查看完整版本: [-- «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن «مېڭزى» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن «مېڭزى» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايبىكە 2013-07-06 23:45

«قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن «مېڭزى»

قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن «مېڭزى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي ئەخلاق قاراشلىرى ھەققىدە» !y syb  
xA {1XS}  
ئابلىكىم ئالاۋۇدۇن   =V*4&OU  
l5fF.A7TT  
        «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى ئېلىمىز ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھېسابلانغان ئاپتورنىڭ ھاكىمىيەت قارىشى ۋە ئېتىكا قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا، بەزى تەتقىقاتچىلار ئەسەرنىڭ يۇقىرىقى تەرەپلەردىكى ئوتۇقلىرىنى ھەم بىر قىسىم «قىممىتى بار» دەپ قارالغان ئىدىيىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى كوڭزىچىلىق ئىدىيىلىرىننىڭ تەسىرىگە باغلاپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، بۇنداق مەزمۇنلارنىڭ ئۆزلەشتۈرىۋېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدى[1]. بۇ ماقالىدە بىز،پەقەت «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن «مېڭزى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەگ ۋە بەگلىك ئىشلىرى ھەققىدىكى ئاساسلىق كۆز قاراشلار نېمە؟ ئۇنىڭ ماھىيىتىچۇ؟ دېگەنلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە زامان ۋە ماكان جەھەتتىن بىر بىرىدىن تولىمۇ يىراقتا ئۆتكەن ئىككى مۇتەپەككۇرنىڭ ھاكىمىيەت قارىشىدىكى پەرق ۋە ئوخشاشلىقلارنى يۇرۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلىمىز.  c`x[C  
    1. بۇ ئىككى ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى e `!PQMLU  
    كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ئىككى ئەسەر ئوخشىمىغان ئىككى خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن. «قۇتادغۇ بىلىك» مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى پەلسەپىۋي ئىدىيىلەرنى، سىياسىي ھاكىمىيەت قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە «قاراخانىلار دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت قامۇسى»، دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى. «مېڭزى»مۇ قەدىمكى جۇڭگو ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىدىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەت قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن، قەدىمكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقلىرىنىڭ ئىدىيە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىلمىي قىممىتى زور، دەپ قارالغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.  TU-4+o%;  
    «قۇتادغۇ بىلىك» ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ تۇنجى گۇللىنىش دەۋرى، دەپ قارالغان قاراخانىلار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. ئەسەردىكى ئاساسى تېما ئەلنى قانداق ئىدارە قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، ئاپتۇر مۇشۇ تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ئۈستىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئەسەر ئۆز دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە زۆر شۆھرەتلەرگە ئېرىشىپ «شاھلار ئەدەپ- قائىدىسى»، «مەملىكەت قائىدىسى»، «ئەمىرلەر زىننىتى» ۋە «تۈركىي شاھنامە»، «قۇتادغۇ بىلىك» دېگەندەك ناملاردا تەرىپلەنگەن[2].  Zr0bVe+h  
    «مېڭزى» دېگەن ئەسەر بولسا «قۇتادغۇ بىلىك»تىن تەخمىنەن مىڭ يىل بۇرۇن يەنى ئاۋۋالقى چىن دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ كوڭزىچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان مېڭكى (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 385- يىلى تۇغۇلغان، دەپ قارالماقتا) دېگەن مۇتەپەككۇرنىڭ ئىلمىي تەبلىغلىرىدۇر. بۇ ئەسەر ماقالە تۈسىنى ئالغان يەتتە پارچە كىچىك ئەسەردىن تەركىپ تاپقان. ئەسەردىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار مېڭزىنىڭ ئۆز شاگىرتلىرى ، بىر قسىم بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرى ۋە باشقا ئېقىمدىكى مۇتەپەككۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەچچە ئەسەردە ئاپتۇرنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى نۇقتىئىينەزەرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەسەرنىڭ جۇڭگو ئەنئەنىۋىي ئىدىيە مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا، بۇ ئەسەرنى«كوڭزىچىلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ نوپۇزلۇق ئىدىيىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭدىكى ھاكىمىيەت قارىشى كېيىنكىلەرگە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەسىر كۆرسەتكەن» دەپ قارايدۇ[3]. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئەسەرنىڭ تارىختىكى شۆھرىتى ھەققىدە توختالغاندا: «بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋۋالقى چىن دەۋرىدىكى ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ سەمەرىسى ئىكەنلىكىگە گۇمانلىنىش بىھاجەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سوڭ سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى نوپۇزلۇق ئەسەرلەردە كەمدىن كەم تىلغا ئېلىنغان، پەقەت سوڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنى كىشىلەر كوڭزىچىلىق ئېقىمىنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە تولۇق ئېتىراپ قىلغان»، دەپ قارايدۇ[4]. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئەسەر سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇتەپەككۇر جۇ شى (مىلادىيىنىڭ 1130-يىلى تۇغۇلۇپ، 1200-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ تەپسىرلىشى بىلەن كوڭزىچىلارنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر بۇ ئەسەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كىشىلەر «مېڭزى»نىڭ ئىلمىي قىممىتىنى تونۇشقا باشلىغان ۋە ئەسەرنىڭ شۆھرىتى ھەقىقىي يۇسۇندا نامايەن بولۇشقا باشلىغان دەۋرلەردە «قۇتادغۇ بىلىك»مۇ مەيدانغا كېلىپ بولغان(«قۇتادغۇ بىلىك»تە ئاپتۇر ئەسەرنىڭ ھېجىرىيىنىڭ 462-يىلى يەنى مىلادىيىنىڭ 1070-يىلىدا تاماملانغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئەنە شۇنداق چوڭ. شۇڭا، ئىككى خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى ھاكىمىيەت قاراشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا، بۇ ئىككى ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەلنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى نۇقتىئىينەزەرلىرىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار، دەپ قاراشقا بولىدۇ.  F_9eju^|  
    2.« قۇتادغۇ بىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي ئەخلاق قاراشلىرى  0UEEvD5  
    «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ پۈتۈن مەزمۇنى بەگ، بەگلىك، ھاكىمىيەت، بەگلىكتە ئورنۇتۇشقا تېگىشلىك قانۇنلارنىڭ ماھىيىتى دېگەندەك مەسلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئادەمىيلىك، جەمئىيەت، تەبىئەت ۋە ئاللا ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا قاراپ راۋاجلانغان. يەنى بۇ ئەسەردە ئاپتۇر تۆت ئوبرازنى بىلىم، ئادەمىيلىك، ياخشىلىق، ئادالەت، جەمئىيەت، قانۇن، بەخىت- سائادەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە كەسكىن بەس- مۇنازىرىلىرىگە سالدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇسۇل- چارىلىرىنى يورۇتۇپ بەرگە.  j~(s3pSCo  
    «قۇتادغۇ بىلىك»تىكى بەگ ۋە بەگلىك ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسىي ئەخلاق قاراشلىرىنى مۇنداق ئۈچ ئاساسلىق نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.  +>#SB"'  
    بىرىنچى، «قۇتادغۇ بىلىك»تە يۇسۇپ خاس ھاجىپ بەگلەرنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋۋال ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ تۈزىگۈچىسى، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي تەركىبلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى، جەمئىيەت ئەخلاقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى، ئىجتىمائىي تەقسىمات شەكلىنى تاللىغۇچىى، دەپ قارىغان. ئەسەردە، بەگلىكنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى يەنى ئەمگەك تەقسىماتى، بايلىق تەقسىماتى، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق شەكلى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بەگلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، ئادەمىيلىكى ۋە شەخسى مەقسەت- مۇدىئالىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ، دەپ قارالغان.  /5qeNjI+2  
    ئەسەرنىڭ «ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەدھىيىسى ۋە پايدىسى ئېتىلىدۇ» دېگەن 9- بابىدا ۋە ئەسەرنىڭ ھەقىقىي مۇقەددىمىسى بولغان «سۆز بېشى، كۈنتۇغدى ئەلىگ ھەققىدە» دېگەن 13-بابىدا، بەگلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى(284- بېيتتىن286- بېيتقىچە) ۋە ئىقتىدارى(407-بېيتتىن410-بېيتقىچە، 469- بېيت، 603-، 604-بېيتلار)،جەمئىيەتتىكى مەجبۇرىيەت- مەسئۇلىيەتلىرى(287 - بېيتتىن291- بېيتقىچە) ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. «كۈن تۇغدى ئەلىگ ئايتولدىغا ئادالەت سۈپەتلىرىنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتىدۇ» دېگەن 18- بابىدا بولسا بەگلىكتە ئورنىتىشقا تېگشلىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى (817- بېيتتىن 891- بېيتقىچە) بايان قىلغان. «ئايتولدى ئېلىگكە تىلنىڭ پەزىلەتلىرىنى، سۆزنىڭ پايدىسىنى ئېيتىدۇ» دېگەن 19-بابىدا بولسا سىياسىي بايلىقلارنى تەقسىملەش، ئەمگەك تەقسىماتى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە توختالغان(1035-بېيتتىن 1041-بېيتقىچە). «ئۆگدۈلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئەلىگ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى ئېيتىلىدۇ» دېگەن26-بابىدا بولسا جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئەخلاق ئۆلچەملىرى (1596-، 1597- بېيتلار، 1639-بېيت، 1660-بېيتتىن 1692-بېيتقىچە) بايان قىلىنغان. «بەگلىككە لايىق بەگنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ئېيتىلىدۇ» دېگەن 28-بابىدا بولسا بەگلەرنىڭ جۇملىدىن ئوردا ئەھلىنىڭ يەككە ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ جەمئىيەتتە ئوينايدىغان رولى بايان قىلىنغان (1963-بېيتتىن 1965-بېيتقىچە، 1970-بېيت، 1981- بېيتتىن 1985-بېيتقىچە، 2091- بېيتتىن 2097-بېيتقىچە) [5] .  ^}JGWGib=+  
    يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا، ئاپتۇر بەگدە بولۇشقا تېگىشلىك شەخسى پەزىلىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، قانداق قانۇن تۈزۈش، قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىش، بايلىقلارنى قانداق تەقسىملەش دېگەندەك مەزمۇنلار ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ بەگلەر(ھاكىمىيەت ئاپىراتلىرىنىڭ)نىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە ئادەمىيلىك ماھايىتىنى يۇقىرىقى تەرەپلەرنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى، دەپ بىلىدۇ. بۇ مەزمۇنلاردا، ئاپتور جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىنى ۋە جەمئىيەت ئەدەپ- يۇسۇنلىرىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىنى بەگلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنى ئاۋامغا ئۈلگە قىلىپ، ئاۋامنى ئىلھانلاندۇرغانلىقىدىن، دەپ قارايدۇ. بۇ بېيتلاردا يەنە ئىجتىمائىي ئەمگەك تەقسىماتى، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى، ئاساسلىق مەۋجۇتلۇق شەكلى، تەرەققىيات مۇساپىسى، تىرىكچىلىك ئۇسۇلى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بەگلەرنىڭ شەخسى مەقسەت- مۇدىئالىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ. شۇڭا، بەگلەرنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىقتىدارى ئەلنىڭ، مىللەتنىڭ، دەۋرنىڭ، جەمئىيەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى، روھى ھالىتىنى، ئەخلاق غاىسىنى، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈرۈرىدۇ، ئوردا ئەھلىنىڭ ھوقۇققا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۇلارنىڭ بايلىقلارنى قانداق تەقسىم قىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. ھوقۇقدارلارنىڭ تۇرمۇش ئىستەكلىرى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشى(ئادىل ياكى نەھەق بىر تەرەپ قىلىشى)غا تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا «ئادىللىق» ۋە «ياخشىلىق» (بۇ يەردىكى «ياخشىلىق» ئادەمىيلىككە قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىسلام دىنى ئەخلاق كاتېگورىيىسىدىكى رەھىمدىللىك، دىيانەت، سېخىلىق، كەڭ قۇرساقلىق، پىداكارلىق، تۆھپىكارلىق، ھەققانىيەتچىل بولۇش دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پەزىلىتىنى بەگلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ بىرى، دەپ قارىغان.  zX{O"w  
    ئىككىنچى، ئەسەردە ئوردا ئەھلىدە بولۇشقا تېگىشلىك كەسپىي ئىقتىدارنىڭ ئۆزىلىرى ئۈچۈن بايلىق توپلاش بولماستىن بەلكى بەگلىك ئىشلىرىنى ئادەمىيلىك، توغرىلىق ۋە بىلىم بىلەن باشقۇرۇش (457-بېيت، 562- بېيتتىن 569-بېيتقىچە، 856-بېيتتىن 895-بېيتقىچە، 1710 بېيتتىن1721- بېيتقىچە)، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ھاكىمىيەت ئاپىراتلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى سىستېمىلىق ھالدا دەرىجىلەر بۇيىنچە جەمئىيەتكە تەقسىملەش(1753- بېيتتىن 1760- بېيتقىچە)تىن ئىبارەت، دەپ قارالغان.  =Q\z*.5j.  
    بۇ مەزمۇنلاردا، ئوردا ئەھلى جەمئىيەتكە ھۆكۈمىرانلىق قىلىش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ يارىتىلىشى، تەقسىملىنىشى ۋە تاۋارغا ئايلىنىشى دېگەندەك ساھەلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئەشيالىرىنى ۋە تۈرمۇش بايلىقلىرىنى تەقسىم قىلىدۇ. ئۇلاردا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھوقۇقلار بولىدۇ، شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار خەلقنىڭ ھايات- ماماتىنى يەنى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى ياكى قالاق بولۇشىنى، ئەلنىڭ قۇدرەت تېپىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى بەلگىلىگۈچىلەردۇر، دەپ قارالغان.  `w&Y[8+E  
    ئۈچىنچى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ رولىدىن باشقا يەنە قانۇننىڭ مەجبۇرلاش رولىدىن ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى(454-ۋە 455-بېيت،545-ۋە 546-بېيت، 786- ۋە 788- بېيتلار، 1435- ۋە 1436-بېيتلار، 1458- ۋە 1459-بېيتلار) ھەم بۇنداق قانۇننىڭ ئۇچۇق- ئاشكارە، ھەممە كىشى ئۈچۈن باراۋەر يۈرگۈزىلىشى(802-بېيتتىن 819- بېيتقىچە،) كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ مەزمۇنلاردا بەگنىڭ ئادەمىيلىكى، ئاداتلەتلىك قانۇننىڭ ماھىيىتى، قانۇننى ئوچۇق- ئاشكارا ئىجرا قىلىش، باراۋەر يۈرگۈزۈش دېگەندەك مەزمۇنلار بايان قىلىنىش بىلەن بىللە، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا بەگلىك كۈچىدىن پايدىلىنىشنىڭ رولى توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان. بۇ مەزمۇنلاردا ئاساسلىقى بەگنىڭ ئادىل بولۇشى ۋە يۈرگۈزىلىۋاتقان قانۇننىڭ ئۈنۈم بېرىشىنىڭ ئۆزى−«بۆرە بىلەن قوزا بىللە ياشايدىغان» ئاسايىشلىق جەمئىيەتنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى، دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.  |;~kHc$W  
    يۇقىرىقى تەرەپلەر «قۇتادۇ بىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئاساس» دەپ قارالغان سىياسىي ئەخلاق قاراشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردۇر.  Zqo  
    3.«مېڭزى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي ئەخلاق قاراىشلرى  wBuos}/  
    «مېڭزى»نى تەتقىقاتچىلار، كوڭزىچىلارنىڭ سىياسىي قاراشلىرى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق سەنئىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئەسەر، دەپ باھا بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئەسەردە مۇلاھىزە قىلىنغان ھەم تەتقىقاتلاردا «قىممىتى بار» دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەزمۇنلارمۇ «قۇتادغۇ بىلىك»كە ئوخشاش ھۆكۈمىرانلارنىڭ سىياسى تۇرمۇشى بىلەن مۇناىۋەتلىك بولغان تەرەپلەردە يەنى ئوردا ئەھلنىڭ ئىقتىدارى، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرى، ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەپ- ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بولغان كۆز قاراش جەھەتلەردە بەكىرەك گەۋدىلىكتۇر. بۇ ئەسەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرى ئاساسەن بىرىنچى شەخىس سۈپىتىدىكى مېڭزى بىلەن ئەينى زامانلاردىكى بىرنەچچە بەگلىكنىڭ بەگلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەردە مۇجەسسەملەنگەن. بۇ سۆھبەت خاتىرىلىدىن بىز، مېڭزىنىڭ ھاكىمىيەت قارىشى ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز. يەنى بۇ مەزمۇنلاردىن مېڭزى ئوتتۇرىغا قويغان «ھۆكۈمدارلىق تەرىقىتى»، «رەھىدىللىك سىياسىتى»، «توققۇز ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى» دېگەندەك ئاساسلىق ھاكىمىيەت قاراشلىرىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.  [Re.sX}$Y  
    جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى «ھۆكۈمدارلىق تەرىقىتى (王道) (شاھلىق قانۇنىيىتى)» دېگەن سىياسىي ئۇقۇم ئەڭ ئاۋۋال «مېڭزى» دېگەن ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ھەم بۇ ھەقتە بەزى چۈشەنچىلەر بېرىلگەن. شۇڭا ئالدى بىلەن «مېڭزى»دا تىلغا ئېلىنغان «ھۆكۈمدارلىق تەرىقىتى» دېگەن ئۇقۇمنى شەرھلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.  iBqxz:PHN(  
    «مېڭزى»دىكى «گوڭ سۇنچۇ» دېگەن ئەسەردە، مېڭزىنىڭ شاگىرىتلىرى مېڭزىدىن «ھۆكۈمىرانلىق تەرىقىتى»نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغاندا ئۇ، بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ ھوقۇقدارلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئاۋام ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت- مەجبۇرىيەتلىرى ھەقىدىكى قاراشلىرىنى كەڭ- كۈشادە بايان قىلىپ ئۆتكەن. بۇ ھەقتە ئۇ: «ھېسداشلىق قىلىش بولسا قەلىب(يۈرەك)تىكى رەھىمدىللىك ئۇچىنىڭ بىخلىنىشى، نومۇس قىلىش بولسا قەلبتىكى ئەدەپ- يۇسۇن ھەقىقىتى ئۇچىنىڭ بىخلىنىشى، كەمتەرلىك بولسا قەلبتىكى ئەدەب ئۇچىنىڭ بىخلىنىشى، ھەق- نەھەقنى بىلىش بولسا قەلبتىكى پاراسەت ئۇچىنىڭ بىخلىنىشىدۇر. ئادەمنىڭ بۇنداق تۆت خىل ئەخلاق- پەزىلەت ئۇچىغا ئىگە بولۇشى خۇددى تەندىكى تۆت ئەزاغا ئىگە بولغانغا ئوخشاش بىر ئىش، ئەگەر بىر ئادەمدە مۇشۇ تۆت ئۇچ ھازىرلانغان، لېكىن ئۇنى تەدىرىجى تەرەققىي قىلدۇرمىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ھۆكۈمىرانى ئۇنى ياخشى تەربىيىلەپ تەرەققىي قىلدۇرالمىغان دەپ قارالسا، ئۇنداقتا بۇنداق ھۆكۈمراننى يوقۇتۇش لازىم... مەندە شۇ تۆت ئۇچ بار ھەم مەن ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردۇم، قەلبتىكى شۇ تۆت ئۇچنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا ئەلنى ئىلكىڭدە تۇتۇپ تۇرالايسەن، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسا، بەگلىك ئۇياقتا تۇرسۇن ئاتا-ئاناڭغىمۇ ۋاپادارلىق قىلالمايسەن»، دەپ قارايدۇ[6].  xYLTz8g=  
    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مېڭزىنىڭ ھۆكۈمدارلىق ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىدا، ئۇنىڭ «ئىنسان ماھىيىتىدىن ياخشى(性善)» دېگەن قارىشى ئاساس قىلىنغان. مېڭزى تەرىپلەپ ئۆتكەن «قەلبنىڭ تۆت ئۇچى» ئىنسان ماھىيىتىدىكى ياخشىلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەپلەردۇر. ئۇ دەل مۇشۇ ياخشىلىقنى كىشىلىك پەزىلەتىنىڭ ئاساسى، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ ئادەملەردە گەرچە ئەدەپ- ئەخلاقنىڭ ئاساسى بار دېگەندىمۇ، لېكىن ئۇنى چوقۇم «ئەخلاقلىق ئىنسان» دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ھەم بۇنداق ئادەملەر بىلەن تولغان جەمئىيەت «ئەخلاق پەزىلەتلىكلەر جەمئىيىتى» ئىكەنلىكىدىننىمۇ دېرەك بەرمەيدۇ، ئادەمنىڭ پەزىلەتلىك بولۇشى ھەم جەمئىيەتتە يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھۆكۈمىرانلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ياخشى تەرەپلەرنى بايقىشى، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ھەم بۇنداق ياخشىلىقنى جەمئىيەتتە ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمالار يۇقىرىقى تەرەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغاندىلا جەمئىيەتتە ئەخلاق ئومۇملىشىدۇ ھەم ئەل ئامان، جەمئىيەت تەرتىپلىك، خەلق خاتىرىجەم تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمالار يۇقىرىدىكى تەرەپلەرنى بىجا كەلتۈرەلمىسە ياكى يۇقىرىقى تەرەپلەرگە سەل قارىسا، بەگلىك ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ ۋاپادار بولالالمايدۇ، دەپ قارىغان. بۇ تەشەببۇسلاردا، ئادەمدىكى ياخشىلىقلار ئۇنىڭ ماھىيىتىدە تۇغما بولىدۇ، ئۇنى جارى قىلدۇرۇش شۇ ئادەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىراىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىش، دېگەنگە ئوخشاش بىر ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  OMY^'g%w  
    مېڭزى گەرچە ئادەمنىڭ ماھىيىتى تۇغما ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىسىمۇ لېكىن ئۇ باشقا مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشاش يەككە ئادەم پەقەت ئەل- ئاۋام بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىچىدە تەرەقىياتقا ئىرىشىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ «دۆلەت دېمەك ئەدەپ-يۇسۇن ئەندىزىسى دېگەنلىكتۇر» دېگەنگە باراۋەر. ئۇمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئەلنىڭ ھۆكۈمىرانىنى «ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ سەركىسى» دەپ بىلىپ، ئەسەرنىڭ خېلى كۆپ جايىدا «ھۆكۈمدارلىق تەرىقىتى»ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇ، ئەلمىساقتا ئۆتكەن دانىشمەن پادىشاھلاردىن ياۋ ، شۇن، يۈ دېگەنلەرنىڭ تۇتقان يوللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاق- پەزىلەتلىرىنى ماختايدۇ. ئۇلارنى ئەڭ ئاۋۋال ئاۋامنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىك مەسلىلىرىنى ھەل قىلدى، ئۇلار رەھىمدىلدۇر، ھۆكۈمرانلىق ئەنە شۇنداقلارنىڭ قولىدا بولۇشى ياكى ئەنە شۇنداقلارنىڭ قولىدا داۋام قىلىشى كېرەك. ھۆكۈما بولغۇچى شۇنداق دانىشمەن پادىشاھلارنى ئۈلگە قىلىشى ھەم ئەلنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ تۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ[7]. بۇ مەزمۇلارنى كېيىنكىلەر مېڭزىنىڭ ھۆكۈمدارلىق تەرىقىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ نېگىزى دەپ قاراشقان. بۇ ئۇقۇم كېيىنكى چاغلاردىكى «زوراۋانلىق(霸道)» ئۇقۇمى بىلەن قارىمۇ قارشى مەنىدىكى سىياسەتدارلىق رەۋىشلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان سىياسىي نام بولۇپ قالغان.  w/1Os!p  
    بۇ تەشەببۇسلار «يېغىلىق دەۋرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە، بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر كەسكىنلەشكەن، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك ئەۋج ئالغان، بۇرۇنقى جۇ بەگلىكىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەت تۈزۈملىرى ۋە جەمئىيەت ئەخلاقى گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ھەرقايسى ئېقىملار ھەرخىل چارە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆز ئارا كۆرەش قىلىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. ئەنە شۇنداق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەققەززاسى بىلەن مېڭزى بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەتقىقاتچىلار «بۇ تەشەببۇسلار گەرچە ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ، سىياسىي مۇددىئالارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا مەڭگۈلۈك قىممەت ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ بەردى، دەپ قارايدۇ[8]. ئەينى ۋاقىتلاردا مېڭزى «ھۆكۈمدارلىق تەرىقىتى» دەپ ئاتىغان بۇ ئۇقۇمنىڭ شۇ زامانلاردىكى مەنىسىنى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ھازىرقى سىياسىدىكى «دېمۇكىراتىيە» ئۇقۇمىغا يېقىن كېلىدۇ ياكى ھازىرقى دېموكىراتىك سىياسەتنى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بويىنچە «ھۆكۈمدارلىق تەرىقىتى(王道)» دېگەن شۇ ئۇقۇم بىلەن ئىپادىلىسەكمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ[9].  vY"i^a`f  
    مېڭزى ئىنسان قەلبىدىكى ياخشى تەرەپلەرنى قانداق قىلىپ ئەخلاق- پەزىلەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا، ئاۋامنى ئەڭ ئەقەللىي ياشاش شارائىتلىرىغا (ئاساسلىق تۇمۇش لازىمىتىگە) ئىگە قىلىش جەمئىيەتنى پەزىلەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر، دەپ قارىغان.  # 0* oj/  
    بۇ ھەقتە، مېڭزى تېڭ ۋېنگوڭنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ: «ئاۋامنىڭ ئىشلىرىنى كەينىگە سۈرۈشكە بولماس، ‹نەزىمنامە. يۇ بەگلىكى مۇقامى. يەتتىنچى ئاي› دېگەن نەزمىدە: ‹كۈندۈزى ئورۇپ قومۇش، كېچىلەپ ئېشەر ئارقان، ئالدىراش ياساپ كەپە، (باھاردا) تېرىيدۇ يەنە ئاش-دان(تېرىقچىلىقنى ئاقسىتىپ قويمايدۇ). دېيىلگەن. ئاۋامنىڭ روزى- غارى بولمىسا، ئىشەنچە-ئېتىقادىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەر مال- مۈلۈككە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن بەگىلىكنىڭ ئەدەپ- يۇسۇنلىرىغا رىئايە قىلالايدۇ. ئەگەر ئاۋامدا ئۆزىنى باشقۇرالىغىدەك مۇستەھكەم ئەدەپ- يۇسۇن ئېتىقادى بولمىسا، نەپسى- ھەۋەسلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدۇ، ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقا ھېچنىمە بىلەن كارى بولماس بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇش ھەم ئىشتىن كېيىن جازالاشنىڭ ئۆزى ‹ئاۋۋال قاپقان قۇرۇپ ئاندىن پۇقرالارنىڭ ئۇنىڭغا دەسسىشىنى كۇتكەن›گە ئوخشاش بىر ئىشتۇر، نەدە ئۇنداق ئۆز پۇقرالىرىنى بالاغا تىقىدىغان رەھىمدىل ھۆكۈما بولسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، دانا ھۆكۈمالار ئەدەپ- يۇسۇنلۇق، تېجەشلىك بولۇشى، ئىقتىسادچىل بولغان ئالۋان- ياساق تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇشى كېرەك.»[10] دەپ ئېيتقان.  DtFzT>$^F  
    يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا مېڭزى، ئەدەپ- يۇسۇنلار بىلەن تۆھە- مەنپەئەتلەرنىڭ پەرقىنى يەنى دىيانەتلىك بولۇش بىلەن ماددىي مەنپەئەتلەرنىڭ تەرتىۋىنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. ھەرقانداق ئادەمدە مەنپەئەت بولماي قالمايدۇ، ئادەملەرنىڭ مەنپەئەتى ئۇلار تىرىكچىلىك قىلىشتا دۇچ كېلىدىغان ئۆي-ماكان، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، ئارزۇ-ھەۋەس دېگەندەكلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئاۋامدىكى ياخشى پەزىلەتلەرنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئاۋامنىڭ روزى-غارلىرىنى ۋە ئۇزۇق- تۈلۈكلىرىنى ياخشىلاش كېرەك. مانا بۇ ھۆكۈما بولغۇچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق بۇرچتۇر. ئاۋامنىڭ قۇرسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولغاندىلا ئۇلاردىن ئەدەپ- يۇسۇنلارغا رىئايە قىلىشنى كۇتكىلى بولىدۇ ياكى شۇ چاغدىلا بەلگىلىكتە ئەدەپ-يۇسۇنلارنىڭ ئاساسى شەكىللىنەلەيدۇ، دەپ قارىغان. دېمەك مېڭزى، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ياخشىلىق ئۇچلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتتە ئەدەپ- يۇسۇن ئورنىتىشتىكى ئالدىنقى شەرتنى ئىنسان ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددى ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىش، دەپ قارىغان. مېڭزى قىلمىش ئۆلچىمى بىلەن جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئەنە شۇنداق بايانلارنى ئوتتۇرىغان قويغان. ئۇنىڭدا ئاۋامنىڭ گۇنا ئۆتكۈزىشىدىكى سەۋەب ھۆكۈمىراننىڭ ئۇلارنى تەربىيىلىمەي مەيلىگە قويۇپ بەرگەنلىكىدىندۇر، ئاۋامنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ھۆكۈمانىڭ ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت قارىشىنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقىدىن، دەپ قارىغان. ئۇ، ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلالايدىغان ھۆكۈما چوقۇم رەھىمدىل، ئىقتىسادچان، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيدىغان، ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزىدىغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان ھەم شۇ مەقسەتتە «توققۇز ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى» دەيدىغان تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان.  %.rVIc"  
    مېڭزى ئوتتۇرىغا قويغان «توققۇز ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى»نىڭ مەزمۇنى بولسا، بۇرۇنقى دېھقانلار بەگلىك يەرلىرىگە ھاشارغا ئىشلەيدىغان تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنىڭ يەرلىرىنى پومىچىكلارغا بۆلۇپ بېرىش، بىر مەيدان يەرنى توققۇز پارچى(ھەر پارچىسى يۈز مو ئەتىراپىدا)غا تەڭ بۆلۇپ(井 خېتى شەكلىدە)، ئوتتۇرىدىكى بىر پارچىنى بەگلىككە قالدۈرۈپ، قالغان قىسمىنى دېھقانلارغا ئىجارىگە بېرىش، دېھقانلار ئالدى بىلەن بەگلىككە قالدۈرۈلغان يەرلەرنى تېرىش، ئاندىن ئۆزلىرىگە قالدۇرۇلغان يەرلەرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭدا، شەخىس ئارقىلىق بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ، ھاشار تۈزۈمىنى ئىجارىگە بېرىش تۈزۈمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار تەن جازاسىدىن قۇتۇلۇپ، ھۆكۈمالارنىڭ سىياسىتىدىن مىننەتدار بولۇپ، يەرگە ئۆزلۈكىدىن باغلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارالغان[11]. ئۇ «ھۆكۈما رەھىمدىل بولسا جاھاندا رەھىمسىزلەر بولماس، ھۆكۈما دىيانەتلىك بولسا جاھاندا ئەدەپ- يۇسۇنلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولماس، ھۆكۈما دۇرۇس بولسا جەمئىيەتتە ئازغۇنلار بولماس، پەقەت ھۆكۈما بولغۇچىنىڭ ئەخلاقى دۇرۇس بولسىلا پۈتۈن جاھان ئامان- ئىسەن بولۇر»[12]، دەپ قەيت قىلىدۇ. ئۇ بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغاندا باشقا قانۇن-پەرمانلار ياكى ئەدەپ- يۇسۇنلارغا قارىغاندا تەسىرلەندۈرۈش كۈچى تېخىمۇ زور بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشلار تەتقىقاتلاردا تىلغا ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان مېڭزىنىڭ «رەھىمدىللىك سىياسىتى(仁政)»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدۇر.  }8LTYn  
    مېڭزى ئۆزى تىلغا ئېلىۋاتقان «رەھىمدىللىك»كە: «رەھىمدىللىكنىڭ ماھىيىتى ئاتا- ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا بولغان ۋاپادارلىقتۇر. ئەدەپ- ئەخلاق ھەقىقىتىنىڭ ماھىيىتى بولسا ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتۇر، ئەقىل- ئىدراكنىڭ ماھىيىتى بولسا ئەدەپ- يۇسۇن ھەقىقىتىنى توغرا چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماسلىقتۇر»دەپ تەبىر بەرگەن[13]. ئۇ يەنە: «رەھىمدىللەر ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ پاسىبانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەدەپ- يۇسۇن ھەقىقىتىنى بىلگەنلەر ساداقەتسىزلىك قىلمايدۇ»[14] دەيدۇ.  xt zjFfq  
    مېڭزى ئوتتۇرىغا قويغان «رەھىمدىللىك سىياسىتى» دېگەن سىياسىي پەلسەپە ئۇقۇمنىڭ ئەينى زامان شارائىتىدىكى مەنتىقىسى«رەھىمدىللىك ۋە دىيانەت دېگەنلەرنى ئاساس قىلىپ(دەستەك قىلىپ) تۇرۇپ سىياسەت يۈرگۈزسەڭ ئاۋامنىڭ كوڭلىنى ئۇتالايسەن» دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، ئەخلاق كاتېگورىيىسىگە تەۋە «رەھىمدىللىك» ئۇقۇمىنى ئۇنىڭ ھازىرقى مەنىسى بۇيىنچە مۇتلەقلەشتۇرۇپ چۈشۈنىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئەنە شۇنداق قانداشلىق، دەرىجە پەرقى ، ئىش تەقسىماتى بولغان، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىدىن بۇرۇنقى كونا تۈزۈملەرگە ۋە ئەدەپ- يۇسۇن ئەندىزىلىرىگە ۋاپادار بولۇش، ساداقەتمەنلىك قىلىشنى تەكىتلەيدىغان رەھىمدىللىك سىياسىتىدۇر. بۇ، ھۆكۈمىرانلارنىڭ پۇقرالارغا بولغان ھۆكۈمىرانلىق قىلىشى ھەم پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمالارغا ساداقەتمەن بولۇشىدەك بۇرۇندىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىنى يېڭىچە بىر ئۇسۇلدا ھېمايە قىلىدىغان سىياسەتدارلىق رەۋىشىدۇر.  2[X\*"MQ2  
    مېڭزى گەرچە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگۈرۈشنى ھەم رەھىمدىللىك سىياسىتى بىلەن خەلقنىڭ كوڭلىنى ئۇتۇش ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىش تەشەبۇسسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كونىچە ئەدەپ- يۇسۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى، جۇ بەگلىكىدىن قالغان ئەدەپ- يۇسۇن ئەندىزىلىرىدە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنى«رەھىمدىل» دەپ ئاتالغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنگەندەك باشقا ھەرقانداق كىشىگە باراۋەر بولۇشىنى خالىمىغان. ئالايلۇق، ئەينى ۋاقىتلاردا موزىچىلار «رەھىمدىللىك باراۋەر بولۇشى كېرەك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن مېڭزى بۇنداق قاراشقا رەدىيە بېرىپ: «ئەگەر كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرىبانلىقتا پەرق بولمىسا، ئادەملەردە ‹ئاتا-ئانا› دېگەن ئۇقۇم بولمايدۇ، ئەگەر ئادەمدە ‹ھۆكۈما› ۋە ‹ئاتا-ئانا› دېگەن چۈشەنچىلەر بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋانغا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟»دەپ قارىغان[15].  x:E:~h[.^  
    يۇقىرىقى تەرەپلەردىن بىز، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىيىتىدا ياشىغان بۇ ئىككى مۇتەپەككۇرنىڭ ھاكىمىيەت قارىشى ھېسابلانغان سىياسىي ئەخلاق نەزىرىيىلىرىدە، بەگ- ھۆكۈمالارنىڭ شەخسى ئەخلاق پەزىلەتلىرىنىڭ جەمئىيەت ئەدەپ- يۇسۇنلىرىنى ۋە جەمئىيەت تەرتىۋىنى ئورنۇتۇشتىكى رولىغا بولغان قاراشلىرىدا خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، لېكىن بۇنداق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئۇنى رىياللىققا ئايلاندۈرۈشنىڭ ئۇسۇل ۋە چارسى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا يەنە بەزى پەرقنىڭ يوق ئەمەسلىكىنىمۇ كۆرىۋالالايمىز.  >$:_M*5  
    ئىزاھاتلار:  0x2[*pJ|IW  
    [1] لاڭ يىڭ: «‹قۇتادغۇ بىلىك› ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە،1993-يىلى12-ئاي نەشىرى، 317-، 318-بەتلەردە ۋە شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993- يىلى7-ئايدا نەشىر قىلغان(خەنزۇچە) :«‹قۇتادغۇ بىلىك› تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن چىن خىڭفۇ، يۇەن شېلى قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىدە شۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار ئۇچىرايدۇ.  9#:B_?e=  
    [2] يۇسۇپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسىرى يەشمىسى، مىللەتلەر نەشىرىياتى،1991-يىل،11-ئاي نەشىرىنىڭ «نەسىرى مۇقەددىمىسى»گە قاراڭ.  MWI7u7{  
    [3] چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن: «مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچىن نەشىرىياتى (خەنزۇچە)، 2003-يىل، 8-ئاي، «كىرىش سۆز»گە قاراڭ  @ruWnwb  
    [4] لى يۇجېڭ: «كوڭزى-مېڭزى ئېتىكىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەھلىل»، جۇڭگو خەلق ئونىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، خەنزۇچە، 2004-يىل،7-ئاي نەشىرى، 221-بەت  dfMi]rs!<  
    [5] مەزكۇر ژورنالنىڭ سەھىپە ھەجمىنى نەزەردە تۇتۇپ، «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى نەسىرىي يەشمىسىدىكى بېيىتلارنىڭ رەت نومۇرىلا كۆرسىتىلدى.  FyWrb+_0v  
    [6] چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن: «مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچىن نەشىرىياتى (خەنزۇچە)، 2003-يىل، 8-ئاي، 65-بەت  Ov@vNj&  
    [7] چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن: «مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچىن نەشىرىياتى (خەنزۇچە)، 2003-يىل، 8-ئاي،61-، 127- ۋە 135-بەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا قاراڭ  [{.9#cQ "  
    [8] لى يۇجېڭ: «كوڭزى-مېڭزى ئېتىكىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەھلىل»، جۇڭگو خەلق ئونىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،2004-يىل،7-ئاي نەشىرى،301-بەت.  v<vaPvW  
    [9] فېڭ يۇلەن: «جۇڭگو پەلىسەپىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، يېڭى دۇنيا نەشىرىياتى، 2004-يىل، 1-ئاي،67-بەت.  &HtG&RvQf  
    [10] چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن:«مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچىن نەشىرىياتى (خەنزۇچە)، 2003-يىل،8-ئاي، 95-بەت.  vu~7Z;y( 
    [11]، چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن:«مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچىن نەشىرىياتى (خەنزۇچە)، 2003-يىل،8-ئاي، 99-بەت.  ;umbld0  
    [12] چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن: «مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچىن نەشىرىياتى (خەنزۇچە)، 2003-يىل،8-ئاي، 152-بەت.  =kb/4eRg  
    [13] چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن: «مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچېن نەشىرىياتى، (خەنزۇچە)،2003-يىل8-ئاي، 156-بەت.  %']`t-N8  
    [14]چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن: «مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچېن نەشىرىياتى، (خەنزۇچە)، 2003– يىل 8-ئاي،2-بەت.  Q6r7UM  
    [15] چېن خوڭخەي قاتارلىقلار تەپسىرلىگەن: «مېڭزىنىڭ يەشمىسى»، سەنچېن نەشىرىياتى، (خەنزۇچە)، 2003– يىل 8-ئاي،128-بەت.  a*qc  
    ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنى  7Mb-v}  
  ت مەنبە؛بوز تاغ ئەدەبىي تەرجىمە مۇنبىرى Bp/25jy  

koksangun 2013-07-06 23:50
ئەجرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولغاي !

ئەكبەرنىياز 2013-07-08 00:17
بۇ ماقالە ھەقىقىي ئۇسسىغان يەرگە باردى . بىزدە مۇشۇنداق سىلىشتۇرما ئەدەبىياتقا ئائىت ماقالىلەر بەكلا كەمچىل بولىۋاتىدۇ . بەك ئېسىل يېزىلىپتۇ . ئابلىكىمنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە يەنىمۇ بەركەتلەر يار بولغاي !!! |D1TSv}rZD  
ئايبېكەنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگىمۇ يەنە ئۆتكۈرلۈك يار بولغاي !!!

ھاتەھاتەم 2014-03-19 12:17
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت،ئىلمىي ئاساستا سېلىشتۇرۇلۇپتۇ

ۋارىس60 2014-03-19 12:29
فىزىكىلىق تەھلىل قىلساقلا چىقىدىغۇ ، ئىككى قۇتۇپ . لېكىن ماقالە ئېسىل چىقىپتۇ


查看完整版本: [-- «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن «مېڭزى» --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled