查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(15) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(15) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-09 23:55

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(15)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

4-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

15-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى 

1.   جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى نېمە؟ ئۇ قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

2. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا سىز نېمىلەرنى قىلالىدىڭىز؟

K9‑f7,3W}xYYs]يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش>,%7bq=T!  

"مىللەتلەر باغچىسى" تېمىسى ئاستىدىكى ماتېرىيال ئارقىلىق يېڭى دەرس مەزمۇنىغا باشلاپ كىرىلىدۇNI% ( ) OX/}j_8E^(OgB ZoTT[1]





دەرس تېمىسى

8.1جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:)ئەخلاقى-تەربىيە نىشانى)

 

1.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەزمۇنى چۈشىنىش ، گۈللىنىش يوللىرىنى بىلۋېلىش.

2.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش

3.جۇڭگودىكى 56مىللەتنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋە ئىكەنلىكىنى ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارتىشىدىكى كۈچلۈك مەنىۋىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىدەك مىللىي روھنى يىتىلدۈرۈش .

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم نۇقتا:

جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى

قىيىن نۇقتا:

جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ مەزمۇنى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب، 

دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەزمۇنى

2.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى

 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
1.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەزمۇنى

جۇڭخۇا مىللەتلىرى جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ئومۇمىي نامى، ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا 56 مىللەت بىر –بىرىگە تاينىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، بىرلىككە كەلگەن، شۇنداقلا  ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە بولڭپ ئۇيۇشۇپ، ھايات ماماتتا، شەرەپ-نومۇستا بىللە بولىدىغان تەقدىرداشلارغا ئايلاندى. مىللەتلەرنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىدە  ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك قاتلامدىكى مىللىي تونۇشى-جۇڭخۇا مىللىتى بارلىققا كەلدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى نامايەن قىلدى، جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. "جۇڭخۇا مىللەتلىرى" جۇڭخۇا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ شەكىللەنگەن"مىللىي ئورتاق گەۋدە"

ھازىرقى جۇڭگودا بىر- بىرى بىلەن پەرقلىنىدىغان 56مىللەت بار، مانا بۇ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ"كۆپ مەنبەلىكلىكىنى"، شۇنىڭ بىلەن بىللە 56مىللەت ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلغان، ئۇلارنىڭ ئورتاق تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئايرىلماس بىر پۈتۈن مەنپەئىتى بار، ئۇلار بىر پۈتۈنلۈك تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئورتاق"جۇڭخۇا مىللەتلىرى"دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ"بىر گەۋدىلىكى"

2.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى

جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇاق تارىخقا ئىگە يىراق قەدىمىدىن تارتىپ جۇڭخۇادىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەجدادلىرى ۋەتىنىمىز زىمىنىدا ئەمگەك قىلىپ، ياشاپ ۋە كۆپىيىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى تەقدىم قىلغان. جۇڭخۇا دېگەن بۇ سۆز" جۇڭگو" ۋە "خۇاشىيا"دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن ئۇ خەنزۇلارنىڭ ئەجدادى. خۇاشىيا كېيىن جوڭگۇنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەن.

يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي، ئجتىمائىي ئالاقە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشمۇ تېخىمۇ جانلاندى. ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئالاقىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى، كۆلىمنىڭ ئىنتايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا نوپۇسىنىڭ يۆتكىلىش سانىمۇ كۈنسايىن ئاشتى، مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكىدىمۇ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار بولدى، ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئومۇملىشىپ قالدى، نۆۋەتتە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئجتىمائىي قاتارلىقى ھەر قايسى جەھەتلەردە شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشقاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

تاپشۇرۇق

1)     ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

دۆلىتمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقنى ،شۇنداقلا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تېخىمۇ بەك ئەسكەرتىش لازىم .

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئايبىكە 2013-07-10 08:04
ئىدىيە-سىياسى پېنىنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرىمۇ ئېچىلپتۇ،مانا.سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

ئەكبەرنىياز 2013-07-10 23:49
تاپشۇرۇقنى يېزىقچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تام گېزىتى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا ئۈنۈمى قانداق بولار !؟

koksangun 2013-07-10 23:54
ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(15) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled