تولۇق بىرىنچى يىللىقلار فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى
تولۇق بىرىنچى يىللىقلار فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى
I.سۇئال تاللاش سۇئالى
1.ماددى نوقتا توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى:( )
A.يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا،ئۇنى ماددى نوقتا دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.
B.يەر شارى ئۆز ئەتراپىدا ئايلانغاندا،ئۇنى ماددى نوقتا دەپ قاراشقا بولىدۇ.
C.بىر ئۇچى مۇقىملاشتۇرۇلغان كالتەكنىڭ شۇ مۇقىم ئوقنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلغاندا،كالتەكنى ماددى نوقتا دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.
D.كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقىنىڭ ئايلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلغاندا،چاقنى ماددى نوقتا قاراشقا بولىدۇ.
2.يۆتكىلىش ۋەمۇساپىگە ئائىت تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى:( )
A.يۆتكىلىش ۋە مۇساپە ئوخشاش فىزىكىلىق مىقدارلاردۇر.
B.مۇساپە ئسكاليار بولۇپ،يۆتكىلىشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
C.يۆتكىلىش بولسا ۋېكتور،ئۇنىڭ يۆلىنىشى دەسلەپكى نوقتىدىن ئاخىرقى نوقتىنى تۇتاشتۇرىدىغان يۆلىنىشلىك كېسىك ئارقىلىق ئپادىلىنىدۇ.
D.تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتتە ،يۆتكىلىشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى چۇقۇم مۇساپىگە تەڭ بولىدۇ.
3. 2004-يىلدىكى ئافىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىسى ليۇشياڭm110غا تۇساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش تۈرىدە s12.91نەتىجە بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۇردى.ئۇنىڭ پۈتكۈل جەرياندىكى ئوتتۇرچە تېزلىكى :( )
A.9.6m/s B.8 m/s
C.8.8 m/s D.8.5 m/s
4.پۇتبول m/s8تېزلىكتە ئۇچۇپ كەلگەندە ،تەنھەركەتچى ئۇنى تىپىپ m/s12تېزلىكتە كەلگەن يۆلىنىشكە قايتۇرغان.پۇت بىلەن توپنىڭ تەسىرلىشىش ۋاقتى s 0.2،توپنىڭ ئۇچۇپ كەلگەن يۆلىنىشى ئوڭ يۆلىنىش دەپ ئېلىنسا ،پۇتبولنىڭ مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدىكى تېزلىنىشى( )
A._200m/s2 B.200 m/s2
C.-100 m/s2 D.100 m/s2
5.بەلگە جىسىمغا ئائىت تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى:( )
A.ھەرىكەتتىكى جىسىمنى بەلگە جىسىم دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
B.بىر جىسىمنى بەلگە جىسىم قىلىپ تاللاش باشقا جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈندۇر.
C.ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنى بەلگە جىسىم دەپ قاراپ ئوخشاش بىر جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەندە ،نەتىجە ئوخشاش بولىدۇ.
D.يەر يۈزىدىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى مۇھاكىمە قىلغاندا،چۇقۇم يەر شارىنى بەلگە جىسىم قىلىپ تاللاش كىرەك.
6.تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە پەيتنى ئىپادىلەيدىغىنى:( )
A.ئالدىنقى s3
B.ئەڭ ئاخىرقىs5
C.s3نىڭ ئاخىرى
D.s3
7.ئلېكتىر ئۇچقۇنلۇق چېكىتچى تايمىر ئارقىلىق قەغەز لېنتىغا چېكىت ئۇرۇشتىكى مۇۋاپىق بولغان مەشغۇلات ئۇسۇلى:( )
A.توك مەنبەسىنى ئۇلاش بىلەن تەڭلا قولىمىز بىلەن قەغەز لېنتىنى تارتىش.
B.خالىغانچە مەشغۇلات قىلساق بولىۋېرىدۇ.
C.ئاۋۋال توك مەنبەسىنى ئۇلاپ ،ئاندىن قولىمىز بىلەن قەغەز لېنتىنى تارتىش.
D.ئاۋۋال قولىمىز بىلەن قەغەز لېنتىنى تارتىپ ،ئاندىن توك مەنبەسىنى ئۇلاش.
8.تېزلىك بىلەن تېزلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئائىت تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى( )
A.تېزلىكنىڭ ئۆزگىرىشى قانچە چوڭ بولسا ،تېزلىنىشى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
B.تېزلىك ئۆزگىرىشى قانچە تېز بولسا،تېزلىنىشى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
C.تېزلىنىشنىڭ مىقدارى ئۆزگەرمىسە،تېزلىكنىڭ يۆلىنىشىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.
D.تېزلىنىشنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىسە ،تېزلىكنىڭ مىقدارىمۇ ئۈزلۈكسىز كىچىكلەيدۇ.
9.تۈز سىزىقلىق تەكشى ئۆزگىرىشچان ھەرىكەت توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى:( )
A.يۆتكىلىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.
B.تېزلىنىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەكشى ئۆزگىرىدۇ.
C.تېزلىكى يۆتكىلىشكە ئەگىشىپ تەكشى ئۆزگىرىدۇ.
D.تېزلىنىشى تۇراقلىق بولغان تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت.
10.تېزلىك ۋە سۈرئەت توغرىسىدىكى تۆۋەندىكىلەردىن خاتاسى( )
A.پەيتلىك تېزلىك بولسا جىسىمنىڭ مەلۇم بىر پەيتتىكى تېزلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
B.ئوتتۇرچە سۈرئەت دەل ئوتتۇرچە تېزلىكتۇر.
C.پەيتلىك تېزلىكنىڭ يۆلىنىشى دەل جىسىمنىڭ شۇ نوقتىدىكى ھەرىكەت يۆلىنىشىدۇر.
D.خالىغان بىر بۆلەك ئىچىدىكى ئوتتۇرچە تېزلىك خالىغان پەيتتىكى پەيتلىك تېزلىككە تەڭ بولغان ھەرىكەت تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت.
II.سۇئال بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ
11.ھەم چوڭ –كىچىكلىكى ھەم يۆلىنىشى بولغان فىزىكىلىق مىقدارــــــــــــــــــــــــــــ دېيىلىدۇ،پەقەت چوڭ-كىچىكلىكى بولۇپ ،يۆلىنىشى بولمىغان فىزىكىلىق مىقدارــــــــــــــــــــــــــــــ دېيىلىدۇ.
12.①.سائەت 11دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە،②.15مىنۇت ،③.3-سىكۇنتنىڭ ئاخىرى،④.ئەڭ ئاخىرقى 5سىكۇنت.
يۇقىرقىلاردىن ۋاقىت ئارلىقىنى ئىپادىلەيدىغىنى ـــــــــــــــــــــــ ،پەيتنى ئىپادىلەيدىغىنى ــــــــــــــــــــــــ .
13.ئېلىكتىر ماگىنىتلىق چېكىتچى تايمېر بىلەن ئېلىكتىر ئۇچقۇنلۇق چېكىتچى تايمېر ئوخشاشلا ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئېلىكتىر مەنبەسىگە ئۇلىنىدىغان ــــــــــــــــــــــــــ خاتىرلەيدىغان ئەسۋاب.ئېلىكتىر ماگىنىتلىق چېكىتچى تايمىرنىڭ نورمال ئىشلەش ئېلىكتىر بېسىمىVـــــــــــــ،ئېلىكتىر ئۇچقۇنلۇق چېكىتچى تايمىرنىڭ نورمال ئىشلەش ئېلىكتىر بېسىمىVــــــــــــــبولىدۇ.ئېلىكتىر مەنبەسىنىڭ چاستوتىسى HZ50بولسا،ئۇلار ھەر sــــــــــــــــ تا بىر چىكىت ئۇرىدۇ.
III.سۇئال
14.بىر ئاپتوموبىل تورموزلىنىپ توختىغانغا قەدەر s5ۋاقىت كەتكەن،ھەربىر سىكۇنتتىكى يۆتكىلىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا m9،m7،m5،m3،m1بولسا
(1).ئالدىنقى s1،s2،s3،s4ئىچىدىكى ئوتتۇرچە تېزلىكىنى تېپىڭ.
(2)s5 ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە تېزلىكى قانچە؟
(3).ئەڭ ئاخىرقى s1دىكى ئوتتۇرىچە تېزلىكى قانچە؟ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى تېزلىكى قانچە؟تېزلىنىشنىڭ يۆلىنىشى قانداق بولىدۇ؟
15. بىر پويىز m/s15تېزلىك كېتېۋىتىپ تۇيۇقسىز تورمۇزلاپ تەكشى كېمىيىشچان ھەرىكەت قىلغان. 6-سكۇنتنىڭ ئاخىرى تېزلىكى m/s12بولغان. (1).پويىزنىڭ تېزلىنىشى نەچچە؟ (2). s45 تىكى تېزلىكى نەچچە؟
|