تارىخ تاللانما(1،2) دىن مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇئالى
2-يىللىقلارنىڭ 2010ـــ2011-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم تارىخ تاللانما(1،2) دىن مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇئالى
ئومۇمىي نومۇرى 100 نومۇر ۋاقتى: 90 مىنۇت جاۋابى جاۋاب يېزىش كارتىسىغا يېزىلىدۇ.
I ئىمتىھان قەغىزى تاللاش سۇئالى (50نۇمۇر)
Ⅰتاللاش سۇئالى (بۇ چوڭ سۇئالغا 25تارماق سۇئال بۇلۇپ،ھەر بىر سۇئالغا 2دىن جەمىي 50 نۇمۇر بېرىلىدۇ،ھەر بىر سۇئالدا پەقەت بىرلا جاۋاپ توغرا،توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكى ماس ئۇرۇنغا تولدۇرۇڭ)
1.ئافېنا يۇناندىكى( )گە جايلاشقان.
A.پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى B .ئاتتىكا يېرىم ئارىلى
C.ئولىمپىيە يېرىم ئارىلى D.كىرىت يېرىم ئارىلى
2.قەرزئىگىلىرى ئۈچۈن يەر تېرىپ بېرىدىغانلار ئادەتتە ( )دەپ ئاتىلىدۇ.
A.‹‹ئالتىدىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار›› B . ‹‹ئالتىدىن ئىككى ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار››
C. ‹‹ئالتىدىن ئۈچ ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار›› D. ‹‹ئالتىدىن تۆت ئۈلۈشنى ئالىدىغانلار››
3.ئافېنا شەھەر دۆلەتلىرىدە دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئەڭ ئاخىر ئورنىتىلغان ۋاقتى:
A.مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرى كلېستېن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
B. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە كلېستېن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
C. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردە پېرىكل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
D. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە پېرىكل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت
4.شىياۋۋېندىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
①كىيىم-كېچەكنى ئۆزگەرتىش ②خەنزۇچە سۆزلىشىش ③خەنزۇچە فامىلە قوللىنىش
④مىللەت-ئايرىماي نىكاھلىنىش ⑤يۇرت-تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش
A. ②③④ B . ①②③④ C. ②③④⑤ D. ①②③④⑤
5.ۋاڭ ئەنشى يولغاقويغان يېڭى قانۇننىڭ مەغلۇپ بۇلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ:
A.چوڭ پومېشچىك،بىيۇروكراتلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزدى
B.يېڭى قانۇن خەلققە زىيان سالىدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى
C.ئادەم ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىدى
D.قانۇن ئۆزگەرتىش پەرمانلىرى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلدى
6.خىرىستان دىنى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى،ئۇ ئەڭ ئاۋال قايسى رايۇندا بارلىققا كەلگەن:
A.غەربىي ياۋرۇپا B .كىچىك ئاسىيا ۋە پەلەستىن
C.ھىندىستان D.ئوتتۇرا ئاسىيا
7.مارتىن لۇتېر دىن ئىسلاھاتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى:
A.گۇمانىزم B .‹‹ئېتىقاتقا تايىنىپ دىيانەتلىك بولۇش››
C.ئىدراك D.پادىشاھ ھۇقۇقى دىنىي ھۇقۇقتىن ئۈستۈن بۇلۇش
8.يانچىلىق تۈزۈم شارائىتىدىكى يانچىلارنىڭ ئورنىغا ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى:
A.پومېشچىكلار يانچىلارنى ئاشكارا ئېلىپ-ساتسا بۇلىدۇ.
B. پومېشچىكلار يانچىلارنى بانكىغا رەنىگە قۇيۇپ ،بانكىدىن پۇل قەرزئالسا بۇلىدۇ
C.يانچىلار پومېشچىكلارنىڭ ئېكىنزارلىقلىرىدا ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئازراق ھەققە ئېرىشەلەيدۇ
D. يانچىلارنىڭ غىزالىنىش ،تۇرالغۇ قاتارلىق تۇرمۇش شارائىتلىرى ئىنتايىن ناچار
9.روسىيەدە يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جەمىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان چار پادىشاھنى خاتىرلەپ،2005-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى موسكۇۋادا ئۇنىڭ ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.بۇ پادىشاھ:
A.ئىۋان B.پېتىر C.ئالكىساندىرⅡ D.نىكولاي
10.بەزىلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: 1861-يىلىدىكى ئىسلاھاتتىن كىيىن رۇسىيەدىكى كەڭ دېھقانلار ئۇچرىغان ئېكسپلاتاتسىيە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.››بۇنداق دېيىىشىدىكى ئاساس:
A. كاپىتالىزم ۋە فېئودالىزىمنىڭ قوش ئېزىشىگە ئۇچرىدى
B. يۇقۇرى باھادا يەر سېتىۋالدى
C. فېئودالىزىمغا بولغان مەجبۇرىيىتى ئېغىرلاشتى
D. پومېشچىكلارنىڭ ئىكىسپلاتاتسىيەسىگە داۋاملىق ئۇچرىدى
11.ياپۇنىيەنىڭ ‹‹بېكىنمىچىلىك››تىن ‹‹دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىش ››قا ماڭغانلىقىنىڭ بۇرۇلۇش نۇختىسى:
A.دېھقانلار قوزغىلىڭى B.ئوشئو خېئىخاچىرو قوزغىلىڭى
C.‹‹ ياپۇنىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرىتنامىسى›› D.قارا كىمە ۋەقەسى
12. مېيجى ھۈكۈمىتى فېئوداللىق تەبىقە تۈزىمىنى ئىسلاھ قىلغان ،ئىسلاھاتتىن كىيىنكى «ئاۋام»نىڭ
ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى:
①دېھقانلار ②سامۇرايلار ③سودىگەرلەر ④تېگى پەسلەر
A. ①②③ B. ②③④ C. ①③④ D. ①②④
13.ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ مەغلۇپ بۇلىشىدكى تۈپ سەۋەب:
A.يېڭىلققا كۈچۈش تەرەپدارلىرى يۇقۇرىدىن –تۆۋەنگە قارىتا چەكلىك ئىسلاھات ئېلىپ بارغان .
B.مۇستەھكەم رەھبەرلىك تەشكىلى كەمچىل
C.كەڭ خەلق ئاممىسىنى قوزغىتالمىغان
D.بۇرژۇئا يېڭىلققا كۈچۈش تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچى ئاجىز
14. 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جامېس Ⅰئەنگليەنىڭ پادىشاھلىق تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىپ،سىتۇئارت خاندانلىقىنىڭ ئەنگليىدىكى ھۆكۇمرانلىقىنى باشلىدى. جامېس Ⅰنىڭ ئىدىيىسىنىڭ يادروسى بولسا:
A. ‹‹پادىشاھنىڭ ھۇقۇقى مۇقەددەس››پادىشاھنىڭ ھۇقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
B.ھۇقۇق چۇقۇم پادىشاھنىڭ قۇلىغا مەركەزلىشىدۇ.
C.پادىشاھ ھەر قانداق ئادەمگە مەسئۇل بولمايدۇ.ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
15.ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:
A.1773-يىلى12-ئاي B .1774-يىل 7-ئاي
C.1775-يىل 4-ئاي D. 1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
16.ئەنگليىدىكى پارلامېنت بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئوت پىلتىسى: A. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش B .باج يىغىش مەسلىسى
C. پادىشاھنىڭ پارلامېنت يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
D. پادىشاھنىڭ پارلامېنت يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشكە قۇشۇلىشى
17.تارىخشۇناسلار پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈلمىسى بولسا ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى يېڭىلىق دەپ قارىغان.بۇ يەردىكى يېڭىلىقنىڭ كۆرسىتىدىغىنى:
A.پادىشاھ بارلىق ھۇقۇقتىن ئايرىلىپ قالغان.
B .پارلامېنت دۆلەتنىڭ ئەمىلىي ھۇقۇقىنى ئىگەللىگەن.
C. پادىشاھ بىلەن پارلامېنت ئوخشاشلا مەۋجۇت.
D. پادىشاھ پارلامېنت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
18. ئەنگليىدىكى ھۇقۇق قانۇن لاھىيىسىنىڭ ئىلان قىلىنغان ۋاقتى:
A.1640-يىلى B .1642-يىلى C.1688 -يىلى D.1689-يىلى
19.ئامېرىكىنىڭ 1787-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنىدا مەمۇرى ھۇقۇق( )غا تەۋەدەپ بەلگىلەندى.
A.زۇڭتۇڭ B . پارلامېنت C.كېكەش پالاتاسى D.مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ
20. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا( )ئۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن 4-قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ ئامىرىكا زۇڭتۇڭنىڭ ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىمەسلىك ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
A.ۋاشېنگىتون B .جېففىرسون C.خوۋىر D. فىرانكىلىن رۇزېۋىلىت
21. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى جەريانىدا دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ مۇستەبىت كۈچلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ
بەلگىسى بولسا:
A.1791-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىلىشى
B . ژىروندىچىلارنىڭ چوڭ ھۇقۇقنى ئىگەللىشى
C. خەلق ئۇيۇشمىسى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى
D. لوئىⅩⅥنىڭ ئۆلتۈرىلىشى
22. ئەنگليىدىكى ھۇقۇق قانۇن لاھىيىسى ،1787-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ۋە 1875-يىلىدىكى فرانسىيە3-جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى بولسا:
A.پادىشاھنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىگەن B.ئۈچ ھۇقۇقنى ئايرىش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرگەن C.ھەممىدە دىموكراتىيە پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرگەن
D.ھەممىدە ھۇقۇق مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
23. شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ توغرىسى بولسا:
①چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
②دىمكۇراتىك جۇمھۇرىيەت قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن ئۇرۇن ئالدى.
③2000يىلدىن ئارتۇق ھۈكۈم سۈرگەن فېئودال ھۈكۈمرانلىققا خاتىمە بەردى.
④جۇڭگۇ كاپىتالىزىمىنىڭ تەرەققىياتىغا خاتىمە بەردى.
A.①②③ B.①②④ C.②③④ D.①②③④
24. 1917-يىلى 7-ئاينىڭ12-كۈنى بېيجىڭ تىيەنئەنمىن خەلق مەيدانىدا داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى،ئۇلارنىڭ تەبرىكلىگىنى بولسا:
A.جۇ ڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىشى
B.دۆلەتنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ غەلبىسى
C. جۇ ڭخۇا مىنگوھۈكۈمىتىنىڭ قۇرۇلىشى
D. جاڭ شۈننىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بۇلىشى
25.گومىنداڭ ھۈكۈمىتى ئاساسىي قانۇن شەكلىدىن پايدىلىنىپ گومىنداڭنىڭ ھۈكۈمرانلىقىنى ئورناتتى، گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۈكۈمرانلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى:
①بىر پارتىيە دېكتاتۈرىسى ②ئىشپىيۇنلۇق ھۈكۈمرانلىقى
③ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش ④باۋجىيا تۈزىمى
A. ①② B.①②③ C.②③④ D.①②④
Ⅱ قىسقىچە ئىزاھلاپ بىرىڭ: (ھەر بىرىگە 3تىن جەمئىي9نۇمۇر)
1.«تېرانىت» 2 .«ئىندۇلگېنتىيە» 3.«مېيجى يېڭىلىقى»
Ⅲسىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇڭ: (ھەر بىرىگە 2تىن جەمئىي6نۇمۇر)
1.‹‹شەرەپلىك ئىنقىلاپ›› A.فىرانسىيىدە 1789-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىندى.
2.‹‹ئىنسانىي ھۇقۇق خىتاپنامىسى ›› B. ئامېرىكىدا1776-يىلى7-ئاينىڭ4-كۈنى ئىلان قىلدى.
3.‹‹مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى ›› C.ئەنگلىيىدە1688-يىلى تاماملانغان.
Ⅳماتىريال تەھلىل قىلىپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ؟ (8نۇمۇر)
1- ماتىريال: 1861-يىلىدىكى ‹‹يانچىلارنى ئازادقىلىش خىتاپنامىسى ››دە مۇنداق خاتىرلەنگەن :«ئۇلار يەر سېتىۋالغانلىقتىن ، پومېشچىكلارئالدىدىكى مەجبۇرىيەتتن قۇتۇلۇپ،خۇسۇسىي مۈلۈككە ئىگە پۈتۈنلەي ھۆر دېھقانغائايلىنىدۇ.»
2- ماتېرىيال:چار پادىشاھ ھۈكۈمىتىنىڭ 1863-يىلىدىكى دوكلاتىدا: «...دېھقانلار ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن زارلانماقتا...بۇلۇپمۇ ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان قۇشۇمچە يېرىنىڭ كۆلىمى ھازىر بۆلۈپ بېرىلگەن يەرنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن جايلاردىكى دېھقانلار زارلانماقتا…ئۇلار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىۋاتىدۇ ياكى ئەسلىدىكى ئۈچ كۈنلۈك ھاشار ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.»
1-ماتىريالدا يانچىلار ئازاد بولغاندىن كېيىن قانداق ھۇقۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان؟
2-ماتېرىيالدىكى دېھقانلار ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن زارلانماقتا››نىڭ سەۋەبى نىمە؟
Ⅴجاۋاپ بېرىڭ؟
1.مۇھەممەد ئەلىنىڭ يەر تۈزىمىنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرى قايسىلار؟ (5نۇمۇر)
2.‹‹سمونسكى شەرتنامىسى››ئىمزالانغاندىن كىيىن،جۇڭگۇنىڭ مىللىي كرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدىكى ئىپادىللىرى قايسىلار؟ (6نۇمۇر)
3 .ئەنگليىنىڭ ‹‹ھۇقۇق قانۇن لايىھىسى››نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟ (5نۇمۇر)
4.فرانسىيىدەقۇرۇلغان 1-،2-،3-جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋە 1-،2-ئىمپىريەنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بىرىڭ؟(5نۇمۇر)
5. ‹‹جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى››نىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ؟(6نۇمۇر) |