查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(5) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(5) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 09:45

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(5)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

2-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

5-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى: K9‑f7,/  

  مىللەتنىڭ تەرەققىياتى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئېلىمىزدە، سىزچە نۆۋەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمىي قايسى جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىشى كېرەك؟

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
NI% ( )  "مىللەتلەر باغچىسى " تېمىسى ئاستىدىكى ماتېرىياللار ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى: ~`x<;Ts  EL-1o0 2-





دەرس تېمىسى

3.1مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە پەيدا بولۇش مەنبەسى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.     بىلىم ۋە ئىقتىدار

 

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى تەربىيە نىشانى)

 

مىللەتلەر مەسىلسىنى توغرا ئىگىلەش

مىللەتلەر مەسىسلىسنىڭ مەزمۇنى ، ھوقۇقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ياخشى چۈشىنىۋېلىش.

مىللەتلەر مەسىلسى كۆرۈلگەندە  توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنۋېلىش.

 

ساغلام بولغان مىللەت قارىشى ھېسىياتىنى تۇرغۇزۇش.

مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا تۇنۇش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم نۇقتا:

مىللەتلەر مەسىلىسى

قىيىن نۇقتا:

مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1. مىللەتلەر مەسىلىسى

2.مىللەتلەر مەسىلسىنىڭ مەزمۇنى

 
 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
1. مىللەتلەر مەسىلىسنىڭ مەزمۇنى

مىللەتلەر مەسىلىسى-كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ياكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلە، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت ۋە ئالاقە مۇناسىۋەتلىرىدە يۈز بېرىدىغان مەسىلە.

2.مىللەتلەر مەسىلىسى ئاز دېگەندە تۆت  تەرەپنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ

 مىللەت ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى، مىللەت بىلەن سنىپ ئوتتۇرىسىدىكى  مۇناسىۋەت مەسىلىسى، مىللەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى. يەنى بىر"تەرەققىيات"،ئۈچ "مۇناسىۋەت "مەسىلىسى

1)مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى

مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى سىياسىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. چۈنكى،ماددىي ئەشىيا ئىشلەپچىقرىش-بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساس.

مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ساپاسىنى بەلگىلەپلە قالماستىن، يەنە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتكە بىۋاسىتە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدا. تەرەققىياتنىڭ ئوخشاش بولماسلقى مىللەتنىڭ خاس ساپاسى ۋە شۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل پەرق دەل مىللەتلەر مەسىلىسى پەيدا  بولۇشتىكى مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

2)مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت

مىللەتلەر مۇناسىۋىتى-مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش ئىجتىمائىي دەۋردىكى ھەر تەرەپلىمە ئالاقىسىدىن ئىبارەت. ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئوخشاش بىر دۆلەتتە ياشىسا، مۇقەررەر ھالدا ئۆز ئارا باغلىنىش، ئۆز ئارا رول ئويناش ۋە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش بولىدۇ. ماكرو قاتلامدىن قارىغاندا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ، سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە ئىدىيە-مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى مەسىلسى، ئۇ، مىللەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە مىللەتنىڭ ھوقۇقى دېگەندەك ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مىللەتنىڭ مەنپەئىتى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي مەسىلە، مىللەتنىڭ مەنپەئىتى دېگىنىمىز مىللەتنىڭ ھەققانىي، قانۇنىي ۋە ئېرىشىشىكە تېگىشلىك مەنپەئىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ھېسابلىنىدۇ.

مىللەتنىڭ ھوقۇقى دېگىنىمىز قانۇن تەرىپىدىن بېرىلگەن، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك باراۋەرلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتلەر مۇناسىۋىتنىڭ مۇقىملىقى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا ھوقۇقىنىڭ باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىر مىللەتنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى، مەنپەئىتى ۋە ھېسىياتى دېگەندەك مەسىلىلەرگە تاقىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە، دېموكراتىك سىياسىي بەرپا قىلىشنىڭ تەدىرىجىي مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، ياخشى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ.

3)مىللەت بىلەن سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت

مىللەت بىلەن سىنىپ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە، مىللەت ئوخشاش بولمىغان سىنپلاردىن تەركىب تاپىدۇ، مىللەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ۋە كۈرەش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سىنىپنى يوقىتىش كېرەك. ئەمما مىللەت ببىلەن سىنىپ يەنە ئوخشاش بولىمغان ئىجتىمائىي ھادىسە، ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئوقۇم. مىللەت-ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا بارلققا كەلگەن كىشلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى؛ سىنىپ- كىشلەرنىڭ بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقرىش مۇناسىۋەتلىرىدە،ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى مۇناسىۋىتىدە تۇتقان ئورننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئىجتىمائىۇ ئەمگەك تەشكىلاتلىرىدا ئويىنىغان رولىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، باشقۇرىدىغان ئىجتىمائىي بايلىقىنىڭ شەكلى ۋە ئاز-كۆپلۈكى ئوخشاش بولمايدىغان ئىجتىمائىي گۇرۇھ.

4)مىللەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت

 مىللەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ ، ساپ بىر مىللەتلىك دۆلەت يوق دېيەرلىك. مىللەت بىلەن دۆلەت بىللە مەيدانغا كەلگەن، شۇنداقلا  ئۇزاق مۇددەت بىر –بىرىگە تاينىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن دۆلەت مەنپەئىتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەنپەئىتى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە بويسۇنۇشى كېرەك. بىر مىللەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان بولسا، مىللەت مەنپەئىتى بىلەن دۆلەت مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرا ھەل قىلىنماي مىللەت مەنپەئىتى دۆلەت مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن قۇيۇلسا، دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق، مىللەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىپلا قالماستىن،ھەتتا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش كېلىپ چىقىدۇ. يەنىلا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى تۈپتىن زىيانغا ئۇچرايدۇ.

 

تاپشۇرۇق

1)     ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللىي مەسىلىنى توغرا تونۇشمىز ،مىللەتلەر ئارا زىددىيەت كۆرۈلگەندە ئىغىر بېسىق بولۇپ ، ئاقىلانىلك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ساۋاقداشلارغا بەكرەك تەكىتىلىشىمىز لازىم.

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-05 11:26
2.مىللەتلەر مەسىلىسى ئاز دېگەندە تۆت  تەرەپنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ

مىللەت ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى، مىللەت بىلەن سنىپ ئوتتۇرىسىدىكى  مۇناسىۋەت مەسىلىسى، مىللەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى. يەنى بىر"تەرەققىيات"،ئۈچ "مۇناسىۋەت "مەسىلىسى.

مىللەتنىڭ ھوقۇقى دېگىنىمىز قانۇن تەرىپىدىن بېرىلگەن، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك باراۋەرلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتلەر مۇناسىۋىتنىڭ مۇقىملىقى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا ھوقۇقىنىڭ باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىر مىللەتنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى، مەنپەئىتى ۋە ھېسىياتى دېگەندەك مەسىلىلەرگە تاقىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە، دېموكراتىك سىياسىي بەرپا قىلىشنىڭ تەدىرىجىي مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، ياخشى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ.

بۇ مەزمونلارنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككەن دوستلار ! ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(5) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled