查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(13) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(13) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-09 23:45

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(13)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

4-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

14-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى: K9‑f7,/  

  دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەسلىسىنى تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى.

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
NI% ( )  شىنجاڭنىڭ يىقىنىقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى سۆزلىنىش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى:  ( 1- سائىتى ) ~`x<;Ts  

EL-1o0 2-

 





دەرس تېمىسى

جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى- تەربىيە نىشانى)

 

 جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشىنىڭ تۈپ يولىنى  بىلىۋېلىش

 مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي تۈزۈمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكنى بىلۋېلىش.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولىنى ئىگىلەش.

پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتۇزالايدۇ دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم  ۋە قىيىن نۇقتىلار:

جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشىنىڭ تۈپ يولى

مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي تۈزۈمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشىنىڭ تۈپ يولى

مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى

 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى-دۆلىتمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، دۆلىتمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ ھەل قىلىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم  يولى دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى.

1.سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يولى بىلەن مىللەتلەر مەسىلىسى

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم، لېكىن يېقىنقى زاماندا چەت ئەلدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ، دۆلەت ئىچىدىكى فېئودال كۈچلەرنىڭ ئېكسپىلاتسىيسى ۋە بيۇروكرات مىلىتارستىلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشلىرى تۈپەيلىدىن، پۈتۈن مىللەت ۋە دۆلەت بىر مەھەل خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز مىللىي رايۇنلاردا زور كۈچ بىلەن ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى چە ئىجتىمائىي ئسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭىچە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەتنى تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە قولغا كەلتۈردى. جۇڭگۇنىڭ يىقىنقى زاماندىكى تارىخي، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېىلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ. شۇنداقلا پەقەت سۇتسيالىزملا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرى داۋامىدىلا، دۆلىتمىزىدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى پەيدىنپەي ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

2.سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى بىلەن مىللەتلەر مەسىلسى.

سوتسيالىزمنىڭ ماھىيىتى-ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىكسپىلاتاتسىيىنى يوقىتىش، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى تۈگىتىش، ئاخىرىدا ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇ ، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلاھات، ئېچىېۋىتىشىنىڭباش لايھىلىگۈچىسى دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتىگە بولغان يۈكسەك يەكۈنى، ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئىتتپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئورتاق گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش-دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ يولى. مىللىي رايونلارمۇ دەل سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە سوتسىيالىزم يۈنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ.، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىشتا تەۋرەنمەي، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بوشاشماي، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئوخشاش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنىڭ زور  تەرەققىياتىغا ئېرىشتى. ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مۇقملىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى، شۈبھىسىزكى، دۆلەتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەمىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتى سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنى گەۋدىلەندۈردى.

3.سوتسىيالىستىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن مىللەتلەر مەسىلسى

ئىسلاھات، ئېچىېۋېتىش دۆلىتمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي فاڭجېنى، ئۇ، دۆلىتمىزنىڭ ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاجيىپ ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتمىزدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ مىسلىسىز تەرەققىياتىغا ئېرىشىپ، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالستىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلىتمىزدىكى مىللەتلەر مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.

4.سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم بىلەن مىللەتلەر مەسلىسى

"جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى" دا مۇنداق بەلگىلەنگەن؛ سوتسىيالىستىك تۈزۈم- دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ تۈزۈمى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، كوممونىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، مىللىي تېررىتۇرىيلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى. دۆلىتمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بۇ  ئۈچ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئىچكى باغلىنىشلىق بولغاچقا، بۇ ئۈچ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم دۆلىتمىزدىكى مىللەتلەر مەسلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رولغا ئىگە.

5.سوتسىيالىزمنىڭ رەھبەرلىك يادروسى ۋە يېتەكچى ئىدىيسى بىلەن مىللەتلەر مەسلىسى

جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيىسى- ئىشچىلار سىنىپنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەترىتى، ھەر مىللەت خەلق مەنپەئىتىنىڭ سادىق ۋەكىلى، ماركسىزم، جۇڭگوچىللاشقان ماركىسىزملىق ئىلغار نەزەريىسى بىلەن قوراللانغان سىياسىي پارتىيە، مىللىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر مەسلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئەمەلىيەت"كوممونىستىك پارتىيە بولىمسا، يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ"غانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇستەقللىقى، ئازادلىقى بولمايدىغانلىقنى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى بولمايدىغانلىقنى ئىسپاتلىدى، شۇڭا، جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىكى ۋە ماركىسىزملىق يېتەكچى ئىديىىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلىتمىزدىكى مىللەتلەر مەسلىسىنى تېخىمۇ ئوبدان ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

تاپشۇرۇق

1)     ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى تەكىتىلەپ چۈشەندۈرۈش كېرەك.

 

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئايبىكە 2013-07-10 08:05
ئۇستاز.ئىدىيە-سىياسى پېنىنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرىمۇ ئېچىلپتۇ،مانا.سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

ئەكبەرنىياز 2013-07-10 23:36
جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيىسى- ئىشچىلار سىنىپنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەترىتى، ھەر مىللەت خەلق مەنپەئىتىنىڭ سادىق ۋەكىلى، ماركسىزم، جۇڭگوچىللاشقان ماركىسىزملىق ئىلغار نەزەريىسى بىلەن قوراللانغان سىياسىي پارتىيە، مىللىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر مەسلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئەمەلىيەت"كوممونىستىك پارتىيە بولىمسا، يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ"غانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇستەقللىقى، ئازادلىقى بولمايدىغانلىقنى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى بولمايدىغانلىقنى ئىسپاتلىدى، شۇڭا، جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىكى ۋە ماركىسىزملىق يېتەكچى ئىديىىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلىتمىزدىكى مىللەتلەر مەسلىسىنى تېخىمۇ ئوبدان ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ مەزمون بەك مۇھىمكەن ، ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

koksangun 2013-07-10 23:41
ئەكبەرجان مۇئەللىم بەك نادىر مەزمۇنلارنى تېپىپ كۆرەلەيدىكەنسىز...


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(13) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled