查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(7) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(7) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 09:58

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(7)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

2-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

7-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى: K9‑f7,/  

مىللەتلەر مەسىلسى كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈڭ.

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
NI% ( )  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى؛EL-1o0 2-





دەرس تېمىسى

4.1  مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى(خۇسۇسىيتى)

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى –تەربىيە نىشانى)

 

مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋېلىش

مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئارقلىق مىللەتلەر مەسىلسىنى ئەتراپلىق تونۇش

مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىلدىغانلىقىنى توغرا تونۇش .

 

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا

مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتا:

مىللەتلەر مەسىلىسىنڭ ئۇزاق مۇددەتلىكىلكى ۋە  مۇرەككەپلىكىلىكى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

1.      مىللەتلەر مەسىلىسنىڭ ئومۇمىيلىقى

2.      مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى

3.      مىللەتلەر مەسلىسنىڭ مۇرەككەپلىكى

 
 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
مىللەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، مىللەتلەر  مەسىلىسى تەڭلا پەيدا بولىدۇ. مىللەتلەر مەسىلىسى: ئومۇمىيىلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، خەلقئارالىق ۋە مۇھىملىقتىن ئىبارەت بەش ئاساسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

1مىللەتلەر مەسلىسىنىڭ ئومۇمىيلىقى

مىللەتلەر مەسلىسى ئىنسانلار مەدەنىي جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەققىيات دەۋرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مىللەتلەر مەسىلسى نۇقۇل سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق مەلۇم بىر تەرەپتىكىلا مەسىلە ئەمەس، بەلكى، ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئۆزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ  بىرى.

مىللەتلەر مەسىلىسى مىللەتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا تەسىز يەتكۈزۈشى، مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىشى مۇمكىن. بىر يەردە يۈز بەرگەن مەسىلە نۇرغۇن يەرگە تەسىر كۆرسىتىشى، ھەمىشە بىر-بىرىگە چېتىشىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك  مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

2مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى

مىللەتنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشى بىر ئۇزاق  تارىخىي جەريان، مىللەت مەۋجۇتلا بولىدىكەن، مىللەتلەر مەسىلسى مەۋجۇت بولىدۇ، مىللەتلەر مەسىلسىىنى ھەل قىلىش بىر ئۇزاق جەريان .

سوتسىيالىزم دەۋرىدە، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى پەرقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بۇ-مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىميىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتتىكى باراۋەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئەمما تارىختىن قىپقالغان ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت  تەرەققىيارتى جەھەتتىكى پەرقلەر رىئال تۇرمۇشتا يەنىلا ئايان بولماقتا. ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا نىسپى ئارقىدا قالغان بەزى مىللەتلەرنىڭ  ئەمەلىي تۇرمۇشتا سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتتە بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. بۇلار مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت ۋە سۈركىلىشلەرنى پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تۈگىتىلىمىسە، مىللەتلەر مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمايدۇ. ھالبوكى، پەرقىنى تۈگىتىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپىدۇر.

3مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكلىكى

مىللەتلەر مەسىلسىى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئىقتىساد تەرەققىياتى، مەدەدنىيەت، مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئىبارات ھەممە تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. مۇرەككەپ رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا، مىللەتلەر مەسىلىسى ھەمىشە سىياسىي مەسىلىلەر بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، تارىخىي مەسىلىلەر بىلەن رېئال مەسىلىلەر، مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن دىنىي مەسىلىلەر،خەلقئارالىق مەسىلىلەر بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەر گىرەلەشكەن ھالدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى ھەمىشە مىللەتلەر مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

تاپشۇرۇق

1)      ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوقۇم تەپسىلى چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم . بولىمسا ساۋاقداشلارغا نىسبەتەن  مۈجىمەل بولۇپ قالىدۇ.

 

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-05 11:47
سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىميىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتتىكى باراۋەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئەمما تارىختىن قىپقالغان ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت  تەرەققىيارتى جەھەتتىكى پەرقلەر رىئال تۇرمۇشتا يەنىلا ئايان بولماقتا. ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا نىسپى ئارقىدا قالغان بەزى مىللەتلەرنىڭ  ئەمەلىي تۇرمۇشتا سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتتە بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. بۇلار مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت ۋە سۈركىلىشلەرنى پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تۈگىتىلىمىسە، مىللەتلەر مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمايدۇ. ھالبوكى، پەرقىنى تۈگىتىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپىدۇر.

بۇ مەزمون بەك مۇھىمكەن ! ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(7) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled