查看完整版本: [-- تۇلۇق ئوتتۇراتارىخ زۆرۇر ئۇقۇشلۇق (2) دىن ئىمتىھان سوئا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> تۇلۇق ئوتتۇراتارىخ زۆرۇر ئۇقۇشلۇق (2) دىن ئىمتىھان سوئا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-09 23:58

تۇلۇق ئوتتۇراتارىخ زۆرۇر ئۇقۇشلۇق (2) دىن ئىمتىھان سوئا

2011-2012-ئۇقۇش يىلى تۇلۇق ئوتتۇراتارىخ زۆرۇر ئۇقۇشلۇق (2) دىن 2-مەۋسۇملۇك ئىمتىھان سوئالى
2012.6.22
 

ئىسىم-فامىلىسى:ـــــــــــــــــــــــــ   ئىمتىھان كىنىشكا نومۇرى:ـــــــــــــــ سىنىپ:ـــــــــــ    ـ
ئومۇمىي نومۇرى 100نومۇر ۋاقتى: 100مىنۇت   جاۋابى جاۋاب يېزىش كارتىسىغا يېزىلىدۇ.

ئىمتىھان  قەغىزى تاللاش سۇئالى                             (50نۇمۇر)
Ⅰتاللاش سۇئالى  (بۇ چوڭ سۇئالغا 25تارماق سۇئال بۇلۇپ،ھەر بىر سۇئالغا 2دىن جەمىي 50 نۇمۇر بېرىلىدۇ،ھەر بىر سۇئالدا  پەقەت بىرلا جاۋاپ توغرا،توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكى ماس ئۇرۇنغا تولدۇرۇڭ؟      

تەرتىۋى

1

2

3

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

جاۋابى

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

تەرتىۋى

14

15

16

17

18

19

20

21

22

23

24

25

 

جاۋابى

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

1.    ئىلىمىز ئىپتىدائىي دېھقانچىلىقىدىكى مۇھىم تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بولسا:

A.ساپان بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش   B.تۆمۈر ساپاننى كالىغا چېتىپ يەر ھەيدەش   C.ئوت-چۆپلەرنى كۆيدۈرۈپ ئوتىغۇچ بىلەن قېزىپ تېرىقچىلىق قىلىش   D.كولتىۋاتىسيە قىلىش(ئوت ئۇتاش ۋە توپىنى يۇمشىتىش) 

2.شيا،شاڭ،جۇ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە،قول ھۈنەرۋەنچىلىك زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈمران ئۇرۇندا تۇرىدىغىنى:

A. ھۈكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك    B.خەلق قول ھۈنەرۋەنچىلىك C.ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىك

D. ئىشخانا قول ھۈنەرۋەنچىلىك

3.تاڭ سۇلالىسىدە شەھەرلەردە مەخسۇس پۇل تىجارىتى ۋە قەرز مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سورۇن بارلىققا كەلگەن.ئۇ ئىلىمىزدىكى بانكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ قارالماقتا.بۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا: 

A.ئالىي دۇكان   B.ھېسابخانا  C.ئىناۋەتلىك چەك    D. قەغەز پۇل مۇلازىمىتى

4.ئېلىمىز قەدىمقى دەۋر فېئوداللىق يەرگە ئىگىدارچىلىق تۈزىمىنى قانۇنىي شەكلىدە تۇرغۇزغىنى بولسا:

A.ئەمىنىيە دەۋرىدىكى باج ئىسلاھاتىدا بولغان   B.چاسا ئېتىز تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغان   C. چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان.

D.چىن بەگلىگىدە شاڭ ياڭ قانۇن ئۆزگەرتىكەن.

 5.ماركس ياۋرۇپالىقلارنىڭ ‹‹دۇنيا بازىرىنى ئېچىش ۋە مۇستەملىكە ئىگىلىشى››گە ياردەم قىلغان جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى زاماندىكى كەشپىياتى دەپ قارىغىنى:

A. مىلتىق دورىسى B.مەتبەئەچىلىك C. قەغەز ياساش تېخنىكىسى  D.كومپاس

6. گوللاندىيە ‹‹دېڭىزدىكى ھارۋىكەش ››دەپ ئاتالغان بۇلۇپ ،بۇ ئاساسلىقى نىمىنى كۆرسىتىدۇ:

A.ئىگىلىگەن مۇستەملىكىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپلۈگى 

B.كېمىسازلىق تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكى

C.دېڭىز قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكى

D. دۇنيانىڭ سودا زومىگەرلىك ھۇقۇقىنى ئىگىلىگەنلىكى ۋە سودا كېمىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغانلىقى

7.  سانائەت ئىنقىلابىي جەريانىدا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان كەشپىيات بولسا:

A. كائى كەشىپ قىلغان موكا B.خارگرىۋسنىڭ جېننى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى C. ۋات ئۆزگەرتىپ يېڭىلىغان پار ماشىنىسى

D. فولتۇن كەشىپ قىلغان پار كىمىسى  

8.تۆۋەندىكى قايسى كەشپىياتلار 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا تاماملانغان:

①پار كىمىسى    ②ئاپتوموبىل       ③ئايروپىلان  ④پار پويىزى  ⑤ترامۋاي

A. ①  ②③  B. ①③④   C. ③④⑤   D.  ②③⑤

9.ئەجنەبىيچىلىك ھەركىتىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ،ئەڭ يىراقنى كۆرەلىگەن تەرىپى بولسا:

A.يېقىنقى زامان ھەربىي سانائىتىنى قۇرۇشى  B. يېقىنقى زامان ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىنى قۇرۇشى C. يېقىنقى زامان  يېڭىچە دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇشى   D.يېڭى تىپتىكى مەكتەپلەرنى قۇرۇشى ۋە چەت ئەلگە ئۇقۇغۇچى چىقىرىشى

10.جياۋۇ يىلىدىكى جۇڭگۇ ياپۇنىيە ئۇرۇشىدىن كىيىن دۇلىتىمىز ئىچىدە سانائەت قۇرۇش قىزغىنلىقى كۈتۈرۈلگەن،

بىۋاستە سەۋەبى بولسا:

A.غەرب تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىشى B.  سودىغا ئەھمىيەت بىرىش ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى C.چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمىتىنىڭ خەلق ئارىسىدا زاۋۇت قۇرۇشقا بولغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇشى D.ئىنقىلابىي ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسى 

11.سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ دۆلىتىمىزدە ئاساسىي جەھەتتىن تىكلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولسا:

A.سىياسىي كېڭەش  يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى B.ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ تاماملىنىشى  C.‹‹مەدەنىيەتزور ئىنقىلابى››نىڭ ئاخىرلىشىشى D. 11-نۆۋەتلىك3-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشى 

12.ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىدىن ئىبارەت يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك مۇھىم

ئىشنىڭ بەلگىسى بولسا:

A.جياڭ چىڭ  ئەكسىلئىنقىلابى گۇرۇھىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى،‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››نىڭ ئاخىرلىشىشى 

B.ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىنىڭ قانات يېيىشى،‹‹ئىككى ئۇمۇمەن››نىڭ ئىنكار قىلىنىشى

C. 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىچىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمىتىنىڭ ئىختىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش ئىكەنلىكىنى بېكىتىش .

D.شەھەر ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك قانات يېيىشى.

13.ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇننىڭ رولى بولسا:

① سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن .

②پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

③ئېلىمىز ئىقتسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى  ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان.

①ئېلىمىزنىڭ سىرىتقا قارىتا ئېچىۋىتىشنى ئۇمۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان.

A. ①②③④       B. ①②③  C. ②③④    D. ①③④

14.تۆۋەندە بىرىلگەن مەزمۇنلار ئىچىدە ئىسلاھات ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتىن بۇيانقى كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تەۋە بولمىغىنى:

A.كىيىم –كېچەك رەڭگارەڭ بۇلۇش B.ئاشلىقنى بىر تۇتاش يىغىۋېلىپ ،بىر تۇتاش تارقىتىش C.‹‹تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى››

D.‹‹كۆكتات ۋە قۇشۇمچە يېمەكلىكلەر قۇرۇلۇشى››

15.ئېلىمىزنىڭ ئاۋىئاتىسىيە ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى:

A.1920-يىلى ئېلىمىزدىكى تۈنجى ئاۋىئاتىسىيە لىنىيىسى—بېيجىڭ-تيەنجىن ئاۋىئاتىسىيە لىنىيىسى ئېچىلغان.

B.1909-يىلى فىڭ رۇ ئېلىمىز بويىچە تۈنجى ئايرۇپىلاننى ياسىغان. 

C.1949-ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتىسىيە لىنىيىسى ئۇمۇمىي مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلاشقان.

D.ئېلىمىز ئاللىقاچان دۇنيادىكى خەلق ئاۋىئاتىسىيە چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغان. 

16.ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئەگەر سىز بىر مەيدان تاللانغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ،سىز تۆۋەندىكى قايسى خىل تارقىتىش ۋاستىسىنى تاللايسىز:

A.گېزىت    B.كىنو   C.تېلېۋىزور   D.ئىنتېرنېت تورى  

17. تۆۋەندىكى 1929-1933-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرى توغرىسىدىكى بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى:

A.فرانسىيىدە ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن.

B.گېرمانىيىدە فاشىسىت كۈچلىرىنىڭ پائالىيىتى ئەسەبييلەشكەن.

C.ئامېرىكىدا فاشىسىت كۈچلەر تەختكە چىققان.

D.ھەر قايسى كاپىتالىستىك دۆلەتلەر تۇشمۇتۇشتىن ئىقتىسادقا بولغان ئارىلىشىشنى كۈچەيتكەن.

18.روزۋېلت يېڭى سىياسىتىگە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرا بولغىنى:

A. كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي كرىزىسنى تۈپتىن يۇقاتتى.

B. كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھالداتەرتىپكە سالدى.

C. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتتى.

D.دۆلەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى تۈپتىن ھەل قىلدى.

19.‹‹يېڭى ئىقتىساد›› ئالدى بىلەن قايسى دۆلەتتە پەيدا بولغان.

A.ياپونىيە    B.ئامېرىكا    C.گېرمانىيە    D. ئەنگلىيە

20.‹‹ئۇرۇش ۋاقتى كوممۇنىزم››سىياسىتىنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئەڭ بىۋاستە زىيان يەتكۈزگىنى بولسا:

A.ئېشىنچا ئاشلىقنى يىغىۋېلىش تۈزۈمى

B.ئۈمۇميۈلۈك مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى

C.پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك سانائەتلىشىشنى يۈرگۈزۈش

D.ئىستىمال بۇيۇملىرىنى تەخسىم قىلىش تۈزۈمى

21. بىرژنىف ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولسا :

A.خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسى ئۇمۇميۈزلۈك يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن.

B.پىلان ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ھاياتى كۈچى ئەسلىگە كەلگەن. 

C.ئېغىر سانائەت بۇلۇپمۇ ھەربىي ئىشلار سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرغان.

D .يېزا ئىگىلىك ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. 

22. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا پۇل سېستىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى بولسا:

A.ئەنگلىيە فوندستېرلىڭنى مەركەز قىلغان. B.فرانسىيە فرانكىنى مەركەز قىلغان. C.ئامېرىكا دوللارنى مەركەز قىلغان.

D. ياپونىيە يىننى مەركەز قىلغان. 

23.شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى:

① ئامېرىكا         ②كانادا                  ③مېكىسىكا                      ④كۇبا 

A. ①②④    B. ②③  C. ①③          D. ①②③ 

24. جۇڭگۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن ۋاقتى:  

A.1986-يىلى 12-ئاي                                       B. 1995-يىلى 12-ئاي

C. 2002-يىلى 12-ئاي                                      D .2001-يىلى 12-ئاي 

25. .خەلقئارا پۇل فوندى جەمىئىيىتى ۋە خەلقئارا گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئورگاننى مۇتلەق كوترول 

قىلىش ھۇقۇقىغا ئېرىشكەن دۆلەت: 

A.ئەنگلىيە                                                  B.فرانسىيە  

C.ئامېرىكا                                                   D .فېدېراتىپ گېرمانىيە

Ⅱ.ماتىريال تەھلىل قىلىپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ؟

1-ماتىريال

سەن ئېتىزدا جاپالىق                سۇ تۇشىسام ئەپكەشتە،          ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈسى  

ئىشلىگەندە مەن ئۆيدە              سۇ تۈتىسىز مېھنەتتە             تەنھا شىپا دورىدۇر.

رەخىت تۇقۇيمەن توختىماي          كونىرىغان روزغار،               بىللە چەككەن جاپالار،

گۈل چىقىرىپ ھەر رەڭدە.           بوران چىقسا دالدىدۇر.         ھەسەلدىنمۇ شېرىندۇر.

بۇ كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان خۇاڭمىي تىياتىرى-‹‹پەرىزاتنىڭ مەدىكارغا ياتلىق بۇلۇشى››دىكى ‹‹ئەر –ئايال ئىككىمىز ئۆيگە شەيدامىز››دېگەن ناخشىنىڭ بۆلىكىدۇر.بۇ تىياتىردا ئاساسلىقى دۇڭ يۇڭ بىلەن 7-پەرىزات(يۈيخۇاڭ ئىلاھنىڭ 7-قىزى.-تەرجىمانىدىن)نىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى،يەنى ئەر –ئايال ئىككىسىنىڭ خوجايىنغا ياللىنىپ ئىشلەش قەرەلىنى توشقۇزۇپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان،يۇقۇرقى ناخشىدا ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

(1)دۇڭ يۇڭ بىلەن 7- پەرىزات قانداق تۇرمۇشقا ئىنتىلگەن؟                                    (4نۇمۇر)

 

 

 (2)بۇ ناخشىدا ئىلىمىزنىڭ قەدىمقى زامان يېزا ئىگىلىكىدىكى قانداق ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟ (6نۇمۇر)

 

 

 

 

2-ماتىريال

كۆممىقوناق بىر خىل يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بۇلۇپ،ئەسلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ئەڭ دەسلەپ تېرىغان.7000يىل بۇرۇنلا ئامېرىكا قىتئەسىدە ئىندىئانلار كۆممىقۇناق تېرىشقا باشلىغان.غەربىي ياۋرۇپا مۇستەملىكچىلىرى ئامېرىكا قىتئەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى ياۋروپاغا ئەكەتكەن،ئۇندىن كىيىن ئاسىيا ۋە ياۋروپا  قىتئەلىرىدە كۆممىقوناق كەڭ كۆلەمدە تېرىغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خرۇششېفنىڭ كۆممىقوناققا ئۆزگىچە قىزىقىشى بار بۇلۇپ،ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتىدىكى تۈرلۇك تەدبىرىنىڭ ئۆزى دەل كۆممىقوناق تېرىش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش بۇلۇپ،نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلات كەڭ دائىرىدە ئازلاپ كەتكەن.  

(1)   خرۇششېف ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇختىسىنى نىمىگە قاراتقان؟                               (3 نۇمۇر  )

 

 

(2)   خرۇششېف كۆممىقوناق تېرىشنى كېڭەيتكەن، كۆممىقوناقلار پىشماي ھېچقانداق ھۇسۇلغا ئېرىشەلمىگەن،بۇ

بۇبىر ھادىسە قايسى مەسىللەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؟                                        (5نۇمۇر)

 

 

 

 

Ⅲ.جاۋاپ بېرىڭ؟

1.    تور ۋاستىسى باشقا ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا قانداق ئەۋزەللىككە ئىگە؟         (8نۇمۇر)

 

 

 

 

2.  1929-1933-يىللىرى كاپىتالىزىم دۇنياسىدا پارتىلىغان ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ(1) سەۋەبى،(2)ئىپادىسى (3)ئالاھىدىلىگى(4) ۋە تەسىرىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ؟                                         (16نۇمۇر)

 

 

 

3.ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى نىمە ئۈچۈن قوش بىسلىق شەمشەر دەيمىز؟                       (8نۇمۇر)


koksangun 2013-07-09 23:59
2011-2012-ئۇقۇش يىلى تۇلۇق ئوتتۇراتارىخ(2)زۆرۇر ئۇقۇشلۇق 2-مەۋسۇملۇك ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋاپ يېزىش كارتىسى
2012.6.22

ئىسىم-فامىلىسى:ـــــــــــــــــــــــــ    سىنىپ:ـــــــــــ    كىنىشكا نومۇرى:ــــــــــــــــ
ئىمتىھان  قەغىزى تاللاش سۇئالى                                        (50نۇمۇر)
Ⅰتاللاش سۇئالى  (بۇ چوڭ سۇئالغا 25تارماق سۇئال بۇلۇپ،ھەر بىر سۇئالغا 2دىن جەمىي 50 نۇمۇر بېرىلىدۇ،ھەر بىر سۇئالدا  پەقەت بىرلا جاۋاپ توغرا،توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكى ماس ئۇرۇنغا تولدۇرۇڭ؟
      
تەرتىپى    1    2    3    4    5    6    7    8    9    10    11    12    13
جاۋابى                                                    
تەرتىپى    14    15    16    17    18    19    20    21    22    23    24    25    
جاۋابى                                                    
. Ⅱ.ماتىريال تەھلىل قىلىپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىڭ؟
1-ماتىريال(1)نىڭ جاۋابى                                                 (4نۇمۇر)
          

1-ماتىريال(2)نىڭ جاۋابى                                                (6نۇمۇر)



2-ماتىريال(1)نىڭ جاۋابى                                               (3 نۇمۇر  )





2-ماتىريال(2)نىڭ جاۋابى                                              (5نۇمۇر)






Ⅲ.جاۋاپ بېرىڭ؟
Ⅲ-سۇئالنىڭ (1)نىڭ جاۋابى :                                          (8نۇمۇر)







Ⅲ-سۇئالنىڭ (2)نىڭ جاۋابى:                                            (16نۇمۇر)










Ⅲ-سۇئالنىڭ (3)نىڭ جاۋابى:                                            (8نۇمۇر)

ئايبىكە 2013-07-10 07:43
سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.
تارىخ گۈللىرىمۇ پۇرەكلەپتۇ ،مانا.

ئەكبەرنىياز 2013-07-10 23:51
كۆممىقوناق بىر خىل يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بۇلۇپ،ئەسلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ئەڭ دەسلەپ تېرىغان.7000يىل بۇرۇنلا ئامېرىكا قىتئەسىدە ئىندىئانلار كۆممىقۇناق تېرىشقا باشلىغان.غەربىي ياۋرۇپا مۇستەملىكچىلىرى ئامېرىكا قىتئەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى ياۋروپاغا ئەكەتكەن،ئۇندىن كىيىن ئاسىيا ۋە ياۋروپا  قىتئەلىرىدە كۆممىقوناق كەڭ كۆلەمدە تېرىغان.

يېڭى بىلىمدىن بىرگە ئېرىشتىم ، كۆپ رەھمەت ئۇستاز !!!

koksangun 2013-07-10 23:53
سەن ئېتىزدا جاپالىق          سۇ تۇشىسام ئەپكەشتە،       ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈسى  

ئىشلىگەندە مەن ئۆيدە        سۇ تۈتىسىز مېھنەتتە             تەنھا شىپا دورىدۇر.

رەخىت تۇقۇيمەن توختىماي      كونىرىغان روزغار،            بىللە چەككەن جاپالار،

گۈل چىقىرىپ ھەر رەڭدە.       بوران چىقسا دالدىدۇر.        ھەسەلدىنمۇ شېرىندۇر.

ۋىروس 2013-12-31 20:42
AB تاللاشنىڭ جاۋابى بولسا ئەۋەت بەرسىڭىز بوپتىكەن


查看完整版本: [-- تۇلۇق ئوتتۇراتارىخ زۆرۇر ئۇقۇشلۇق (2) دىن ئىمتىھان سوئا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled