۋەتلىك 3-ئومومىي يىغىنى قانداق مۇھىم قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ (7نۇمۇر)

4-  سۇئال: 4-ماتىريالدا ئېيتىغان شەھەر قايسى؟  ئاستىغا سىزىلغان« پارتىيەنىڭ توغرا سىياسىتى» نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟(7نۇمۇر)

ئايبىكە 2013-07-10 07:55
تارىخ گۈللىرىمۇ پۇرەكلەپتۇ ،مانا.
سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

ئەكبەرنىياز 2013-07-11 00:09
.«دېڭىزدىكى  ھارۋىكەش» دەپ نامى بار مۇستەملىكە دۆلەت ...

بۇ قايسى دۆلەتتۇ ؟ ھەجەپ پايدىلىنىش جاۋابىنى كۆرگۈم كەلدىغۇ !؟

查看完整版本: [-- تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ زۆرۈر 2ئىمتىھان --] [-- top --]

Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled