查看完整版本: [-- تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى(زۆرۈر دەرسلىك) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى(زۆرۈر دەرسلىك) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 23:00

تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى(زۆرۈر دەرسلىك)

خېجىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2012-يىللىق تارىختىن ئايلىق ئىمتاھان سۇئالى(12-ئاي)
تۇلۇق نۇمۇر:100نۇمۇر                      ۋاقتى:60 مىنۇت
سۇئال: تاق تاللاش سۇئالى (2دىن50نۇمۇر)

1. ئەپيۈن ئۇرۇشى  مەزگىلىدە ئەنگىلىيە مەجبۇرى بېسىۋالغان جاي (   )

A. گۇاڭجۇ  B.شىياڭگاڭ   C.شياڭگاڭ ئارىلى   D.جيۇلۇڭ يېرىم ئارىلى

2. چىڭ سۇلالىسى ئالدىنقى مەزگىلىدە چەتئەلگە نىسبەتەن بىكىنمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئەينى چاغدا چەتئەل سودىسى (    ) بىلەن چەكلەنگەن.

A. شاڭخەي B. گۇاڭجۇ   C.تىيەنجىن    D.نەنجىڭ

3. ئىككىنجى قېتىملىق ئەپيۈنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگۇنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن زىمىنلىرىنى بېسىۋالغان دۆلەت:(    )

A. ئەنگىلىيە  B.فىرانسىيە    C.ئامرىكا     D.روسىيە

4.چارروسىيەنىڭ 2- قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىدا ئوينىغان رولى بولسا: (     )

A. ئۇرۇشنى بىۋاستە پىلانلىغۇچى B.ئۇرۇشنى بىۋاستە قوزغىغۇچى

C.ئەنگىلىيە، فىرانىسيە تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ قولچۇماقچىسى

D.چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگىلىيەنى كىلىشتۈرگۈچى

5. 1-قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىغا سېلىشتۇرغاندا، 2- قېتىملىق ئۇرۇشىدا ئېچىپ بېرىلگەن سودا پورتىلىرىنىڭ ئورنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى.(    )

A. دېڭىز بويلىرىدىن چاڭجياڭ دەريا ۋادىلىرىغىچە سوزۇلدى.

 B.ھەممىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا .

C.ھەممىسى شەرقى جەنۇبى دېڭىز بويلىرىدا 

D.شىمالى خۇاڭخې سەريا ۋادىسىغىچە سوزۇلغان.

6. «تەيپىڭ تىيەنگو يەر تۈزۈمى»گە نىسبەتەن ھەرخىل چۈشەندۈرۈشلەر بار. ئۇنىڭ ماھىيتى بولسا(   )

A.ئەر-ئاياللار باراۋەرلىك لايىھەسىنى يۈرگۈزدى.

B.تەڭ تەقسىماتچىلىق پىرىنسىپى بويىچە تەقسىمات ئېلىپ باردى .

C.فىئوداللىق يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى .

D.مۇتلەق تەڭ تەقسىماتچىللىق بولغان خىيالدىكى دۆلەت قۇرۇش.

7. «تەيپىڭ تىيەنگو يەر تۈزۈمى»نىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەبى: (    )

A.ماددى شارائىت يار بەرمەيدۇ. B.ئۇرۇش ۋەزىيىتى يول قويمايدۇ.

C.پومىچىكلارنىڭ قارشىلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىقى .   D.جەمىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ.

8.«تەيپىڭ تىيەنگونىڭ تىيەنجىننى پايتەخىت قىلىپ بىكىتكەنلىكىنىڭ سىياسى ئەھمىيىتى(    )

A.تەيپىڭ تىيەنگو ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.

B.چىڭ سۇلالىسى بىلەن قارشىلىشالايدىغان ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىققانلىقى.

C.تەيپىڭ تىيەنگونىڭ مۇقىم بازىغا ئىگە بولغانلىقى.

D.تەيپىڭ تىيەنگو دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت شەكلىگە ئىگە بولغانلىقى.

9.تەيپىڭ تىيەنگو قايسى جەھەتلەردە يېقىنقى زامان دىموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىدى.(   )

A. رەھبەرلىك سىنىپى  B.يىتەكچى ئىدىيە     C.كۈرەش نىشانى     D.كۈرەش مەقسىتى

10. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى تەيپىڭ تىيەنگو يەرتۈزۈمىنىڭ مەزمۇنى ئەمەس(    )

A.ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياش دىمەي نۇپۇسقا قاراپ يەر بېرىش.

B.يەرلا بولىدىكەن تەڭ تېرىش ھەممىلا جايدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش.

C.ھەممىلا نەرسە تەڭرىگە مەنسۈپ، ھېچكىمنىڭ شەخسى نەرسە قىلىۋېلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.

D.دېھقانلار ئاشلىقنىڭ يېرىمىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ يېرىمىنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ.

11.ياپونىيە جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىشتا جۇڭگۇنى مەركەز قىلغان چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتىدىكى جۇڭگۇغا قىلىشىنىڭ سەكرەش تاختىسى بولغان رايۇن(    )

A. جۇڭگۇ-تەيۋەن  B.چاۋشىيەن     C.جۇڭگۇنىڭ شەرقى شىمالى     D.شىمالى جۇڭگۇ

12.تۆۋەندىكىلەردىن يېخىتۈەن ھەركىتى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرا بولمىغىنى(   )

A.خەلق ئارىسىدا شەكىللەنگەن جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەت.

B.مىللىي كىرىزىس كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا پارتىلىغان.

C.جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگۇنى ئىگەللىۋېلىش سۈيىقەستىنى تارمار قىلغان.

D.جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگۇدىكى ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان.

13. جۇڭگۇنىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فىئوداللىق جەمىيەت بۇلۇپ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولغان شەرتنامە:(    )

A. نەنجىڭ شەرتنامىسى  B.بېيجىڭ شەرتنامىسى     C.سىمونىسكى    D.شىنچۇ شەرتنامىسى

14.جۇڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخىدا، جۇمھۇرىيەت سىياسىي تۈزۈلمىسى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى(  )

15.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جۇڭگۇدا (   )نى ئىپادىلەيدۇ.

A.پادىشاھلىقمۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى.

B.دىموكراتىيە دەۋرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكى.

C.مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى.

D.يىرىم مۇستەملىكە يېرىم فىئوداللىق جەمىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى.

16.شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بۇلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى:(   )

A. بۇرژۇئازىيەنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مۇرەسسەچىلىكى.

B.قانۇن تۇرغۇزۇش تەرەپدارلىرى بىلەن كونا بىيوكراتلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى.

C.جاھانگىرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى.

D.يۈەنشىكەينىڭ ئىنقىلاب مىۋىسىنى تارتىۋېلىشى.

17.«ۋاقىتلىق ئاساسى قانۇن» دا «جۇڭخۇا مىنگونىڭ بارلىق ھوقوقى خەلق ئاممىسىغا مەنسۈپ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ ماھىيەتلىك مەنىسى بولسا:(    )

A. مۇستەبىت پادىشاھ سىياسىي تۈزۈلمىنى رەت قىلىش.

B.پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

C.دىموكراتىك جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇن تۈزۈمىنى ئورنىتىش.

D.فىئودال ھۆكۈمرانلىق تەرتىپىگە خاتىمە بېرىش.

18.نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ۋاقىتلىق ئاساسى قانۇن»نىڭ مەقسىتىنىڭ بىرى يۈەنشىكەينىڭ ھوقوقىنى چەكلەشتىن ئىبارەت. بۇخىل مەقسەتنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئاساسلىق بەلگىلىمە بولسا(   )

A. بارلىق ھوقوق خالققە مەنسۈپ.

B.قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدىلىيە ھوقوقى ئايرىلغان.

C.زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان.

D.ئىچكى كابىنت مەسئۇل بۇلۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

19.لېنىن «جاھانگىرلىك ئۇرۇشى شەرق ئەللىرىنى ئويغاتتى. ھەمدە شەرقتىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.» دىگەن بۇنىڭ تىپىك مىسالى (  )

A. 4-ماي ھەركىتى  B.ھېندىستاننىڭ ھەمكارلاشماسلىق، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك ھەركىتى      C.جۇڭگۇنىڭ 9-دىكابىر ھەركىتى     D.تۈركىيەدىكى كامال ئىنقىلابى

20.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن جۇڭگۇ تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى دەپ ئاتالغان ۋەقە(   )

A. ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى،جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇلۇشى

B.«يېڭى ياشلار ژورنىلى»نىڭ نەشىر قىلىنىشى

C. 4-ماي ھەركىتى ۋە «يېڭى ياشلار ژورنىلى»نىڭ نەشىر قىلىنىشى  

D.جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇلىشى ۋە 4-ماي ھەركىتى

21.جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسى جاھانگىرلىككە ۋە فىئودالىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب پىروگىراممىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا: (    )

A. ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى

B.پارتىيىنىڭ كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولىشى

C. پارتىيە دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا ئانالىز قىلدى  

D.خەلقئارا ئىنتىرناتسىيونالنىڭ قوللىشى

22.جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى رەت قىلغان، بىر نەچچە جاھانگىر دۆلەتلەر تەرىپىدىن تىنچلىق شەرتنامىسى دەپ تۈزۈلگەن شەرتنامە(   )

A. نەنجىڭ شەرتنامىسى B.بېيجىڭ شەرتنامىسى C.ۋېرسال سۈلھى شەرتنامىسى D.توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى

23.شىنخەي ئىنقىلابى ۋە بۈيۈك مىللى ئىنقىلابنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولدى، بۇخىل باھا بېرىشنىڭ ئورتاق ئاساسى(   )

A. ئىنقىلاب مىۋىسى مىللىتارستلار تەرىپىدىن تارتەۋېلىندى

B.جاھانگىرلىككە ۋە فىئودالىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنى تاماملىيالمىدى

C. مۇستەھكەم بولغان ئىشچى- دېھقانلار قۇرۇپ چىقالمىدى  

D.بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتىنى ھەقىقى تۈردە قۇرۇپ چىقالمىدى

24. 4-ماي ھەركىتىنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسى(   )

A. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى  B.دىموكراتىيە ۋە ئېلىم-پەن روھى

C.ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە ئىدىيەنى ئازاد قىلىش روھى     D.ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھى

25.شىنخەي ئىنقىلابى بىلەن 4- ماي ھەركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلىقى(    )

A. دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ  B.كۈرەش نىشانى ئوخشىمايدۇ

C.ئىنقىلاب خارەكتىرى ئوخشىمايدۇ    D.ئاممىۋى ئاساسى ئوخشىمايدۇ

سۇئال: بوش ئورۇن تولدۇرۇڭ (2دىن 20نۇمۇر)

1.(      )يىلى 6- ئايدا لىنزېشۈي(       )دېڭىز ساھىلىدا ئەپيۈن كۆيدۈردى.

2.گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلىقى گومىنداڭنىڭ (   )قۇرۇلتىيىدا، كومپارتىيەنىڭ (   )قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان.

3.تەيپىڭ تىيەنگو ھەركىتىنىڭ رەھپىرى(    ) بولۇپ، ئەڭ ئاۋال (     ) كەنتىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ نامى شۇ كەنتنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

4.جۇڭگۇ ئىتتىپاقداشلار جەميىتى (    ) (    ) (    )دىن ئىبارەت 3جەمىيەتنىڭ قۇشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن

5.  4- ماي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتىنىڭ ئوت پىلتىسى(        )دۇر.

سۇئال: جاۋاپ بېرىڭ

1-نەنجىڭ شەرتنامىسىنىڭ مەزمۇنى نىمە ؟(5نۇمۇر)

2-كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىدىكى سەۋەب نىمە؟(5نۇمۇر)

3-شىنخەي ئىنقىلابى غەلبە قىلدىمۇ ؟ياكى مەغلۇپ بولدىمۇ ؟نىمە ئۈچۈن؟(10نۇمۇر)

تەھلىل قىلىڭ

1-ماتىريال: گۇاڭجۇ، شىيامىن، فۇجۇ، نىڭبۇ، شاڭخەي قاتارلىق 5جاينى سودا پورتى قىلىپ ئېچىپ بېرىش.           ­­­­ـــــــ نەنجىڭ شەرتنامىسىدىن

2-ماتىريال: 1984-يىلى جۇڭگۇ كومۇنىستىك مەركىزى كومىتىتى، گوۋۇيۈەن دالىيەن، چىنخۇاڭداۋ، تىيەنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى 14 شەھەرنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋىتىشنى قارار قىلدى.

ـــــــــــ  تۇلۇق ئوتتۇرا «تارىخ»دەرسلىكىدىن

1-   سۇئال:ماتىريالغا ئاساسەن ئىككى قېتىملىق سىرتقا ئېچىۋىتىشنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟(5نۇمۇر)

2-  سۇئال:ئىككىسىنىڭ جۇڭگۇنىڭ خەلئارادىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەھلىل قىلىڭ. (5نۇمۇر)

 

 

 

 

خېجىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2012-يىللىق ئايلىق ئىمتاھان جاۋاب كارتىسى
ئىسىم-فامىلىسى:                  سىنىپ ئايرىمىسى            يوقلام نۇمۇرى    
سۇئال: تاق تاللاش سۇئالى

13
12
11
10
9
8
7
6
5
4
3
2
1
تەرتىۋى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
جاۋابى
 
25
24
23
22
21
20
19
18
17
16
15
14
تەرتىۋى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
جاۋابى
سۇئال: بوش ئورۇن تولدۇرۇڭ

1.                   2.①                  3.①                4.①           

                            5.①          

سۇئال: جاۋاپ بېرىڭ

1-سۇئالنىڭ جاۋابى:

 

 

2- سۇئالنىڭ جاۋابى:

 

 

3- سۇئالنىڭ جاۋابى:

 

 

تەھلىل قىلىڭ

1-سۇئالنىڭ جاۋابى:

 

 

2-سۇئالنىڭ جاۋابى:


ئەكبەرنىياز 2013-07-06 00:01
ئەجرىڭىزدىن مۇنبەر ئەھلى مەنپەئەتلىنىپ كىلىۋاتىدۇ ، ھارماڭ ئۇستاز !!!

ئايبىكە 2013-07-06 21:25
تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ھېيت داستىخىنىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى بولدى،مانا.
ھارماڭ،سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

koksangun 2013-07-08 20:14
سۇئال ئامبىرى قۇرۇش تەييارغا ھەييار بولغۇچىلارغا ئەمەس ، ئۇنىڭدىن جەۋەھەرلەرنى سۈزگۈچىلەرگە تەييارلانغان «مۇھاكىمە ئامبىرى» .


查看完整版本: [-- تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى(زۆرۈر دەرسلىك) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled