查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(6) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(6) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 09:52

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(6)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

2-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

6-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى: K9‑f7,/  

مىللەتلەر مەسىلسىى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ مەزمۇنى نېمە؟

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
NI% ( )  2-دۇنيا ئۇرۇشىغا دائىر كىنو ياكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەنمۇ؟ ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن
قىلغان كۈرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە، قانداق تەسىراتقا كەلگەن؟OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى:   EL-1o0 2-

 





دەرس تېمىسى

3.2 مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە پەيدا بولۇش مەنبەسى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى تەربىيە نىشانى)

 

مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ پەيدا بولۇشى سەۋەبىنى بىلىۋېلىش

 مىللەتلەر مەسىلسىنى توغرا تونۇپ ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى قوغداش

 

ئادەتتىكى ئىجتىمائى مەسىلىلەر بىلەن مىللەتلەر مەسىلىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئېڭى ۋە كۆز قارىشىنى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا

مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتا:

 مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مىللەتلەر مەسىلىسى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك

 

ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1. مىللەتلەر مەسىلىسى پەيدا بولۇشىنىڭ تەبىئىي سەۋەبلىرى

2.مىللەتلەر مەسىلىسى پەيدا بولۇشىنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى

3.مىللەتلەر مەسىلىسى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى

 
 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى

دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئاساسلىقى تەبىئىي سەۋەب ۋە ئجتىمائىي سەۋەبتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ تەبىئىي سەۋەبلىرى

مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقى مىللەتلەر مەسىلىسى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دېگىنىمىز ئاساسلىقى مىللەتنىڭ بەلگىسى(ئالاھىدىلىكى)، خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىر تەرەپتىن، ئالاھىدە مىللەتنىڭ مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىيات سەۋىيىسى شارائىتىدا، ئالاھىدە تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن باغلىنىپ، ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجاد قىلغان ياشاش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.  يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر قايسى مىللەتلەر ياراتقان ۋە ئەمەل قىلىدىغان ياشاش شەكلى كىشلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەرەپلىرىدە پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تىلى، تۇرمۇش شارائىتى، ئۆرپ –ئادەتلىرى،پىسخكىلىق ھالىتى، دىنىي ئىتقادلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن، بۇ مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبتۇر.

مىللەتلەر مەسىلسىى كېلىپ چىقىشنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى

ئىجتىمائىي سەۋەبلەر دېگىنىمىز ئجتىمائىي تۈزۈم، ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  دۆلەت ھاكىمىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ خاراكتېرى، شۇنىڭدەك ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر سىياسىتى مىللەتلەر مەسىلىسى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئجتىمائىي مەنبەلىرىنىڭ بىرى. سوتسىيالىستىك جەمئىيەت، بولۇپمۇ  ئىشلەپچىقىرش ۋاستىلىرى مۈلۈكچىلىكىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغاندىن كېيىن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەمئىيىتىدىكىدەك مىللەتلەر مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئاساسىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەمما بۇ خىل ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ قالدۇقلىرى، كېڭەيمىسى مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئىجتىمائىي مەنبەلەر تۈگەپ كەتمەيدۇ. مىللەتلەر مەسىلىسى يەنە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ.

مىللەتلەر مەسىلسى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسىمى

 مىللەتلەر مەسىلسى يەككە-يېگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ئۇ ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسىمى. ئۇ باشقا ئىجتىمائىينمەسىلىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى جەريانىدا، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەندىلا ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپى ئۈزلۈكسىز  قاندۇرۇلىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، ھەر مىللەت ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز شەكىللىنىدۇ ۋە يۈكسىلىدۇ. شۇڭا، دۆلتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلىشتا، مەۋقەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇش، مۇشۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە بويسۇنۇش ۋە خىزمەت قىلىش، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

تاپشۇرۇق

1)      ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئوبىييكتىپ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەكلىكى تەكتىلىنىشى كېرەك

 

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-05 11:31
مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ تەبىئىي سەۋەبلىرى

مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقى مىللەتلەر مەسىلىسى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ...

مىللەتلەر مەسىلسىى كېلىپ چىقىشنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى

ئىجتىمائىي سەۋەبلەر دېگىنىمىز ئجتىمائىي تۈزۈم، ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  

بۇ مەزمونلار بەكلا مۇھىمكەن ! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز ئۇستاز !!!


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(6) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled