تارىخ تاللانما(1) ئوقۇش نومۇرىنى باھالاش ئىمتىھان سۇئال
2-يىللىقلارنىڭ 2010ـــ2011-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم تارىخ تاللانما(1)دىن ئوقۇش نومۇرىنى باھالاش ئىمتىھان سۇئالى
ئومۇمىي نومۇرى 100 نومۇر ۋاقتى: 60 مىنۇت جاۋابى جاۋاب يېزىش كارتىسىغا يېزىلىدۇ.
I ئىمتىھان قەغىزى تاللاش سۇئالى (50نۇمۇر)
Ⅰتاللاش سۇئالى (بۇ چوڭ سۇئالغا 25تارماق سۇئال بۇلۇپ،ھەر بىر سۇئالغا 2دىن جەمىي 50 نۇمۇر بېرىلىدۇ،ھەر بىر سۇئالدا پەقەت بىرلا جاۋاپ توغرا،توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكى ماس ئۇرۇنغا تولدۇرۇڭ)
1.ئافېنا يۇناندىكى( )گە جايلاشقان.
A.پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى B .ئاتتىكا يېرىم ئارىلى
C.ئولىمپىيە يېرىم ئارىلى D.كىرىت يېرىم ئارىلى
2.قەرزئىگىلىرى ئۈچۈن يەر تېرىپ بېرىدىغانلار ئادەتتە ( )دەپ ئاتىلىدۇ.
A.‹‹ئالتىدىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار›› B . ‹‹ئالتىدىن ئىككى ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار››
C. ‹‹ئالتىدىن ئۈچ ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار›› D. ‹‹ئالتىدىن تۆت ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار››
3.‹‹سېلىقتىن خالاس قىلىش پەرمانى››غا ئائىت بايانلاردىن خاتاسى:
A.قەرز ئېلىشتائادەمنى رەنىگە قۇيۇشنى چەكلەش
Bقەرزنى تۆلىيەلمەي قۇل بۇلۇپ قالغان پۇقرالارنى بىردەك قۇيۇپ بېرىش
C.قەرزدارلىق تۈپەيلىدىن رەنىگە قۇيۇلغان يەرلەرنى بىردەك ئىگىسىگە قايتۇرۇش
D.باشقا دۆلەتلەرگە قۇل قىلىنىپ سېتىلغان پۇقرالارنى شەھەر دۆلەتلىرى بىردەك پۇل ئاجرىتىپ قايتۇرۇپ كېلىش
4.ئافېنا شەھەر دۆلەتلىرىدە دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئەڭ ئاخىر ئورنىتىلغان ۋاقتى:
A.مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرى كلېستېن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
B. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە كلېستېن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
C. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردە پېرىكل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
D. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە پېرىكل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
5.شاڭ ياڭ چېن بەگلىگىدەقانۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ۋاقتىدا ،كىمنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن؟
A.چىن موگۇڭ B .چۇجۇڭۋاڭ C.چېن شياۋگۇڭ D.چېن خۈي ۋېنۋاڭ
6.شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ تارىخىي تەرەققىياتقا كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ تەسىرى :
A.يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان
B.ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىساد،مەدىنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن
C.چىن بەگلىكىنىڭ مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرىشىگە ئاساس سالغان
D.كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى بىكار قىلىپ ،يېڭى كەيپىياتنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى
7.شىمالىي ۋېي سۇلالىسى غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن كىلىپ چىققان بۆلۈنمە ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىپ ،خۇاڭخې ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋاقتى:
A.386-يىلى B .398-يىلى C.439-يىلى D.471-يىلى
8.شياۋۋېندىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
①كىيىم-كېچەكنى ئۆزگەرتىش ②خەنزۇچە سۆزلىشىش ③خەنزۇچە فامىلە قوللىنىش
④مىللەت-ئايرىماي نىكاھلىنىش ⑤يۇرت-تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش
A. ②③④ B . ①②③④ C. ②③④⑤ D. ①②③④⑤
9.شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە تۈرلۈك زىددىيەتلەر كەسكىنلەشكەن بۇلۇپ،
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى:
①سىنىپىي زىددىيەت ②مىللىي زىددىيەت ③ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىددىيەتA:.① B . ①③ C.②③ D. ①②③
10.ۋاڭ ئەنشى يولغا قويغان يېڭى قانۇننىڭ مەغلۇپ بۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب:
A.چوڭ پومېشچىك،بىيۇروكراتلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزدى
B.يېڭى قانۇن خەلققە زىيان سالىدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى
C.ئادەم ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىدى
D.قانۇن ئۆزگەرتىش پەرمانلىرى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلدى
11.ئوتتۇرا ئەسىردە ،كاتولىك دىنىي جەمىيىتىنىڭ ياۋرۇپادا تۇتقان ئورنىغا ئائىت بايانلاردىن خاتاسى:
A.ياۋرۇپادا تەخسىملەش ھۇقۇقىغا ئىگە B .پادىشاھ ھۇقۇقى دىنىي ھۇقۇقتىن ئۈستۈن
C.ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەھەتتە ئۇنىڭ تەسىرىدىن خالىي ئىش يوق
D.ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ فېئودال يەر ئىگىسى
12.خىرىستىيان دىنى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى،ئۇ ئەڭ ئاۋال قايسى رايۇندا بارلىققا كەلگەن:
A.غەربىي ياۋرۇپا B .كىچىك ئاسىيا ۋە پەلەستىن
C.ھىندىستان D.ئوتتۇرا ئاسىيا
13.مارتىن لۇتېر دىن ئىسلاھاتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى:
A.گۇمانىزم B .‹‹ئېتىقاتقا تايىنىپ دىيانەتلىك بولۇش››
C.ئىدراك D.پادىشاھ ھۇقۇقى دىنىي ھۇقۇقتىن ئۈستۈن بۇلۇش
14.ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىسىرنىڭ ھالىتىگە ئائىت بايانلاردىن توغرىسى:
A.مىسىر ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ مەمۇرى ئۆلكىسىگە ئايلانغان
B.مەملۇكلارنىڭ قالدۇق قىسىمىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلىدى
C.پاشا مىسىرنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرى ۋە ھەربىي رەھبىرىگە ئايلاندى
D. مەملۇكلارئايرىم ھالدا چەۋەندازلاردىن تەركىپ تاپقان قوغدىنىش ئارمىيەسى تەشكىل قىلغان
15. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ،مىسىر يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى:
①يېڭىدىن سۇ ئىنشائاتلىرى ياسالدى ②يەر تۈزىمى ۋە باج يىغىش ئىسلاھ قىلىنىپ،دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. ③دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق
زىرائەتلىرىنىڭ يېڭى سورىتلىرى كىرگۈزىلدى.
A. ①②③ B. ②③ C. ②④ D. ①③
16.يانچىلىق تۈزۈم شارائىتىدىكى يانچىلارنىڭ ئورنىغا ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى:
A.پومېشچىكلار يانچىلارنى ئاشكارا ئېلىپ-ساتسا بۇلىدۇ.
B. پومېشچىكلار يانچىلارنى بانكىغا رەنىگە قۇيۇپ ،بانكىدىن پۇل قەرزئالسا بۇلىدۇ
C.يانچىلار پومېشچىكلارنىڭ ئېكىنزارلىقلىرىدا ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئازراق ھەققە ئېرىشەلەيدۇ
D. يانچىلارنىڭ غىزالىنىش ،تۇرالغۇ قاتارلىق تۇرمۇش شارائىتلىرى ئىنتايىن ناچار
17.روسىيەدە يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جەمىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان چار پادىشاھنى خاتىرلەپ،2005-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى موسكۇۋادا ئۇنىڭ ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.بۇ پادىشاھ:
A.ئىۋان B.پېتىر C.ئالكىساندىرⅡ D.نىكولاي
18.بەزىلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: 1861-يىلىدىكى ئىسلاھاتتىن كىيىن رۇسىيەدىكى كەڭ دېھقانلار ئۇچرىغان ئېكسپلاتاتسىيە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.››بۇنداق دېيىىشىدىكى ئاساس:
A. كاپىتالىزم ۋە فېئودالىزىمنىڭ قوش ئېزىشىگە ئۇچرىدى
B. يۇقۇرى باھادا يەر سېتىۋالدى
C. فېئودالىزىمغا بولغان مەجبۇرىيىتى ئېغىرلاشتى
D. پومېشچىكلارنىڭ ئىكىسپلاتاتسىيەسىگە داۋاملىق ئۇچرىدى
19.ياپۇنىيەدە سامۇرايلار، سامۇرايلار پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ دېھقانلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى بىلەن بىرلىشىپ،قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن جاي:
A.ناگاساكى B.ئوساكا C.كيوتو D.ئوتسۇما
20.ياپۇنىيەنىڭ ‹‹بېكىنمىچىلىك››تىن ‹‹دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىش ››قا ماڭغانلىقىنىڭ بۇرۇلۇش نۇختىسى:
A.دېھقانلار قوزغىلىڭى B.ئوشئو خېئىخاچىرو قوزغىلىڭى
C.‹‹ ياپۇنىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرىتنامىسى›› D.قارا كىمە ۋەقەسى
21.مېيجى يېڭىلىقىدىن ئىلگىرى ،ياپۇنىيەدىكى شوگناتنى ئاغدۇرغۇچىلارنىڭ ئاساسىي كۈچى:
A.يېڭى پومېشچىكلار B.ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلار
C.جازانىخور سودىگەرلەر D.غەربىي جەنۇپتىكى ۋاسساللار
22.توبا-فۇشىمى جېڭىدىن كېيىن ،غەرىپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋۇچېن ئۇرۇشىغا بولغان پوزىتسىيەسى:
A.قۇراللىق ئارىلىشىش B.بىتەرەپ تۇرۇش
C.شوگناتنى قوللاش D.يېڭى ھۈكۈمەتنى قوللاش
23. مېيجى ھۈكۈمىتى فېئوداللىق تەبىقە تۈزىمىنى ئىسلاھ قىلغان ،ئىسلاھاتتىن كىيىنكى «ئاۋام»نىڭ
ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى:
①دېھقانلار ②سامۇرايلار ③سودىگەرلەر ④تېگى پەسلەر
A. ①②③ B. ②③④ C. ①③④ D. ①②④
24.ياپۇنىيەنىڭ غەرىپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر زورلاپ تاڭغان تەڭسىز شەرىتنامىلەرنى بىكار قىلالىشىدىكى تۈپ سەۋەپ
A.دۆلەت ئىچىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرۇلىشى
B. غەرىپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ياپۇنىيەنىڭ كۈنسرى قۇدرەت تاپقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزلۈگىدىن ۋاز كەچكەن
C. ياپۇنىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئاشقان
D. مېيجى ھۈكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى
25.ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ مەغلۇپ بۇلىشىدكى تۈپ سەۋەب:
A.يېڭىلققا كۈچۈش تەرەپدارلىرى يۇقۇرىدىن –تۆۋەنگە قارىتا چەكلىك ئىسلاھات ئېلىپ بارغان
B.مۇستەھكەم رەھبەرلىك تەشكىلى كەمچىل
C.كەڭ خەلق ئاممىسىنى قوزغىتالمىغان
D.بۇرژۇئا يېڭىلققا كۈچۈش تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچى ئاجىز
Ⅱ قىسقىچە ئىزاھلاپ بىرىڭ: (ھەر بىرىگە 4تىن جەمئىي20نۇمۇر)
1ھېكتېمورويلار:
2«تېرانىت»
3.«ئىندۇلگېنتىيە»
4.قارا كېمە ۋەقەسى:
5.«مېيجى يېڭىلىقى»
Ⅲ ماتىريال تەھلىل قىلىپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ؟ (10نۇمۇر)
1- ماتىريال: 1861-يىلىدىكى ‹‹يانچىلارنى ئازادقىلىش خىتاپنامىسى ››دە مۇنداق خاتىرلەنگەن :«ئۇلار يەر سېتىۋالغانلىقتىن ، پومېشچىكلارئالدىدىكى مەجبۇرىيەتتن قۇتۇلۇپ،خۇسۇسىي مۈلۈككە ئىگە پۈتۈنلەي ھۆر دېھقانغائايلىنىدۇ.»
2- ماتېرىيال:چار پادىشاھ ھۈكۈمىتىنىڭ 1863-يىلىدىكى دوكلاتىدا: «...دېھقانلار ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن زارلانماقتا...بۇلۇپمۇ ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان قۇشۇمچە يېرىنىڭ كۆلىمى ھازىر بۆلۈپ بېرىلگەن يەرنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن جايلاردىكى دېھقانلار زارلانماقتا…ئۇلار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىۋاتىدۇ ياكى ئەسلىدىكى ئۈچ كۈنلۈك ھاشار ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.»
1) 1-ماتىريالدا يانچىلار ئازاد بولغاندىن كېيىن قانداق ھۇقۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان؟
2) 2-ماتېرىيالدىكى دېھقانلار ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن زارلانماقتا››نىڭ سەۋەبى نىمە؟
Ⅳجاۋاپ بېرىڭ؟
1.سولۇننىڭ مال-مۈلكىگە قاراپ تەبىقىگە ئايرىش تۈزىمنىڭ كونكرېت مەزمۇنى قايسىلار؟ (8نۇمۇر)
2.توكوگاۋا شوگناتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ياپۇنىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىنىپى بىلەن فىئوداللـق تەبىقە تۈزۈمىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈڭ؟ (12نۇمۇر)
|