查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(10) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(10) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-07 00:12

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(10)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

3-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

10-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى: K9‑f7,/  

جۇڭگۇدىكى مىللەتلرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېقىڭ.

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  

شىنجاڭ باي، گۈزەل ماكان، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان گۆھەر زېمىن. ساۋاقداشلار، شىنجاڭدا قانداق قىزىلما بايلىقلار ۋە تەبىئىي بايلىقلاربارلىقىنى ،بۇ بايلىقلاردىن پايدىلنىپ بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكىلىكىنى سۆزلەپ بېقىڭ؟NI% ( OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى: EL-1o0 2-

 





دەرس تېمىسى

5.2جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:)ئەخلاقى-تەربىيە نىشانى)

 

ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللار ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرىنى ياخشى بىلۋېلىش.

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مەزمۇنىنى چۈشۈنىۋېلىش.

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قۇشۇشتەك روھىنى يىتىلدۈرۈش

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم نۇقتا :

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مەزمۇنى

قىيىن نۇقتا:

ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللار ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1.ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللار ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى

2.ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مەزمۇنى

 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
سوتسىيالىزم دەۋرىدىكى مىللەتلەر

سوتسىيالىزم دەۋرى-ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر بولۇپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئامىللار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ، لېكىن مىللىي خۇسۇسىيەت، مىللىي پەرق ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى پەرقىلەر يەنىلا ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

1)ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللار كۆپىيىدۇ.

دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىسىتىك سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەت، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش چۈشىنىش، يىقىنلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشىنى كەڭ بوشلۇق ۋە ياخشى ئجتىمائىي شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنى سوتسىيالىسىتك چوڭ ئائىلىدە ئورتاق ياشاش جەريانىدا  ئۆز ئارا ئۆگىنىش ۋە بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇلار ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللار تەدىرىجىي كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللار دېگىنىمىز، ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا سىياسىي، ئىقتساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىدە شەكىللەنگەن ئورتاقلىقلارنى كۆرىسىتىدۇ. سوتسىيالىزم دەۋرىدە ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئورتاق ئامىللارنىڭ كۆپىيىش ئىپادىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىسى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللەتنى تونۇش ئېڭى كۈچىيىدۇ.

ئىككىنىچىسى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ خوجاينىلىق ئېڭى كۈچىيىدۇ.

ئۈچىنچىسى، مىللەتلەر ئارا ئىشەنچ كۆپىيىدۇ

تۆتىنچىسى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورتاقلىقلىرى كۆپىيىدۇ.

بەشىنچىسى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېڭى كۈچىيىدۇ. 

2)مىللىي خۇسۇسىيەت ۋە تەرەققىياتتىكى پەرق ئۇزاق مۇددەت مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ.

①مىللىي خۇسۇسىيەت ۋە مىللىي پەرقىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىپادىلىرى.

دۆلىتىمىزدىكى 56مىللەت چوڭ ئائىلىسى ئۇزاق مۇددەتلىك شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي زامان، ماكان ئوخشىمىغاچقا، ئاخىردا شەكىللەنگەن مىللەت گەۋدىسىنىڭ مەنبەسى ۋە شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ تارىختا ۋە رىئالىقتىمۇ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە؛ تىل ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ھەمدە پىسخىكىلىق تونۇش جەھەتلەردە خۇڭخۇا ئىلىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلىدۇ؛ سوتسىيالىزم دەۋردىكى مىللىي خۇسۇسىيەت ۋە مىللىي پەرق مەسىلىسىنى توغرا تونۇش-سوتسىيالىزم دەۋرىدىكى مىللەت ھادىسىسىنى توغرا تونۇش ۋە سوتسىيالىسىتك مىللەت مەسىلسىنى ھەل قىلىشىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى.

بىز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە شەكىللەندۈرگەن تارىخ، ئەنئەنە، تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، پىسخىكىلىق خاراكتېر قاتارلىق جەھەتلەردىكى خۇسۇسىيەت ۋە پەرقلەرگە سەل قارىماسلىقىمىز، ئۇلارنىتولۇق ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىز، كۆپتۈرۋەتمەسلىكىمىز ياكى كېرەك. يوقىتىۋىتىشكە  تېخىمۇ بولمايدۇ. بولمىسا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە  زىيان يېتىپ، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەرقنى تىرىشىپ كىچىكلىتىش مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىغا پايدىلىق.

مىللەتلەر تەرەققىياتىدا پەرق بولۇشىنىڭ ئىپادىلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى مىللەتلەر سىياسىي ھوقۇق ۋە ئورۇن جەھەتتە باراۋەرلىكىنى ئەمەلگگ ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىسلىسىز ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسى. تەرەققىيات مۇساپىسى تەكشى بولمىغاچقا، تەرەققىيات جەھەتتە پەرق ساقلاندى، بۇنداق پەرق ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى يۇقىرى سۈرئەتتە سىجىل ئېشىپ،تارىختىن بۇيان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتى ئەڭ تىز. جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئەڭ گەۋدىلىك، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ كۈرۈنەرلىك بولغان  تەرەققىيات دەۋرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ جەرياندا مىللىي رايۇنلاردا ئىقتىىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات قەدىمى كۈرۈنەرلىك تىزلەشتى ھەمدە گەۋدىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن ،بۇ تەرەققىيات جەريانى تەكشى بولىمغانلىقىتىن، رايونلار ئارا، مىللەتلەر ئارا تەرەققىياتتىكى پەرق يەنىلا كۈرۈنەرلىك بولدى،بۇ،مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسا،جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاقساپ قېلىشىۋە تەڭپۇڭسىزلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

3)ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ.

سوتسىيالىزم دەۋرى- ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى بىلەن باغلىنىشلىق. شۇنداقلا زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىردەك بولغان نىشان بولۇپ، بۇ ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ماس كېلىدۇ. ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. لېكىن ،بۇ، ئۇلۇغۋار نىشاننى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ ، ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق جەريان بولۇپ،جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپالىق كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان جەريان.

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى، ھەم خەنزۇلار ۋە ئۇلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى،؛ ھەم ئاز سانلىق مىللەت گەۋدىسىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى،ھەم پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى؛ ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە مىللىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى.ھەم ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلار ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى؛ ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە مىللىي رايونلار ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە مىللىي رايونلار سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىنى؛ھەم مىللەتنىڭئۆز ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى، ھەم مىللەتنىڭ ئۆز خۇسۇسىيتى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىسى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسى بىلەن بىردەكلىككە، خۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ نىشانى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

 

تاپشۇرۇق

1)     ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ بىر سائەتلىك دەرسىنى چۈشىنىشى ناھايىتى ياخشى بولدى ،ھەمدە  جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەلۇم بىر نىشاننى تۇرغۇزۇشقا ئاساس سېلىپ بەردى دەپ  قارايمەن

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئايبىكە 2013-07-07 00:20
ھارماڭ.ئۈلگە خاراكتىرىدىكى پايدىلانما ئىكەن،قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.

koksangun 2013-07-07 00:22
بۇ ئەسلى بىر كىتابنىڭ دەرس لايىھىسى ئىدى ، جەمئىي 18 سائەتلىك ، ئىككى سائەتلىك ئىمتىھان سۇئالى ، تولۇق ئوتتۇرىدا زۆرۈر ئوقۇلىدىغان يەرلىك دەرسلىك .

ئەكبەرنىياز 2013-07-08 00:43
پاھ ئۇستاز ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يوقاپ كەتسىڭىز ئىچىمىز پۇشۇپ تۇرغان ، قارىغاندا بىكار يۈرمەپسىزدە ، كۆپ رەھمەت !!!

koksangun 2013-07-08 20:10
يوللاپ ھەممىنى سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىمەن.


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(10) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled