ئىدىيە-سىياسى زۆرۈر دەرسلىك 4 –قىسىم ئىمتىھان سۇئالى
ت2-يىللىقلارنىڭ 2010ـــ2011-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى
ئىدىيە-سىياسى زۆرۈر دەرسلىك 4 –قىسىم
ئومۇمىي نومۇرى 100 نومۇر ۋاقتى: 60 مىنۇت جاۋابى جاۋاب يېزىش كارتىسىغا يېزىلىدۇ.
1-سۇئال.يەككە تاللاش سۇئاللىرى
1.دۇنيا قاراش دىگىنىمىز:
A.كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان ئۇمۇمى كۆزقارىشى ۋە نوقتىنەزىرى
B.كىشىلەرنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىگە بولغان تۈپ كۆز قارىشى ۋە نۇقتىنەزىرى
C.كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ،شۇنداقلا ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان ئۇمۇمى قارىشى ۋە تۈپ نوقتىنەزىرى
D.كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسىدىكى تۈپ نوقتىنەزىرى ۋە كۆز قارىشى
2.مار كىسىزىملىق پەلسەپە ( )نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
A. دىئالىكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخى ماتىرىيالىزىمنى
B.ئىلمى دۇنيا قاراش ۋە مىتۇدولوگىيىنى
C.تەبىئەت دۇنياسى ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش
D.ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت
3.پەلسەپە كىشىلەرنىڭ تىخىمۇ ياخشى ياشىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان پەن.بۇنىڭ چۈشەندۈرىدىغىنى:
A.پەلسەپە ئۆگىنىۋالسا،تۇرمۇش چۇقۇم تېخىمۇ گۈزەل بۇلىدۇ B.پەلسەپە سەنئەتنىڭ بىر تۈرى
C.پەلسەپە بىلەن تۇرمۇش ئۆز-ئارا رول ئوينايدۇ،بىر-بىرىنى بەلگىلەيدۇ
D.پەلسەپەنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن يىتەكچىلىك رولى بار
4.دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى:
A.دۇنيا قاراش كىشىلەرنىڭ جەمىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تۈپ قارىشى
B.دۇنيا قاراش كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنىڭ كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشتىكى تۈپ ئۇسۇلى
C.دۇنيا قاراش كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ھەم ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئۇمۇمى كۆز قارىشى ۋە تۈپ نۇقتىنەزىرى
D.بەزى ئادەملەرنىڭ دۇنيا قارىشى بۇلىدۇ؛بەزى ئادەملەرنىڭ دۇنيا قارىشى بولمايدۇ.
5.پەلسەپەدىكى ماددا شۇنى كۆرسىتىدۇكى:
A.ئاڭدىن تاشقىرى بارلىق مەۋجۈدات ۋە شەيئىلەرنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى
B.ئاڭدىن تاشقىرى بارلىق شەكىللىك جىسىملار
C.كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا باغلىق بولمىغان،ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئېڭى ئارقىلىق ئەكىس ئىتىدىغان ئوبىكتىپ چىنلىق
D.ئوبىكتىپ دۇنيادىكى بارلىق ماددا شەكلى
6.ئىنسانلار جەمىيىتى مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى:
A.تەبىئى ماددىلارنىڭ مەۋجۈتلۇقى B.ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەت
C.ئادەمنىڭ نوقتىنەزىرى ۋە ئىدىيىسى D.ماددى ئىشلەپچىقىرىش
7.ماتىرىيالىزىم بىلەن ئىدىيالىزىمنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم:
A.ماددىنىڭ ئاڭنى بەلگىلەيدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىق
B.ماددا بىلەن ئاڭنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋىتىنى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىق
C.ئاڭنىڭ رولىنى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىق
D.دۇنيانى تۇنۇغىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىتىراپ-قىلىش قىلماسلىق
8.تارىختىكى ھەرخىل پەلسەپە ئېقىملىرى پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلىگە بەرگەن جاۋاپنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئىككى چوڭ ئېقىمغا بۈلۈنگەن.ئۇلار:
A.ماتىرىيالىزىم بىلەن ئىدىيالىزىم B.بىلگىلى بۇلۇش نەزەرىيىسى ۋە بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى C.دۇنيا قاراش ۋە مىتودولگىيە D.دىئالىكتىكا ۋە مىتافىزىكا
9.‹‹كېمىگە بەلگە قۇيۇپ خەنجەر ئىزدەش››دىگەن مەسەلدە چۇدۆلىتىدىكى ئادەمنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇ:
A.ماددىنىڭ ئوبىكتىپلىغىنى ئىنكار قىلغان B.ماددىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلغان
C.ئاڭنىڭ پائالىيەتچانلىق رولىنى مۇبالىغىلەشتۈرۋەتكەن D.قانۇنىيەتنىڭ ئوبىكتىپلىغىنى ئىنكار قىلغان
10.تۆۋەندىكى جاۋاپلاردىن باغلىنىش ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A.باغلىنىش-شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چەكلەش ۋە تەسىر قىلىش مۇناسىۋىتى
B.باغلىنىش-شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش،چەكلەش ۋە رول ئوينىشى
C.باغلىنىش-ھەقانداق ئىككى شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا شەرتسىز تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى
D.باغلىنىش-شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش،چەكلەش ۋە رول ئويناش مۇناسىۋىتى
11.تەرەققىيات ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى؛
①تەرەققىيات-ئوبىكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم ئىرادىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئۆزگىرىشى
②تەرەققىيات-شەيئىنىڭ ئۆزگىرىشى دىمەكتۇر
③تەرەققىيات-يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە كونا شەيئىنىڭ يوقىلىشىدۇر
④تەرەققىيات-يۇقىرى ئۆرلەش،ئالغا ئىلگىرىلەش،راۋاجلىنىش خارەكتىرىدىكى ئۆزگىرىشتۇر
A. ④② B. ①③ C. ②③ D. ③④
12. تۆۋەندىكى قاراشلاردىن ماتىرىيالىزىمغا تەۋەسى:
A.كۈڭۈلدىن سىرىت نەرسە يوق B.تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان ئادەمنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھۇقۇقى يوق C.«ئەقلى ئىدراكتىكى پىكىر» تارىخى تەرەققىياتقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ
D.ئىلاھ دۇنيانى ياراتقان،تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى بەلگىلەيدۇ
13. ماركىسىزىملىق پەلسەپەنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم تەبىئى پەن ئاساسى؛
A.مىخانىكىلىق كۈچ ئىلمى B.جۇغراپىيە ئىلمى ۋە تۆرلمە ئىلمى
C.ئاستىرنومىيەۋە ماتىماتىكا D.ھۆجەيرە ئىلمى،ئىنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنى،بىئولۇگىيەلىك تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى
14. ماۋزىدوڭ مۇنداق دىگەن«نەشپۈتنىڭ تەمىنى بىلەي دىسەڭ،ئۇنى يەپ بېقىشىڭ كىرەك»بۇسۆز ئۆزئىچىگە ئالغان پەلسەپىۋى قائىدە:
A.بىلىشنىڭ مەنبەسى ئەمەلىيەت B.بىلىش ئەمەلىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
C.بىلىش ئەمەلىيەتنىڭ مەقسىدى D.بىلىش ئەمەلىيەتنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى 15.ئەنگىلىيىلىك پەيلاسۇپ پىرسۇن:«ھەممە شەيئىلەر ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ،ئەمما،ئۇقۇمدىلا ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ»دىگەن.بۇقاراش:
A.ماددىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتىنى ئىنكار قىلغان B.ھەرىكەتنىڭ سوبىكتىنى توغرا ئىگىلىگەن
C.ماددىدىن ئايرىلغان ھەرىكەت ئۈستىدە توختالغان ئىدىئالىزىملىق قاراش
D. ماددىدىن ئايرىلغان ھەرىكەت ئۈستىدە توختالغان مىتافىزىكىلىق قاراش
16. تۆۋەندىكى ئېيتىلغانلاردىن«بىر تال مۇيىغا چېقىلسا،پۈتۈن بەدىنى سىقىراپتۇ»غا ئوخشاش پەلسەپىۋى قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنى:
A.دۆلەت گۈللەنسە ئائىلە روناق تاپار B.بىر ئۇرۇقنى خاتا مېڭىپ قويساڭ،پۈتۈنلەي ئۇتتۇرىسەن
C.ئاقىلنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قۇيىدىغان چاغلىرى بار D.قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۈڭۈل قويغان ئادەمگە
17. تەبىئەت دۇنياسى،ئىنسانىيەت جەمىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ بىلىشى ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ.بۇ شۇنى
چۈشەندۈرىدۇكى:
A.تەبىئەت دۇنياسى ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ B.ئىنسانىيەت جەمىيىتى ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ C.ئىنسانلارنىڭ بىلىشى ئۆزگىرىپ تەرەققىن قىلىپ تۇرىدۇ
D.ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىش ئۇمۇمىلىققا ئىگە
18. ئىنسانلارنىڭ تۇنجى تارىخى پائالىيىتى:
A.نۇپۇس،ئىشلەپچىقىرىش B.ماددى ۋاستىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش
C.مەنىۋى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش D.ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىلىنىشى
19.تەبىئى پەنلەردىكى تىئورىما،فورمۇلالار شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەت بۇلالايدۇكى:
A.ئۇ ئىلىم-پەن كىتاپلىرىغا يېزىلغاچقا،
B.ئۇنى داڭلىق ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغاچقاا
C.ئۇ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن ھەم تەبىئى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن.
D.ئۇ ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ بردەك ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن،بارلىق قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن بىلىم
20.ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بىرىش پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر ھاۋارايىدىن تېخىمۇ توغرا ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەلۇمات بىرەلەيدىغان بولدى.بۇنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسى:
①ئاتمۇسفىرا ھەرىكىتى ھەرقانچە مۇرەككەپ بولسىمۇ،.ۇنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلگىلى بۇلىدۇ
②ئاتمۇسفىرا ھەرىكىتىنىڭ تاسادىپىلىقى تەدرىجى مۇقەررەلىككە ئايلانماقتا
③پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ قانۇنىيەتنى بىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمەكتە
④پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كىشىلەر ھاۋارايىنىڭ قانۇنىيتىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ بولدى
A. ①② B. ①③ C. ②④ D. ①④
2-سۇئال.تەھلىل قىلپ جاۋاپ بىرىش سۇئاللىرى
بىر ئولىما ئىككى شاگىرىت قۇبۇل قىلىپتۇ.بىر كۇنى كەچتە،ئۇ ھەر بىر شاگىرتىغا بىردىن يارماق بىرىپ:«دەرھال بىرخىل نەرسە سېتىۋېلىپ،بۇ قاراڭغۇ ئۆينى تولدۇرۇڭلار »دەپتۇ.
بىر شاگىرىت نۇرغۇن قۇرۇق ئۇت-چۆپ سېتىۋېلىپ ئۆينى توشقۇزۇپتۇ،ئولىما بۇنى كۈرۈپ بېشىنى چايقاپ،ئۇھ تارتىپ قۇيۇپتۇ.
يەنە بىر شاگىرىت بىر تال شام سېتىۋېلىپ ئۇنى ياققان ئىكەن پۈتۈن ئۆي يۇرۇپ كىتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئولىما كۈلۈپ تۇرۇپ:«مانا بۇ ئۆينى توشقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى» دەپتۇ.
21.نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر مەسىلىنىڭ ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى بۇلىدۇ؟
22.تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنىى دەپ بىرىڭ؟
چىڭداۋ كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋۇەر بۇلۇۋاتقان دېڭىز ساھىلى ساياھەت شەھىرى،يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇرايۇندا كۆك يۇسۇن ئېغىر دەرىجىدە يامراپ كەتتى.ئۇنىڭ سەۋەبى،سۇ تەركىبىدىكى ئازۇت ۋە فوسفۇر ئېشىپ كەتكەن،بولغىنىشنىڭ ئاساسى مەنبەسى تۇرمۇشتىن،سانائەتتىن كەلگەن كېرەكسىز سۇ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا قۇيۇپ بەرگەن بىر قىسىم بولغانمىلار.
يۇقىرىقى ماتىرىيالنى ئۇقۇپ،تۇرمۇش ۋە پەلسەپەدە ئۆگەنگەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ:
23.يۇقىرىقى ماتىرىيال قايسى ماتىرىيالىزىملىق قائىدىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؟
24.سىزنىڭچە كۆك يۇسۇننى يوقاتقىلى بۇلامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
پەمىدۇر ئىلگىرى زەھەرلىك مىۋە دەپ قارىلىپ،«بۆرە شاپتۇلى»دەپ ئاتالغان.18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە فىرانسىيىلىك بىر رەسسام تەۋەككۈل قىلىپ «بۆرە شاپتۇلى»نىتېتىپ كۆرگەندىن كىيىنلا ئاندىن پەمىدۇرنىڭ يىگىلى بۇلىدىغانلىق سىرى ئېچىلغان.
ئەگەر،پەمىدۇرنى تۇنجى بۇلۇپ تەۋەككۈل قىلىپ تېتېپ كۆرگەن ئادەم تەلەيلىك دىيىلسە ئۇھالدا قىشلىق موگۇ بىلەن زەھەرلىك موگۇنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئۇنچىلىك تەلەيلىك دىگىلى بولمايدۇ.لۇشۈن تۇنجى بۇلۇپ قىسقۇچپاقا يىگەن ئادەمنى قەھرىمان دەپ ئاتىغان ھەمدە قىسقۇچپاقىنى بەزىلەر يىگەنىكەن،ئۆمۈچۈكنىمۇ بەزىلەر يەپ كۆرگەن،لېكىن يىيىشلىك بولمىغاچقا كىينكىلەر يىمىگەن دىگەن.
25.پەمىدۇر قاتارلىقلارنىڭ يىگىلى بۇلىدىغانلىق سىرى قانداق ئېچىلغان؟بۇنىڭدىن بىز قانداق
ئىلھام ئالالايمىز؟
26.ئادەمنىڭ توغرا بىلىشى قەيەردىن كىلىدۇ؟
|