查看完整版本: [-- 1-يىللىقلارنىڭ تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> 1-يىللىقلارنىڭ تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 22:58

1-يىللىقلارنىڭ تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى

1-يىللىقلارنىڭ تارىختىن ئايلىق ئىمتاھان سۇئالى(12-ئاي)
ئىسىم-فامىلىسى:                               سىنىپ ئايرىمىسى:              نۇمۇرى:      

تاللاش سۇئالى(402×20)

1

2

3

4

5

6

7

8

9

10

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

11

12

13

14

15

16

17

18

19

20

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

1.《نەنچاڭ قوزغىلىڭى》غا قارىتا تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:(     )

Aكومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغان تۇنجى قېتىملىق قوراللىق كۈرەش.Bنەنچاڭ قوزغىلىڭى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتتى.Cشەھەرلەرنىڭ ئەينى چاغدا كومپارتىيىنىڭ ئىنقىلاپ قىلىشتىكى مەركىزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.Dنەنچاڭ قوزغىلىڭى كومپارتىيىنىڭ قوراللىق كۈرەشكە مۇستەقىل رەھبەرلىك يۈرگۈزۈشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

2.جياڭ جيىشىنىڭ ئىنقىلابى تايانچ بازىلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك 《قورشاپ يوقىتىش》نى باشلىغان ۋاقتى:(    )

A.1930-يىلى10-ئاي      B.1927-يىلى8-ئاي    C.1933-يىلى كۈزدە.   D.1934-يىلى 10-ئاي

3. 4-ماي ھەركىتىنىڭ ئاساسى مېلودىيەسى:(     )  

 A.ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى  B.دېموكراتىيە ۋە ئىلىم-پەن روھى

 C.ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە ئىدىيىنى ئازاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى.        D.ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش

4.ۋاقىتلىق ئاساسى قانۇندا 《جۇڭخۇا مىنگونىڭ بارلىق ھوقوقى خەلىق ئاممىسىغا مەنسۇپ》دەپ بەلگىلەنگەن.بۇنىڭ ماھىيەتلىك مەنىسى بولسا(    )

A.مۇستەبىت پادىشاھ سىياسى تۈزۈلمىنى رەت قىلىش. B.پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.    C.دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنى ئورنىتىش.    D.فېئوداللىق ھۆكۈمىرانلىق تەرتىپىگە خاتىمە بېرىش.

5. 1911-يىلىنىڭ ئاخىرىدا،شىنخەي ئىنقىلابى تەرەققى قىلىش بىلەن تەڭ مەغلۇپ بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.بۇنۇڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ:(     )

A.نوپۇزلۇق ئىنقىلاپ رەھبىرى يوق.    B.جاھانگىرلار ئىنقىلاپقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەييارلانغان.    C.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەجنەبي يېڭى ئارمىيەنى كونتورۇل قىلغان. D.ئىنقىلاپقا پۇرسەتپەرەسلەر سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان.

6.سۈن جۇڭشەن ئېلان قىلغان 《جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى》دا بېكىتىلگەن جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئالىي ھوقۇقى(     ) غا تەۋە.

A.زۇڭتۇڭ    B.پارلامىنت     C.ئىچكى كابىنىت      D.خەلق ئاممىسى

7.شىنخەي ئىنقىلابى بولسا بىر مەيدان بۇرژۇئا ئىنقىلابى،ئەمما بۇ ئىنقىلاپ كاپىتالىزىمنىڭ ياردىمىگە ئىرىشەلمىگەن.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولسا:(     )

A.چەت ئەللەر سۈن جۇڭشەن ۋە ئىنقىلابنىڭ خارەكتىرىنى چۈشەنمەيدۇ. B.ھەر قايسى كاپىتالىستىك دۆلەتلەر قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت كۈرۈش شەكلىنى قوللىمايدۇ. C.غەرىپتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ مۇستەقىل ،باي،قۇدىرەتلىك دۆلەت بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىشنى خالىمايدۇ. D.كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاللىقاچان يۈەن شىكەينى ۋەكىل قىلىپ  تاللىۋالغان.

8.《سىمونىسكى شەرتنامىسى》دە جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلانغانلىقىنى گەۋدىلىك ئىپادىلىگنى بولسا:(     )

A.ياپونىيەنىڭ سودا پورتلىرىدا زاۋۇت قۇرۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقى   B.تېخىمۇ كۆپ سودا پورتلىرىنىڭ ئېچىپ بېرىلىشى.   C.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى چاۋشىيەننىڭ مۇستەققىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى.   D.200 مىلىيۇن سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلەش.

9.جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە،يېرىم فىئوداللىق جەمئىيەت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولغان شەرتنامە:(    )

A.نەنجىڭ شەرتنامىسى B.بېيجىڭ شەرتنامىسى C.سىمونىسكىى شەرتنامىسى D.شىنچۇ شەرتنامىسى

10. 1900-يىلى باھار ۋە يازنىڭ ئارلىقىدا كەڭ خەلىقتىن تەشكىللەنگەنن يىخېتۈەن ھەركىتى پارتىلاپ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقۇرى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن جاي:(     )

A.شىمالى جۇڭگو        B.بېيپىڭ          C.چىڭجىن                      D.تيەنجىن

11.تەيپىڭ تىيەنگو قايسى جەھەتلەردە يېقىنقى زامان دېمۇكراتىك ئىنقىلاپنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئىپادىلىدى:(     )

A.رەھبەرلىك سىنىپى B.يېتەكچى ئىدىيە  C.كۈرەش نىشانى    D.كۈرەش مەقسىتى

12.《تەيپىڭ تيەنگو يەر تۈزۈمى》نىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبى:(    )

A.ماددى شارائىت يار بەرمەيدۇ.     B.ئۇرۇش ۋەزىيىتى يول قويمايدۇ.  C.پومشىچىكلارنىڭ قارشىلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىقى         D.جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ.

13. 20-ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا يۈز بەرگەن جۇڭگو تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى دەپ ئاتالغان ۋەقە:(   )

A.ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى،جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇلىشى. B.《يېڭى ياشلار 》ژورنىلىنىڭ نەشىر قىلنىشى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى. C.4-ماي ھەركىتى ۋە 《يېڭى ياشلار 》ژورنىلىنىڭ نەشىر قىلىنىشى. D.جۇڭخۇامىنگونىڭ قۇرۇلىشى ۋە 4-ماي ھەركىتى

14.دېموكراتىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدە،زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئىشچى-دىھقانلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان ۋاقتى:(     )

A.ۋۇشۇ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش مەزگىلى. B.4-ماي ھەركىتى مەزگىلى . C.30-ماي ھەركىتى مەزگىلى . D.9-دىكابىر ھەركىتى مەزگىلى

15.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جۇڭگودا (     )نى ئىپادىلەيدۇ.

A.پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى. B.دېمكراتىك دەۋىرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى  C.مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى.  D.يېرىم مۇستەملىكە،يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى

16. 1-قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرۇشىغا سېلىشتۇرغاندا،2-قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرۇشىدا ئېچىپ بېرىلگەن سودا پورتلىرىنىڭ ئورنىدا قانداق ئالاھىدىلىك بار:(     )

A.دېڭىز بويلىرىدىن چاڭجىياڭ دەريا ۋادىللىرىغىچە سوزۇلدى. B.ھەممىسى چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا. C.ھەممىسى شەرقى جەنۇبى دېڭىز بويلىردا. D.شىمالدىن خۇۋاڭخې دەريا ۋادىسىغىچە سوزۇلغان.

17.لىن زېشۈي داۋگۇاڭ خان تەرىپىدىن قايسى ئۆلكىگە ئەپىيۇن چەكلەش ئۈچۈن خان مۇپەتتىشى قىلىپ ئەۋەتىلدى:(    )

A.نەنجىڭ     B.خېبېي      C.گۇاڭدۇڭ    D.خۇبېي

18.تۆۋەندىكىلەردىن يىخېتۈن ھەركىتى ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىدىن توغرا بولمىغىنى:(      )

A.خەلق ئاممىسى ئارىسىدا شەكىللەنگەن جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتى.

B.مىللى كىرزىس كۈچىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا پارتىلىغان. C.جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگونى ئىگىلىۋېلىش سۇيقەستىنى تارمار قىلغان. D.جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگودىكى ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان.

19. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇرژۇئا دېمۇكراتىك ئىنقىلاپ ئىدىيەسىنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ:(     )

A.جۇڭگو مىللى كاپىتالىزىمىنىڭ تەرەققى قىلىشى. B.ئىنقىلابىي زىيالىيلارنىڭ كۆپۈيىشى.

C.غەرپ بۇرژۇئا ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى . D.ۋۇشۇ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ھەركىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى.

20. 4-ماي ھەركىتى پارتىلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولسا:(     )

A.يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ تەسىرى  B.دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشى C.ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى  D.ئىشچىلار قوشۇنىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيشى

ئىزاھلاش  سۇئالى (102×5)

1.لىن زېشۈي-

 

 

2.تەيپىڭ تىيەنگونىڭ يەر تۈزۈمى-

 

 

3.سۈن جۇڭشەن-

 

 

4.لى داجاۋ-

 

 

5.دىڭ شىچاڭ-

 

 

 

جاۋاپ بېرىش سۇئالى

1.جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى تەڭ ھوقوقسىز شەرتنامە قايسى؟مەزمۇنى نىمە؟تەسىرىچۇ؟(6 نۇمۇر)

 

 

 

 

 

2. 4-مايدىكى بوران-چاپقۇن دىگەن نىمە؟رولىچۇ ؟(6نۇمۇر)

 

 

 

 

 

3.جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق ئاساسى قانۇنىنىڭ مەزمۇنى نىمە ؟(6نۇمۇر)

 

 

 

 

تەھلىل قىلىش سۇئالى

1.شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ رولىنى بايان قىلىڭ؟ (8نۇمۇر )

 

 

 

 

 

 

 

 

 

2. 1894-يىلىدىن 1901-يىلىغىچە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىكى ئاساسلىق تارىخى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.(8نۇمۇر)

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

3.ئەپىيۇن ئۇرۇشىنىڭ جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە،يېرىم فېئوداللىق جەمىيەتكە ئايلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ.(8نۇمۇر)

 

 

 

 

 

 

 

4. شىنچۇ شەرتنامىسنىڭ ئىمزالىنىشى جۇڭگوغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟(8نۇمۇر)

 

 

 

 

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-05 23:16
ئەستايىدىللىقىڭىزغا ، جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن ئۇستاز ، ھارمىغايسىز !!!

ئايبىكە 2013-07-06 21:26
ھا...ھا...ھا......
تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ھېيت داستىخىنىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى بولدى،مانا.
ھارماڭ،سۇئاللار ئامبىرىمىزنى بىيىتىش بىلەن بىرگە ئويغاق قەلبلەرگە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يەنىمۇ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىڭىز.

koksangun 2013-07-08 20:12
ئايبىكىگە كۈلكە ئاتا قىلدىممۇ ؟


查看完整版本: [-- 1-يىللىقلارنىڭ تارىختىن ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled