查看完整版本: [-- ئاندىرويىد ئۈچۈن يەنە بىر داڭلىق ئەپلەر جەمگاھى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش -> ئاندىرويىد ئۈچۈن يەنە بىر داڭلىق ئەپلەر جەمگاھى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ستۇدېنت 2013-07-07 12:33

ئاندىرويىد ئۈچۈن يەنە بىر داڭلىق ئەپلەر جەمگاھى

ئەپ جەمگاھى (应用汇) بولسا ئاندىرويىد ئەپلىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدىغان يەنە بىر داڭلىق ئەپ بازىرى، بۇنىڭدا ھەرخىل ئويۇنلار، ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق ئەپلەر بار بولۇپ، ئېقىم مىقدارى تىجەش ۋە ھەربىر ئەپنىڭ ھەقسىز بولۇشىنى ئالاھىدە قوغلاشقان. ئەپ بازىرى يەنە ئاندىرويىد ئەپلىرى چۈشۈرۈش شەرەپ تاختىسى، يانفوندا چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك ئەپلەر، يېڭى، مودا ئەپلەر، نادىر ئاندىرويىد ئويۇنلىرى، تورسىز ئېسىل ئويۇنلار، چوڭ تىپتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك ئويۇنلار دىگەندەك ھەرخىل تۈرلەر بويىچە ئايرىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزىگە ئاسان جەلىپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئەپ چۈشۈرۈشكە زور قولايلىق ياراتقان.
cR,'o'V/  
مەزكۇر ئەپ بازىرى ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان بارلىق يانفونلارغا ماس كىلىدۇ، ئىچىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق نادىر ۋە تاللانغان ئەپ قاچىلانغان، ھەربىر ئەپنىڭ ھەقسىز ۋە بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى ئىنتايىن قولايلىق. ئۇندىن باشقا، ئەپنى قاچىلاشتىن تارتىپ، يۆتكەش، يۇيۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىمۇ ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ. wYZy e^7  
قېنى بۇنىمۇ بىر سىناپ كۆرۈڭ، سېغىمى 2.3MB، ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ ئېقىم مىقدارى ئاز بولسا، سىمسىز تور شارائىتىدا چۈشۈرۈڭ. N 
1. بەيدۇ تورىدىن چۈشۈرۈش  -0{T  
3"^a rK^N  
2. ئىككىلىك كود ئارقىلىق يانفونغا چۈشۈرۈش D."cQ 
Hlz'a1\:O]  
ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
 

ئايبىكە 2013-07-07 23:35
تورداشلار،مۇنبەرداشلار ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز،مىننەتسىز تۈكۈلگەن تەر ھەمدە ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.ئىلمىيلىكى يوقىرى بولغان يازمىڭىزغا مىڭلارچە تەشەككۈر.

ئەكبەرنىياز 2013-07-08 00:58
كومپىيوتىر ۋە تور بىلىملىرىمىز بۇرۇندىن كەمچىل ئىدى ، بۇ جەھەتتىكى يازمىلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ  كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز !!!


查看完整版本: [-- ئاندىرويىد ئۈچۈن يەنە بىر داڭلىق ئەپلەر جەمگاھى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled