查看完整版本: [-- ئىدىيە-سىياسى زۆرۈر دەرسلىك4 –قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> ئىدىيە-سىياسى زۆرۈر دەرسلىك4 –قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-08 20:42

ئىدىيە-سىياسى زۆرۈر دەرسلىك4 –قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى

2-يىللىقلارنىڭ 2011-2012ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم مەۋسۈملۈك ۋە ئۇقۇش نۇمۇرى ئىمتىھان سۇئالى
ئىدىيە-سىياسى   زۆرۈر دەرسلىك4 –قىسىم
ئومۇمىي نومۇرى 100نومۇر ۋاقتى: 90مىنۇت   جاۋابى جاۋاب يېزىش كارتىسىغا يېزىلىدۇ.

سوئال: يەككە تاللاش سوئالى:(تۆۋەندىكى جاۋابلار  ئىچىدە پەقەت  بىرسىلا توغرا، توغرا دەپ  قارىغان جاۋابنىڭ ھەرب بەلگىسىنى جاۋاب يېزىش كارتىسىدىكى  جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ)48 نومۇر

1.ئېينىشتىيىن«پەلسەپە ئوخشاشمىغان پەنلەر بىلەن ئۇچراشسا،قۇرۇق رامكىغا ئايلىنىپ قالىدۇ»دىگەن.بۇنىڭ چۈشەندۈرىدىغىنى:

.پەلسەپەنىڭ ئىلمى دۇنيا قاراش ۋەمىتودولوگىيە ئىكەنلىگى

.پەلسەپەنىڭ كونكىرىت پەنلەرنىڭ ئۇمۇملاشتۇرلۇشى ۋەيەكۈنى ئىكەنلىكى

.پەلسەپەنىڭ دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تەلىمات بۇلۇپ، ھەممىسى توغرا ئىكەنلىكى

.پەلسەپەنىڭ تەبىئى پەننىڭ ئۇمۇملاشتۇرلۇشى ۋە يەكۈنى ئىكەنلىكى

2.ماركىسىزىمنىڭ جۇڭگۇدا تارقىلىش ۋەتەرەققى قىلىش جەريانى ماركىسىزىمنىڭ جۇڭگۇچىلىشىش جەرييانىدۇر.ماركىسىزىمنىڭ جۇڭگۇچىلاشقان ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى

① ماۋزىدوڭ ئىدىيىسى       ②دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى        ③«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش »مۇھىم ئىدىيىسى       ④ئىلمى تەرەققىيات قارىشى

. ①②③          . ①②④          . ②③④           . ①③④

3.پەلسەپەدىكى تۈپ مەسىلە:

.ماددا بىلەن ئاڭنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋىتى مەسىلىسى       .تەپەككۈر بىلەن مەۋجۈدىيەتنىڭ مۇناسىۋىت مەسىلىسى      .ماتىرىيالىزىم بىلەن ئىدىئالىزىمنىڭ مۇناسىۋىت مەسىلىسى

.دىئالىكتىكا بىلەن مىتافىزىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى

4.ماتىرىيالىستىك دىئالىكتىكىنىڭ قارىشىچە،دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر ئۇمۇميۈزلۈك باغلىنىش ئىچىدە تۇرىدۇ،يەككە-يىگانە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدىغان ھىچقانداق شەيئى يوق.باغلىنىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى قاراشلاردىن خاتاسى:

.شەيئىلەرنىڭ باغلىنىشى ئوبىكتىپ،شەرتسىز بۇلىدۇ       .شەيئىلەر باغلىنىشىنىڭ شەكلى كۆپ،خىلمۇ-خىل بۇلىدۇ           .شەيئىلەرنىڭ باغلىنىشى كونكىرىت،شەرتلىك بۇلىدۇ

.باغلىنىش-شەيئىلەر مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى

5.دۇنيا قاراش دىگىنىمىز:

.كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان ئۇمۇمى كۆزقارىشى ۋە نوقتىنەزىرى

.كىشىلەرنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىگە بولغان تۈپ كۆز قارىشى ۋە نۇقتىنەزىرى     .كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ،شۇنداقلا ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان ئۇمۇمى قارىشى ۋە تۈپ نوقتىنەزىرى

.كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسىدىكى تۈپ نوقتىنەزىرى ۋە كۆز قارىشى

6.مار كىسىزىملىق پەلسەپە (      )نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

. دىئالىكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخى ماتىرىيالىزىمنى     .ئىلمى دۇنيا قاراش ۋە مىتۇدولوگىيىنى                     .تەبىئەت دۇنياسى ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش

.ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت

7.پەلسەپەدىكى ماددا شۇنى كۆرسىتىدۇكى:

..ئاڭدىن تاشقىرى بارلىق مەۋجۈدات ۋە شەيئىلەرنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى ..ئاڭدىن تاشقىرى بارلىق شەكىللىك جىسىملار     ..كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا باغلىق بولمىغان،ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئېڭى ئارقىلىق ئەكىس ئىتىدىغان ئوبىكتىپ چىنلىق

. ئوبىكتىپ دۇنيادىكى بارلىق ماددا شەكلى

8.ئىنسانلار جەمىيىتى مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى:

.تەبىئى ماددىلارنىڭ مەۋجۈتلۇقى          .ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەت

.ئادەمنىڭ نوقتىنەزىرى ۋە ئىدىيىسى              .ماددى ئىشلەپچىقىرىش

9.ماتىرىيالىزىم بىلەن ئىدىيالىزىمنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم:

.ماددىنىڭ ئاڭنى بەلگىلەيدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىق

.ماددا بىلەن ئاڭنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋىتىنى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىق

.ئاڭنىڭ رولىنى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىق

.دۇنيانى تۇنۇغىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىتىراپ-قىلىش قىلماسلىق

10.بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلاش ۋە ئىش قىلىشتىكى تۈپ چىقىش نوقتىمىز:

.سوبىكتىپنى ئوبىكتىپقا ئويغۇنلاشتۇرۇش         .دېڭ شىياۋپېڭ نەزەرىيىسى

.ئوبىكتىپ مەۋجۈت بولغان ئەمەلى شەيئى         .خەلق مەنپەئەتى
11. 2011-مەركەزنىڭ 1-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىدە جايلار ئۆز يىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن،شەرىت-شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرگەن ھالدا سىياسەت بەلگىلەپ،ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ،زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى كىرەك دەپ تەكىتلەندى.بۇ تەلەپنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسى:
.ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ              .ھەرىكەت قانۇنىيەتلىك بۇلىدۇ
.دۇنيا مەڭگۈ تەرەققى قىلىدۇ      .يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى
12.بىلىنىسكى«ئىنكار قىلىش بولمىسا،ئىنسانىيەت تارىخى بىر ئىزدا توختاپ قالغان سېسىق كۆلچەككە ئايلىنىپ قالغان بۇلاتتى»دىگەن.بۇ مەشھۇر سۆزنىڭ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى،دىئالىكتىك ئىنكار:
①شەيئىلەرنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىنكار قىلىشى    ②شەيئىلەر باغلىنىشنىڭ ھالقىسى           ③شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ھالقىسى④كونا شەيئىلەرنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى تۈگىتىش
. ①②            . ①③                . ③④              . ①④

13.كىشىلەرنىڭ قىممەت ھۈكۈمى ۋە قىممەت تاللىشىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى  ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى:

①جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتىگە رىئايەقىلغان-قىلمىغانلىقى

        ②ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرغان-تۇرمىغانلىقى

③ ھۈكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەلىۋىنى ئەكس ئەتتۈرگەن-ئەتتۈرمىگەنلىكى         ④قىممەت ھۈكۈمى ۋە قىممەت تاللىشىنىڭ ئىجتىمائى تارىخىلىقىنى ئىگىلىگەن-ئىگىلىمىگەنلىگى

. ①②             . ①③             . ②③              . ②④

14.تۆۋەندىكى پەلسەپە توغرىسىدىكى ئېيتىلىشتا توغرا بولمىغىنى:

.ھەر قانداق پەلسەپەنىڭ ھەممىسى ئىلمى بۇلىدۇ        .پەلسەپە دۇنيا قاراش

ىلەن مىتودولوگىيىنىڭ بىرلىگى

 

   .پەلسەپە نەزەرىيىۋىلەشكەن،سېستىمىلاشقان دۇنيا قاراش            .پەلسەپە ھەر خىل كونكىرىت بىلىملەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە يەكۈنلىنىشى

15. تەرەققىيات ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى؛
①تەرەققىيات-ئوبىكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم  ئىرادىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئۆزگىرىشى ②تەرەققىيات-شەيئىنىڭ ئۆزگىرىشى دىمەكتۇر
③تەرەققىيات-يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە كونا شەيئىنىڭ يوقىلىشىدۇر
④تەرەققىيات-يۇقىرى ئۆرلەش،ئالغا ئىلگىرىلەش،راۋاجلىنىش خارەكتىرىدىكى ئۆزگىرىشتۇر
. ④②         . ①③             . ②③             . ③④
16. ئىجتىمائى ئاڭ بەزىدە ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەتنىڭ ئارقىدا قالسا،بەزىدە ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىدۇ.بۇشۇنى چۈشەندۈرىدۇكى:
.ئىجتىمائى ئاڭ ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەتكە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىدۇ
.ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەت ئىجتىمائى ئاڭنى بەلگىلەيدۇ    .ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەتنىڭ ئىجتىمائى ئاڭغا ئەكس تە سىرى بار       .ئىجتىمائى ئاڭ نىسبى مۇستەقىللىققا ئىگە
17. پەلسەپە مەنىسىدىكى قىممەت:
①شەيئىنىڭ ئۆزىدە ئەزەلدىن بار بولغان خۇسۇسىيەت                       

②ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار بولغان،باشقىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان خۇسۇسىيىتى

③بىر شەيئىنىڭ سوبىكىتقا بولغان ئاكتىپ ئەھمىيىتى  ④بىر شەيئىدە بار بولغان،سوبىكىتنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان خۇسۇسىيەت ۋە ئىقيتىدار

. ②①           . ②③                 . ①④                  . ③④

18. تۆۋەندىكى بايانلاردىن پەلسەپە بىلەن دۇنيا قاراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بايان قىلغىنى:

.پەلسەپە دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تەلىما  .پەلسەپە دۇنيا قاراشنىڭ ئىپادىسى

.پەلسەنىڭ  ئۆزى دۇنيا قاراش               .پەلسەپە دۇنيا قاراشنىڭ ئاساسى

19.ۋىن جىا باو زوڭلى مۇنداق دىگەن«بىر پاراخۇت ئەترىدىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تىز-ئاستىلىقى ئەڭ تىز پاراخۇت تەرىپىدىن ئەمەس،بەلكى سۈرئىتى ئەڭ ئاستا پاراخۇت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ»بۇ ئېيتىلىشنىڭ ئىلمىيلىكى( )نى ئىگىلىۋالغانلىقىدا:       .باغلىنىشنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە سوبىكتىپلىقى  .قىسمەنلىكنىڭ رولىنىڭ پۈتۈنلۈكنىڭ رولىدىن چوڭ بۇلىدىغانلىقى .شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ شەرتلىك بۇلىدىغانلىقى.قىسمەنلىكنىڭ ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈنلۈكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى

20.بىر پەيلاسۇپ مۇنداق دىگەن:«دۇنيادا ئوخشاش بولغان ئىككى تال قۇم،ئوخشاش بولغان ئىككى چىۋىن،ئىككى بۇرۇن بولمايدۇ»چۈنكى:

.زىددىيەت ھەممىلا يەردە بۇلىدۇ               .زىددىيەت ئۇمۇمىيلىققا ئىگە،زىددىيەت يوق يەر بولمايدۇ             .ئوخشىمىغان شەيئىلەرنىڭ زىددىيىتى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە        .ئوخشاش شەيئىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بۇلىدۇ

21.ماۋزىدوڭ«پىششىق بىلىشتىن مەقسەت ئۇنى تەدبىقلاشتا»دىگەن.بۇ نىمىنى گەۋدىلەندۈردى:     .ئەمەلىيەت بىلىش تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئىكەنلىكى   .ئەمەلىيەت بىلىشنىڭ مەنبىئى ئىكەنلىكى            .ئەمەلىيەت بىلىشنىڭ ھەقىقەتلىكىنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئىكەنلىكى             .ئەمەلىيەت بىلىشنىڭ مەقسىدى ۋە مەنبىئى ئىكەنلىكى

22. تەرەققىيات ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى؛

①تەرەققىيات-ئوبىكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم  ئىرادىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئۆزگىرىشى
②تەرەققىيات-شەيئىنىڭ ئۆزگىرىشى دىمەكتۇر   ③تەرەققىيات-يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە كونا شەيئىنىڭ يوقىلىشىدۇتەرەققىيات-يۇقىرى ئۆرلەش،ئالغا ئىلگىرىلەش،راۋاجلىنىش خارەكتىرىدىكى ئۆزگىرىشتۇر
. ④②         . ①③             . ②③             . ③④
23. . تۆۋەندىكى ئېيتىلغانلاردىن«بىر تال مۇيىغا چېقىلسا،پۈتۈن بەدىنى سىقىراپتۇ»غا ئوخشاش پەلسەپىۋى قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنى:   .دۆلەت گۈللەنسە ئائىلە روناق تاپار  .بىر ئۇرۇقنى خاتا مېڭىپ قويساڭ،پۈتۈنلەي ئۇتتۇرىسەن  .ئاقىلنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قۇيىدىغان چاغلىرى بار     .قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۈڭۈل قويغان ئادەمگە

24. پەلسەپە كىشىلەرنىڭ تىخىمۇ ياخشى ياشىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان پەن.بۇنىڭ چۈشەندۈرىدىغىنى:    .پەلسەپە ئۆگىنىۋالسا،تۇرمۇش چۇقۇم تېخىمۇ گۈزەل بۇلىدۇ         .پەلسەپە سەنئەتنىڭ بىر تۈرى.پەلسەپە بىلەن تۇرمۇش ئۆز-ئارا رول ئوينايدۇ،بىر-بىرىنى بەلگىلەيدۇ    .پەلسەپەنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن يىتەكچىلىك رولى بار
2-سۇئال.تەھلىل سۇئاللىرى

پەمىدۇر ئىلگىرى زەھەرلىك مىۋە دەپ قارىلىپ،«بۆرە شاپتۇلى»دەپ ئاتالغان.18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە فىرانسىيىلىك بىر رەسسام تەۋەككۈل قىلىپ «بۆرە شاپتۇلى»نىتېتىپ كۆرگەندىن كىيىنلا ئاندىن پەمىدۇرنىڭ يىگىلى بۇلىدىغانلىق سىرى ئېچىلغان. ئەگەر،پەمىدۇرنى تۇنجى بۇلۇپ تەۋەككۈل قىلىپ تېتېپ كۆرگەن ئادەم تەلەيلىك دىيىلسە ئۇھالدا قىشلىق موگۇ بىلەن زەھەرلىك موگۇنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئۇنچىلىك تەلەيلىك دىگىلى بولمايدۇ.لۇشۈن تۇنجى بۇلۇپ قىسقۇچپاقا يىگەن ئادەمنى قەھرىمان دەپ ئاتىغان ھەمدە قىسقۇچپاقىنى بەزىلەر يىگەنىكەن،ئۆمۈچۈكنىمۇ بەزىلەر يەپ كۆرگەن،لېكىن يىيىشلىك بولمىغاچقا كىينكىلەر يىمىگەن دىگەن.

25.پەمىدۇر قاتارلىقلارنىڭ يىگىلى بۇلىدىغانلىق سىرى قانداق ئېچىلغان؟بۇنىڭدىن بىز قانداق ئىلھام ئالالايمىز؟ (9نۇمۇر)                  26.ئادەمنىڭ توغرا بىلىشى قەيەردىن كىلىدۇ؟(8نۇمۇر)27.بىلىش بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟(8نۇمۇر)

اتىرىيال .2010-يىلى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردەتەبىئى ئاپەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بىرىپ250مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.ئالىملار  بۇئەھۋاللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى باش جىنايەتچى دەپ كۆرسەتتى.

ماتىرىيال .2010-يىلى دۇنيا مۇھىت كۈنىدە جۇڭگۇدا«تۆۋەن كاربۇنلۇق ۋە بولغىما ئازايغان يېشىل تۇرمۇش» ئاساسى تېما قىلىندى.يېشىل تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ،ھەر بىر پۇقرا ۋەئائىلىنى مۇھىت ئاسراشنىڭ تەشۋىقاتچىسى،ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسىگە ئايلاندۇرۇپ،ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىستىمال قىلىپ،يېشىل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، بولغىمىلارنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى بېغىشلاپ،پاكىزە تەرەققىيات،يېشىل تەرەققىيات ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىشىمىز لازىم.

28.ماتىرىيال دە تەبىئەت بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇشنى بەردى؟(10نۇمۇر)

29.« پاكىزە تەرەققىيات،يېشىل تەرەققىيات ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ »ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىنى تەھلىل قىلىڭ؟(9نۇمۇر)

30. پاكىزە تەرەققىيات،يېشىل تەرەققىيات ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشتا سىز قانداق قىلماقچى؟(8نۇمۇر)

 



koksangun 2013-07-08 20:44
2-يىللىقلارنىڭ 2011ـــ2012-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم مەۋسۈملۈك ئىمتىھ ئىمتىھان سۇئالىان سۇئالىنىڭ جاۋاب يېزىش كارتىسى
ئىدىيە-سىياسى    زۆرۈر دەرسلىك 4 –قىسىم
ئومۇمىي نومۇرى 100 نومۇر ۋاقتى: 90 مىنۇت   جاۋابى جاۋاب يېزىش كارتىسىغا يېزىلىدۇ.
سۇئال تەكشۈرگۈچى    
ئالغان نومۇرى    
Ⅰسوئال: يەككە تاللاش سوئالى:(تۆۋەندىكى جاۋابلار  ئىچىدە پەقەت  بىرسىلا توغرا، توغرا دەپ  قارىغان جاۋابنىڭ ھەرب بەلگىسىنى جاۋاب يېزىش كارتىسىدىكى  جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ)     48نومۇر
تەرتىۋى    1    2    3    4    5    6    7    8
جاۋابى                                
تەرتىۋى    9    10    11    12    13    14    15    16
جاۋابى                                
تەرتىۋى    17    18    19    20    21    22    23    24
جاۋابى                                
2-سۇئال.تەھلىل قىلىپ جاۋاپ بىرىش سۇئاللىرى
25.











26.


27.

28.

29.

30.

ئەكبەرنىياز 2013-07-08 23:20
بۇنچە كۆپ ئىلمىي ئەمگەكنى قاچانلاردا تەييارلاپ بولغانسىز دەيمەن ئۇستاز ؟!
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ئايبىكە 2013-07-09 05:39
ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

koksangun 2013-07-09 12:16
بۇ كەسىپداشلاردىن يىغىلغان سۇئاللار، مەن پەقەت يوللاپ قويىۋاتىمەن. ھەر مەۋسۈمدە مەندە نۇرغۇن سۇئاللار يىغىلىپ قالىدۇ ، تەبىئىي پەنلەرگە ئائىتلىرىنى يوللاش بىر ئاز بىئەپ بولغاچقا پەقەت كۆچۈرۈپ چاپلىغىلى بولىدىغانلىرىنىلا يوللاپ قويىۋاتىمەن .


查看完整版本: [-- ئىدىيە-سىياسى زۆرۈر دەرسلىك4 –قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled