查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(14) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(14) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-09 23:52

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(14)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

1-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

14-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى: K9‑f7,/  

جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى يولى نېمە؟

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
"شىنجاڭنىڭ يىقىنىقى بىر نەچچە يىللىق تەرەققىياتى" توغرسىدىكى ماتېرىياللار ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.NI% ( )  OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى:  





دەرس تېمىسى

جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى-تەربىيە نىشانى)

 

ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشى -جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى ئىكەنلىكىنى  بىلىۋېلىش.

 . ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق  مىللەتلەر مەسىلسىنى توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش.

مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، باراۋەرلىكى ،ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن  ئورتاق كۈچ چىقىرىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇش.

 

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلار:

ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشى -جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1.جۇڭگودا مىللەتلەر مەسلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تۈزۈم

2.مىللىي تېررىتورىيلىك ئاپتونومىيىنىڭ مەزمۇنى ې

 
 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
1.جۇڭگودا مىللەتلەر مەسلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تۈزۈم

ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق، دۆلىتىمىز مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمنى  مىللەتلەر مەسىلىسنى  ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى قىلدى، بۇ ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بىر سىياسىي تۈزۈم.

1)"جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى"دا: " مىللىي تېرروىتورىيلىك ئاپتونومىيە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونومىيە ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزلىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن.

2) مىللىي تېررىتورىيلىك ئاپتونومىيە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرىنچى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان بارلىق جايلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

ئىككىنچى: مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قۇيۇلىدۇ، بەلگىلىك ساندىكى  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بىر دائىرىدە (رايوندا)ئولتۇراقلىشىشى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى.

ئۈچىنچى: مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان سىياسىي شەكىل. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان جايلاردا .از سانلىق مىللەتلەر ئاپتونومىيە ئاپپاراتى تەسىس قىلىش. ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆز رايونى، ئۆز مىللىتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇىدۇ. 

3) مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ  ماھىيىتى- بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالسىتك دۆلەت ئىچىدىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قانۇن بويىچە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆز مىللىتى، ئۆز رايوننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش.

4) مەقسەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش، مىللىي رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ھەر قايسى  مىللەتلەرنىڭ ئىتىتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت

2.جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى.

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش مۇھىم بىر  ئىقتىسادىي مەسىلە، شۇنداقلا مۇھىم سىياسىي مەسىلە بولۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ يول.

ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشى- يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا دۆلىتمىزنىڭ ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدىغان زور ئىستىراتېگىيىلىك ئىدىيە، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتنى تېززلىتىشتىكى تۈپ كۆرسەتكۈچ. ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنى- تەرەققىيات، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىتىنىڭ ھالقىسى- ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش، تەرەققىيات تەپەككۈرى، تەرەققىيات نىشانى، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىلمىي بېكىتىش، تەرەققىياتىنى خەلققە ۇۈزلەندۈرۈش، تەرەققىياتتا خەلققە تاينىش، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلىدۇرۇش، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەاەققىياتنى تېزلىتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يېڭى يولدا مېڭىشىتىن ئىبارەت.

1)ئىقىتىسادىي قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،تەرەققىياتنى تېزلىتىش.

2)رايون ئىقتىسادىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايونلار ۋە نوپۇس بىر قەدەر ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىش

3)ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتىگىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، ئادام بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش

4)ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش

 

تاپشۇرۇق

1)     ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

ئىقتىساد، سىياسىي، ئىجىتمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىمىلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشنى نۇقتىلىق تەكىتىلەش  كېرەك.

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئايبىكە 2013-07-10 08:04
ھارماڭ.ئىدىيە-سىياسى پېنىنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرىمۇ ئېچىلپتۇ،مانا.سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

ئەكبەرنىياز 2013-07-10 23:41
3) مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ  ماھىيىتى- بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالسىتك دۆلەت ئىچىدىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قانۇن بويىچە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆز مىللىتى، ئۆز رايوننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش.

4) مەقسەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش، مىللىي رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ھەر قايسى  مىللەتلەرنىڭ ئىتىتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت

بۇ مەزمونلار بەك مۇھىمكەن ، ھارماڭ ئۇستاز !!!

koksangun 2013-07-10 23:42
رەھمەت بۇ يازمىلىرىمىزغا جان كىرگۈزىۋەتتىڭىزغۇ ئەكبەرجان .


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(14) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled