查看完整版本: [-- تولۇق 1-يىللىق فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قىزىكا-حىمىيە -> تولۇق 1-يىللىق فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 23:01

تولۇق 1-يىللىق فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى

تولۇق 1-يىللىق فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى(A)

I.سۇئال(پەقەت بىرلا جاۋاب توغرا):

1.ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەرىكىتىگە ئائىت تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى:(    )

A.جىسىم تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلىغاندا،تېزلىكى نۆل،تېزلىنىشىمۇ نۆل بولىدۇ.

B.جىسىم تۆۋەنگە چۈشۈش جەريانىدا،تېزلىكى چوڭىيىدۇ،تېزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ.

C.جىسىم تۆۋەنلەش جەريانىدا،تېزلىكى ھەم تېزلىنىشى بىرلا ۋاقىتتا چوڭىيىدۇ.

D.جىسىم تۆۋەنلەش جەريانىدا ،تېزلىك ئۆزگىرىشى بارغانسىرى چوڭىيىدۇ.

2.ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئويلاشمىساق،بىر تال يۇپۇرماق بىلەن بىر تال ئالما ئوخشاش ئېگىزلىكتىن بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەنگە چۈشكەن ،ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئائىت تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى:(      )

A.ئالمىنىڭ چۈشۈشى تېز بولۇپ ،ئاۋۋال يەرگە چۈشىدۇ.

B.يۇپۇرماقنىڭ چۈشۈشى تېز بولۇپ،ئاۋۋال يەرگە چۈشىدۇ.

C.يەرگە چۈشۈشنىڭ ئالدىدىكى خالىغان بىر پەيىتتە ئۇلارنىڭ تېزلىكى ،يۆتكىلىشلىرى ۋە تېزلىنىشى ئوخشاش بولىدۇ.

D.ئىككىسىنىڭ يەرگە  چۈشۈش جەريانىدىكى ئوتتۇرىچە تېزلىكى تەڭ ئەمەس.

3.ئېغىرلىق كۈچى ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى :(      )

A.يەر شارى يۈزىدىكى بارلىق جىسىم ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

B.ئېغىرلىق كۈچى جىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى

C.جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ،جىسىمنىڭ ماسسىمۇ ئۆزگىرىدۇ.

D.جىسىمنىڭ ماسسىسى چوڭ بولسا ،ئېغىرلىق كۈچى كىچىك بولىدۇ.

4.كۈچكە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى:(       )

A.پەقەت ئۆزئارا تېگىشكەن تۇرغان جىسىملار ئارىسىدا كۈچ تەسىرى بولىدۇ.

B.جىسىم كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا ،ئۇنىڭ ھەرىكەت ھالىتى چوقۇم ئۆزگىرىدۇ.

C.كۈچ چۈشۈرگۈچى جىسىم ئوخشاشلا كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى جىسىم بولىدۇ.

D.ئۆزئارا تېگىشمىگەن جىسىملار ئارىسىدا كۈچ مەۋجۇت بولمايدۇ.

5.جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىگە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى:(     )

A.ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئورنى پەقەت جىسىمنىڭ شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

B.شەكلى مۇنتىزىم بولغان جىسىملارنىڭ گېئومېىتىرىيەلىك مەركىزى چوقۇم

 جىسىمنىڭ   ئېغىرلىق  مەركىزى بولىدۇ.

C.جىسىمنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغاندا،جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى

ئۆزگەرمەيدۇ.

D.شەكلى مۇنتىزىم ،ماسسىسى تەكشى تەقسىملەنگەن جىسىمنىڭ

 گېئومېىتىرىيەلىك مەركىزى ئېغىرلىق مەركىزى بولىدۇ.

6.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك،ئىنچىكە يىپقا ئېسىلغان كىچىك شارچە بىلەن سىلىق يانتۇ تەكشىلىك تىنچ ھالەتتە ئۆزئارا تېگىشىپ تۇرسا ھەمدە يىپ ۋېرتىكال

ھالەتتە بولسا،تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى:(        )

A.يانتۇلۇقنىڭ شارچىنى تىرەش كۈچىنىڭ يۆلىنىشى يانتۇ يۈزىگە تىك بولىدۇ.

B.شارچە بىلەن يانتۇ يۈز ئارىسىدا تەسىر كۈچ بار.

C.شارچە بىلەن يانتۇ يۈز ئارىسىدا تەسىر كۈچ يوق.

D.يانتۇ يۈزدىكى ئىلاستىك كۈچنىڭ يۆلىنىشى ۋېرتىكال يۇقىرىغا بولىدۇ.

 

 

 

7.بىر جىسىم N1 = Fبولغان گورزىنتال كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تىنچ تۇرغان.جىسىمنىڭ ماسسىسى g 30،تېگىشىش يۈزى ئارىسىدىكى سۈركىلىش كوئېففىتسېنتى0.1  بولسا جىسىم ئۇچرىغان سۈركىلىش كۈچىنىڭ چوڭ –كىچىكلىكى: (       )

A. N1            B.N3              C. N0.3           D.N0

8.سۈركىلىش كۈچىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ئائىت تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى:

A.ئۆزئارا سىقىلغان قوپال جىسىملار ئارىسىدا سۈركىلىش كۈچىنىڭ تەسىرى بار.

B.نىسپىي ھەرىكەت قىلغان جىسىملار ئارىسىدا ھامان سۈركىلىش كۈچى بار.

C.پەقەت ئۆزئارا سىقىلغان ھەم نىسپىي ھەرىكەت قىلغان ياكى نىسپىي ھەرىكەت قىلىشقا ئىنتىلگەن قوپال جىسىملار ئارىسىدا ئارىسىدا سۈركىلىش كۈچى بار.

D.پەقەت ئۆزئارا سىقىلغان ھەم نىسپىي ھەرىكەت قىلغان جىسىملار ئارىسىدا ئاندىن سۈركىلىش بار بولىدۇ.

9.ئىككى كۈچ بار بولۇپ ،بىرىN10 ،يەنە بىرىN5  بولسا،ئۇلارنىڭ يىغىندى كۈچىN (      ) بولۇشى مۇمكىن.

A.   16             B.4                C.  12      D.50 

10.تۆۋەندىكى تىنچ سۈركىلىش كۈچىگە ئائىت بايانلاردىن توغرىسى :(      )

A.تىنىچ سۈركىلىش كۈچىنىڭ يۆلىنىشى چوقۇم جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆلىنىشىگە قارشى.

B.تىنچ سۈركىلىش كۈچىنىڭ يۆلىنىشى بىلەن جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆلىنىشى    بىردەك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

C.تىنچ سۈركىلىش تىنچ سۈركىلىش كۈچى قارشىلىق كۈچ بۇلۇشىمۇ،ھەرىكەتلەن-دۈرگۈچ كۈچ بولۇشىمۇ مۇمكىن.

D.تىنچ تۇرغان جىسىم ئۇچرىغان تىنچ سۈركىلىش كۈچى نۆلگە تەڭ بولىدۇ.

 

II.سۇئال : بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئالى

1.ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى،قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ـــــــ جىسىم قانچە ئېغىر بولسا شۇنچە تېز چۈشىدۇ دەپ قارىغان.يېقىنقى زاماندىكى ئىتالىيىلىك ئالىم ــــــــــــــ نەزەرىيە ۋە تەجرىبە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ   نۇقتىنەزەرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

2.ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ يەر يۈزىگە كەلگىچە كەتكەن ۋاقىت s 3 بولسا،

بۇ جىسىم mـــــــــ ئېگىزلىكتىن چۈشكەن.

3.كۈچنىڭ جىسىمغا نىسبەتەن تەسىر ئۈنۈمى ئىككى خىل بولىدۇ.بىرىنچىسى، جىسىمنىڭ ـــــــــــــ دە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.ئىككىنچى ،جىسىمنىڭ

ـــــــــــــــــ دا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

4.ئېغىرلىقى N100 بولغان ياغاچ ساندۇق گورزىنتال پول ئۈستىگە قويۇلغان.ئاز دىگەندە N35 گورزىنتال ئىتتىرىش كۈچى ئىشلەتكەندىلا،ئاندىن ئۇنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا بولىدۇ.ساندۇق ئەسلىي ئورنىدىن سۈرۈلگەندىن كىيىن ،N30 گورزىنتال ئىتتىرىش كۈچى ئىشلەتكەندە ساندۇقنى داۋاملىق تەكشى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن بىلىش مۇمكىنكى،ساندۇق بىلەن پول ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ تىنچ سۈركىلىش كۈچىNـــــــــــ،ساندۇق ئۇچرىغان سىيرىلما سۈركىلىش كۈچى Nـــــــــــ،ساندۇق بىلەن پول ئارىسىدىكى  سىيرىلما سۈركىلىش كوئېففىتسېنتى ـــــــــــــــ=µ ،ئەگەر ساندۇق N20 گورزىنتال ئىتتىرىش كۈچى بىلەن ئىتتىرىلسە،ساندۇق ئۇچرىغان  سۈركىلىش كۈچى N  ـــــــــ ــــ بولىدۇ.

  5. رەسىمدىكى گورزىنتال يەر يۇزىدىكى جىسىم ، گورزىنتال يۇنىلىشتىن °30 بۆلۇڭ ھاسىل N 100 لۇق تەسىرىدە ھەركەت قىلغان. بۇ كۇچنىڭ تەشكىل قىلغۇچى كۈچلىرى ئايرىم- ئايرىم ـــــــــ ، ــــــــــ بولىدۇ.

 

 

 

III. سۇئال.ھىساپلاڭلار:

1.بىر جىسىم تىنچ ھالەتتىن باشلاپ تۆۋەنگە چۈشكەن،يەر يۈزىگە كەلگەندىكى تېزلىكى s/m50بولسا،بۇ جىسىم قانچىلىك ئىگىزلىكتىن چۈشكەن؟يەر يۈزىگە چۈشكىچە قانچىلىك ۋاقىت كەتكەن؟

2.ماسسىسى kg50بولغان بىر جىسىم N100بولغان گورزىنتال ئوڭ

يۆلىنىشتىكى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە سىيرىلىپ ھەرىكەت قىلغان.يەر جىسىم ئارىسىدىكى سىيرىلما سۈركىلى كوئېففىنسېنتى 

0.2= μ بولسا ،جىسىم ئۇچرىغان سىيرىلما سۈركىلىش كۈچى قانچە؟ يۆلىنىشى قانداق؟جىسىمنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش گىرافىگىنى سىزىڭ؟

3.ئىككى كۈچ بار بولۇپ، بىرىN30،يەنە بىرى N40 بولسا ،بۇ ئىككى  كۈچ ئارىسىدىكى بۇلۇڭ θئايرىم-ئايرىم،0،90،180گرادۇس بولغاندىكى يىغىندى كۈچنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئايرىم-ئايرىم  تېپىڭ؟

پارالىل تۆت تەرەپلىك قائىدىسى بويىچە ئايرىم – ئايرىم  شەكلىنى سىزىڭ.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

تولۇق 1-يىللىق فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سوئالى
جاۋاپ يېزىش قەغىزىA)
يىللىق   سىنىپ     ئىسىم-فامىلىسى                            نومىرى.

I. تاللاش سۇئالى(4×10).

سۇئال
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
جاۋابى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
II. بوش ئورۇن سۇئالى(2×11)

1. ---------- ------------

2. ---------- 3. ---------- ------------

4. ---------- --------- ــــ------ -----

5. ---------- ------------

III.ھېساپلاش سۇئالى(38)(ھېساپلاش سۇئالىنىڭ بىرىلشى،بىرلىكى،فورمۇلا، ئىشلەش جەريانى ۋە جاۋابىنى تەپسىلي يېزىڭ.)

1.

 

 

2.

 

 

.

.3.

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-06 00:02
فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بۇ سۇئالنى كۆرۈپ بەكلا خوش بولدى -ھەقىچان ئۇستاز !!!
شۇ قاتاردا بىزمۇ خوش بولدۇق !!!

ئايبىكە 2013-07-06 21:23
فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھېيت بولدى.
ھارماڭ،سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

koksangun 2013-07-08 20:14
ئايبىكە ئىنكاس يوللاشقا ئىپىڭىز باركەن جۇمۇ !


查看完整版本: [-- تولۇق 1-يىللىق فىزىكا ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled