D. جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ14 –نۆۋەتلىك 3-ئۇمۇمىي يىغىنى
18.ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايۇننىڭ رولى بولسا:
①سىرىتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
②پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىگەن.
③ئېلىمىز ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
④ئېلىمىز سىرىتقا قارىتا ئېچىۋىتىشنى ئۇمۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان .
A.①②③④ B.①②③ C.②③④ D.①③④
19.ئېلىمىز خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن قورساق توق،كىيىم پۈتۈن بۇلۇش مەسلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغان ۋاقىتى :
A. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن B. يېڭى جۇڭڭۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىل C. 1 -بەش يىللىق پىلان ئۇرۇنلانغاندىن كىيىن D. ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتىن كىيىن
20.‹‹ئۈچ سۇڭلۇق ئالتۇن رەڭلىك نېلۇپەر گۈلى››فېئوداللىق جەمىيەتنىڭ ئەر-ئاياللارغا قويىدىغان تەلەپلەرنىڭ بېرى،بۇ يەردىكى‹‹ئۈچ سۇڭلۇق،ئالتۇن رەڭلىك نېلۇپەر گۈلى››نېمىنى كۆرسىتىدۇ:
A.پۈتنىڭ ناھايىتى كىچىك ھالەتتە يۆگەلگەنلىكىنى B.چاچ پاسۇنىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكى C.يۈز شەكلىنىڭ ئۆلچەملىكلى D.چاچقا تاقايدىغان بېزەكلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلگەنلىكى
Ⅱ.ماتىريال تەھلىل قىلىپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ؟
(1) 1978 -يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تارىختا كەم ئۇچرايدىغان قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دېھقانلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇنلىنىپ،ئۆزىنى –ئۆزى قۇتقۇزۇشقا،قاقاسلىقلاردا بوز يەر ئېچىپ ،ئاشلىق تېرىشقا رىقبەتلەندۈردى ھەمدە ئاشلىقنى كىم تېرىسا ھۇسۇلنى شۇنىڭ يېغىۋېلىشنى بەلگىلىدى.مۇشۇ سىياسەتنىڭ تۈرىتكىسىدە،شۇيىلنىڭ ئاخىرىدا فېڭياڭ ناھىيىسى لىيۈەن گۇڭشىسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى 18 ئائىلىلىك دېھقان ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ يەرلىرىنى ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بىرىش،يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىش توغرىسىدا كىلىشىم تۈزدى.بىر يىلدىن كىيىن بۇ كەنىتتە ئاشلىقتىن مول ھۇسۇل ئېلىندى،يېزا ئىگىلىك كوپىراتسىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان ،دۆلەتكە بىر جىڭمۇ غەللە-پاراق تاپشۇرۇپ باقمىغان شىياۋگاڭ كەنتى دۆلەتكە تۇنجى قېتىم غەللە-پاراق تاپشۇردى ھەمدە يىللاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان قەرزىنى قايتۇردى.
شياۋگاڭ كەنتىدە نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق زور ئۆزگۇرۇش يۈز بەردى؟ (10 نۇمۇر)
(2) 1979 –يىلى باھاردا ،دېڭ شياۋپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۇ يەردە ‹‹بىرەر جاينى ئايرىپ ئالاھىدە رايۇن دەپ ئاتىساق بۇلىدۇ.شەنشى-نىڭشيامۇ ئالاھىدە رايۇن ئىدىغۇ،مەركەز پۇل ئاجرىتىپ بىرەلمىسە ئۆزۇڭلارغا تايىنىپ چىقىش يولى تېپىڭلار››دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن مەركەزنىڭ بىر ھۆججىتىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:‹‹گۇاڭدۇڭ،فۇجيەندىن ئىبارەت ئىكى ئۆلكە شياڭگاڭ،ئاۋمىنغا يېقىن يېقىن ،ئۇ يەردە جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى كۆپ،بايلىقمۇ بىر قەدەر مول بۇلۇپ،ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تىزلىتىشنىڭ كۆپلىگەن پايدىلىق شارائىتلىرى ھازىرلانغان مەركەز بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ سىرىتقا قارىتىلغان ئىقتىسادىي پائالىيىتىگە قارىتا ئالاھىدە سىياسەت جانلىق تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇپ جايلارغا تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكارلىق ھۇقۇقى بېرىپ ،ئۇلارنىڭ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلنىشقا تۈرتكە بۇلۇپ......ئىقتىسادنى
تېخىمۇ تېز تەرەقىقىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.بۇ مۇھىم قارار ئىلىمىزنىڭ تۆتنى زامانىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە›› دۆلەت سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنى نىمە ئۈچۈن گۇاڭدۇڭ،فۇجيەندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدە ئالدى بىلەن يولغا قۇيۇشنى قارار قىلدى؟بۇ قارار قانداق ئىستراتېگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە؟ (10نۇمۇر)
Ⅲ.سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ؟
1.ناتۇرال ئىگىلىك دىگەن نىمە؟ (4نۇمۇر)
2.ئەجنەبىيچىلەرنىڭ مەركەزدىكى ۋەكىلى كىم؟يەرلىكتىكى ۋەكىللىرىچۇ؟ (4نۇمۇر)
3. 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى بىلەن 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ پەرقى قايسىلار؟ (12نۇمۇر)
1-قېتىملىق ۋە 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىكى ئاساسلىق كەشپىياتلار قايسىلار؟