查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(11) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(11) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-07 00:20

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(11)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

3-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

11-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى:

سوتىسىيالىزم دەۋرىدە ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئىپادىلىرى قايسىلار؟

ئالدىن سىناق سوئالى ئارقىلىىق يېڭى دەرس مەزمۇنىغا باشلاپ كىرىلىدۇ.

 

 

يېڭى دەرس مەزمۇنى:

 

دەرس تېمىسى

6.1ھازىرقى باسقۇچتىكى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

 

2..جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى- تەربىيە نىشانى)

 

بۈگۈنكى جوڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋېلىش

ھازىرقى باسقۇچتىكى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسلىسنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنى بىلىۋېلىش.

مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش ئارقىلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگگ نىسبەتەن توغرا چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈش

مىللەتلەر مەسىلسى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، شۇڭا مىللەتلەر مەسىلسىگە يۈكسەك ئەھمىيىەت بېرىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم  ۋە قىيىن نۇقتىلار :

بۈگۈنكى جوڭگودىكى مللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1.مىللەتلەر مەسىلىسى جۇڭگونىڭ  بىر تۈرلۈك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى

2.  ھازىرقى باسقۇچتىكى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكىللىرى

3.بۈگۈنكى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھدىلىكى

 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
1.مىللەتلەر مەسىلىسى جۇڭگونىڭ  بىر تۈرلۈك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى

دۆلىتىمىزدە مىللەتلەر كۆپ ۋە مىللەتلەر ئارا تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن ،ئقتىمائىي تۇرمۇشتا  مىللەتلەر مەسىلىسى كەڭ دائىرىدە يەنىلا مەۋجۇت. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋاللىرىنىڭ بىرى.

مىللەرتلەر مەسىلىسى دۆلىتمىزدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا- دۆلەتنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە، چۈنكى، مىللەتلەر مەسىلىسى ھەم خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ  مۇقىملىقىغا، ھەم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك؛ ھەم دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ مۇستەملىنىشىگە، ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز مىللەتلەر مەسىلىسىگە  يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

2.  ھازىرقى باسقۇچتىكى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكىللىرى

مىللەتلەر مەسىلىسى ھەم مىللىي تەرەققىيات جەھەتتە، ھەم مىللەتلەر مۇناسىۋىتى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا، دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تەقەززا بولۇشتا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. 

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ئورتاق بېيىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى نىشانىمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققىىياتىنى تېزلىتىش ھەر قايسى رايۇنلار تەرەققىياتىدىكى پەرقىنى پەيدىنپەي كىچىكلىتىپ، پۈتۈن مەملكەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە پۈتۈن مەملكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مىللىي رايونلارنىڭ زېمىنى كەڭ . بايلىقى مول. يۇشۇرۇن بازىرى چوڭ ، ئستراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىدە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققياتىنى تېزلىتىش باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن گۋدىلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. شىنجاڭ،ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق مىللىي رايۇنلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ 21-ئەسردە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى، بۇ رايۇنلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشى دۆلىتىمىز مىللىي ئىگىلىكنىڭ سىجىل، تېز سۈرەتتە، ماس تەرەققىي قىلىشى، ھەتتا پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنڭ ئېشىشىغا مۇھىم تۆھپە قۇشىدۇ.

3.بۈگۈنكى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھدىلىكى

     1)ئىقتسادىي مەسىللەرنىڭ سىياسىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى

 مىللەتلەر مەسىلىسى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بولىدۇ.  مىللەتنىڭ تەرەققىياتى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسسى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسى، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى مىللەتلەر مەسىلسنىڭ ھەمىشە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن سىياسى مەسىلىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنى بەلگىلەنگەن. ھازىرىقى باسقۇچتىكى دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەرقى مەسىلىسى، بولۇپمۇ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى پەرق مەسىىلىسى پەقەت مۇھىم ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىم سىياسىي مەسىلەئ بۇ ھازىرىقى باسقۇچتىكى دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىىلىسىدە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى، شۇنداقلا بۇ ھازىرقى باسقۇچتىكى دۆلتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرىنىڭ نامراتلىق مەسلىسىنى پەيدىنپەي ھەل قىلىش چېگرا رايۇنلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا پايدىلىق.

2)رېئال مەسىلىلەرنىڭ تارىخىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى

مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك بىر تارىخىي جەريان، مىللەتنىڭمەۋجۈت بوولڭپ تۇرۇشى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مىللەتلەر مەسىلىسىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك بىر تارىخىي جەريان . ھازىرقى باسقۇچتىكى دۆلىتىمىزنىڭ  بەزى رايۇنلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى مەسىلىسى رېئال مەسىلىلەر بىلەن تارىخىي مەسىلىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى. دۆلىتىمىزدىكى بەزى رايۇنلاردىكى چېگرا، تاغ-ئورمان،ئوتلاق ماجىرالىرىنىڭ بىر قىسىمىغۇ رېئال مەسىلىلەر بىلەن تارىخىي مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن تارىخىي ماجىرا ۋە تۇقۇنۇشلار، مەسىلەن ،تەۋەلىك مەمۇرىي رايوننىڭ زگىرىشى، تارىختا رايون  چېگرىسى ۋە بايلىقنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولماسىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ئوبدان ھەل قىلىنمىلغان، بۇنىڭ بىلەن ھازىرىقى زىددىيەت ۋە ماجىرالار كېلىپ چىققان . ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىدىيە، كۆز قاراشلار، مەسىلەن ،مىللىي ئاداۋەت قاتارلىقلارمۇ تارىختىن قىپقالغان، ئاتالمىش"شىزاڭ مۇستەقىللىق" مەسىلىسى،" شەرقى تۈركىستان" مەسىلىسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جاھانگىرى پىلانلىغان، قۇتراتقۇلۇق قىلغان ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان جۇڭگونى پارچىلاش قىلىمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇمۇ جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3)مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ دىنىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى

مىللەت بىلەن دىننىڭ زىچ ھەم ئالاھىدە مۇناسىۋىتى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ دىنىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشىنى بەلگىلىگەن . گەرچە مىللەت بىلەن دىن ئوخشاش بولمىغان كاتېگورىيىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن مىللەت بىلەن دىن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتلەر مەسىلىسى ھامان دىنىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كىتىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا، دۆلىتىمىزدىكى مىللىي رايۇنلاردىكى مىللىي مەدەنىيەت ساھەسىدە، مىللىي ئۆرى-ئادەت ۋە مىللىي دىنىي ئېتقادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈز بەرگەن مىللەتلەر مەسىلىسى كۆپىنچە دىنىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. دۆلىتىمىزدەك بۇنداق مىللەت كۆپ، دىن كۆپ دۆلەتتە دىنىي مەسىلىلەر بەزىدە مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىپ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەنە بەزى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى پەرقمۇ مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي  قسىم بولۇپ قالىدۇ، بۇ ساھەدە كېلىپ چىققان مەسىللەر ۋاستىلىك ھالدا مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ دىنىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ دىنىي مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئىپادىلەنگەن بىر خىل ئالاھىدىلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئومۇميۈزلۈك ھادىسىدۇر

4)دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارادىكى مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى

بىر دۆلەتتكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئەسلىدە شۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ خەلقئارادىكى مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، بىر مىللەتنىڭ چېگرا ھالقىپ ئولتۇراقلىشىشى دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. دۆلىتىمىزدىكى 30مىللەت چېگرا سرتىدىكى ئوخشاش  بىر مىللەت قوشنا ئولتۇراقلاشقان. بۇ مىللەتلەرنىڭ قوشنا دۆلەتتىكى ئوخشاش بىر مىللەت بىلەن قانداشلىق، تىك، ئۆرى-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ ئالاقىسى بار، بۇ مىللەتلەرگە ئالاقىدار دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتى ۋە ئىنكاسىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن، دۆلەت ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر چەت ئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەر مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگونى "پارچىلاش"، "غەربلەشتۈرۈش"نىڭ بۆسۈش ئېغىچى قىلىدۇ، بۇ ، خەلقئارادىكى مەسىلىلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى. ئۇنىڭدى باشقا، غەربتىكى بەزى چوڭ دۆلەتلەر كىشلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ . ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي غەرزىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇمۇ دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى بەزىدە خەلقئارادىكى مەسىلىلەر بىلەن گىرەلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

 

تاپشۇرۇق

1)      ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللى مەسىلە بىلەن دىنىي مەسىلىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كىتىشىنى نۇقتىلىق تەكىتلەش لازىم.

 

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئايبىكە 2013-07-07 00:22
ھارماڭ،ئۇستاز.ئۈلگە خاراكتىرىدىكى پايدىلانما ئىكەن،قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.

uzqak 2013-07-07 00:42
سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرى «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى » ناملىق كىتابنى چوقۇم كۆرۈپ قويۇشى كېرەكمىكىن دەيمەن...
ھارماڭ!

ئەكبەرنىياز 2013-07-08 00:47
مىللەرتلەر مەسىلىسى دۆلىتمىزدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا- دۆلەتنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە، چۈنكى، مىللەتلەر مەسىلىسى ھەم خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ  مۇقىملىقىغا، ھەم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك؛ ھەم دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ مۇستەملىنىشىگە، ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز مىللەتلەر مەسىلىسىگە  يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

بۇ مەزمونلار مۇھىم ئىكەن ! ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

koksangun 2013-07-08 20:08
بۇ ئەسلى بىر كىتابنىڭ دەرس تەييارلىقى ئىدى ، كەسىپدىشىم مېھرىگۈل ياقۇپ ئىشلىگەن ، ھەممىنى تېخى يوللاپ بولالمىدىم ، داۋاملىق يوللاپ تولۇقلاشقا تىرىشىمەن .


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(11) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled