查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(4) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(4) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 09:38

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(4)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

1-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

4-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى: K9‑f7,/  

مىللەت شەكىللىنىشىنىڭ شەرتلىرى ۋە ئومۇمىي قانۇنيىتى قايسىلار؟

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى مىللەتلەر بىلەن شىمالىي رايونلىرىدىكى مىللەتلەر ياشايدىغان تەبىئىي مۇھىتىتا قانداق پەرقلەر بار. بۇ پەرقلەر شۇ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا انداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى:EL-1o0 2-



دەرس تېمىسى

2.2 مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

 

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش(ئەخلاقى تەربىيە نىشانى)

 

مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش قانۇنيىتى بولىدىغانلىقىنى  بىلىۋېلىش.

مىللەتنىڭ ئىقتىسادى،سىياسى،مەدەنىيەت،نوپۇس تەرەققىياتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ چۈشۈنۈش

 

مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر شەخىس ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش  روھىنى يىتىلدۈرۈش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم نۇقتا:

 مىللەتلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى تەرەققىياتى

قىيىن نۇقتا:

مىللەتلەرنىڭ يوقىلىشى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب،  دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئوقۇ-ئۇقۇتۇش شەكلى

دوسكا لايىھىسى

مىللەتنىڭ تەرەققىياتى: 

مىللەتنىڭ يوقىلىشى- مۇقەررەر نەتىجە

 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
1. مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى

ھەر بىر مىللەت مۇئەييەن جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدۇ. مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئومۇمەن قۇللۇق تۈزۈم باسقۇچىدىكى مىللەت، فېئودالىزم باسقۇچىدىكى مىللەت، كاپىتالىزم باسقۇچىدىكى مىللەت، سوتسىيالىزم باسقۇچىدىكى مىللەت دېگەندەك ئاساسىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئىككى پاراللېل جەريان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.  مىللەت تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى تۆۋەن باسقۇچتىن  يۇقىرى باسقۇچقا قاراپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئاخىربۈيۈك بىرلىككە كېلىدۇ.

مىللەت تىك يۈنىلىشتە سۈپەت جەھەتتىن ئۆسۈش ۋە توغرا يۆنىلىشتە سان جەھەتتىن راۋاجلىنىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، نوپۇس قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇىدۇ.

1)مىللەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى

مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىچىدە، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىللەتنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى تەرەققىياتلىرىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسىي، گەرچە مىللەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، مەئەرىپ تەرەققىياتنىڭ مىللەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى ئىنكار قىلغىلى بولمىسىمۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا باغلىق بولىدۇ. چۈنكى، بىر مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقچى، تەرەققىي قىلماقچى بولىدىكەن ئالدى بىلەن كىيىم-كېچەك، يېمەك ئىچمەك، تۇرار جاي، يۇرۇش-تۇرۇش قاتارلىق ئەڭ ئاساسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقرىش- ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي پائالىيەت، ئىجتىمائىي ئىىشلەپچقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى مىللەتنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنڭ تۈپ خاراكتېرلىك بەلگىسى.

2)مىللەتنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى

مىللەتنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى-مىللەت تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، ئۇ مىللەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر خىل بەلگىسى. كاپىتالىزم باسقۇچىدىكى مىللەتلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى كاپىتالىسىتىك دېموكراتىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان؛ سوتسىيالىزم دەۋرىدە، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك تۈزۈم،دېموكراتىك سىياسەت بەرپا قىلىنىش جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك تۈزۈم،دېموكراتىك سىياسەتتكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى. مېلىمىزدە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىينىڭ يولغا قۇيۇلۇشى، ئاز سانلىق مىللەت خەلقنىڭ دېموكراتىك سىياسەتكە قاتنىشىشى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى مىللەت تەرەققىياتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇنىدۇر.

3)مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى

مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى،جۈمىلىدىن ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەتۋە تۈزۈملۈك مەدەنىيەت تەرەققىياتى مىللەت تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. مىللەت مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا باسىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ  كونكرېت شەكلى بولغان مەدەنىيەت تەرەققىياتلىرىنى،جۈملىدىن قىممەت قارىشى، تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى يەنە مىللەتنىڭ نۇقتىئنەزىرى ۋە ئېڭىنىڭ يېڭلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقىي تەرەققىياتى ئەزەلدىن بۇيان ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر قىسىملىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئىشقا ئاشىدۇ. ئۆز ئارا ئالاقە قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ.

5)مىللەتنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى

مىللەتنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى دېگىنىمىز ئاساسلىقى مىللەتنىڭ نوپۇس ساننىڭ كۆپىيىشى ۋە نوپۇس سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە نوپۇس سۈپىتىنىڭ ئەلالىشىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بەلگىلىك كۆلەمدىكى نوپۇس مىللەت تەرەققىياتى ۋە زورىيىشىنىڭ بىر بەلگىسى. بەلگىلىك ساندىكى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، بولۇپمۇ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشقان نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە نوپۇس سۈپىتىنىڭ ئەلالىشىشى-مىللەت تەرەققىياتنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى، مىللەت تەرەققىياتنىڭ بىر خىل بەلگىسى.

2.مىللەتنىڭ يوقىلىشى ؟

مىللەت بىر تارىخىي كاتېگورىيە بولۇپ،ئۆزىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش قانۇنىيتى بولىدۇ. مىللەت تەرەققىياتنىڭ ئوزاق تارىخىي جەريانىدا،مىللەتنىڭ بۆلۈنۈشى،بىرلىشىشى ۋە ئاسسىملىياتسىيە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مىللەتنىڭ بىرلىشىش ئامىللىرىمۇ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ ۋە يىغىلىدۇ ھەمدە سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ،ئاخىر مىللەتلەر بىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىللەتمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ.

مىللەتلەرنىڭ يوقىلىشى-مىللەتنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تارىخىي جەريانىدىكى مۇقەررەر نەتىجە، پۈتۈن مىللەتلەر  دائىرىسى ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان دۇنياۋى خاراكتېرلىك جەريان،شۇنداقلا مىللەت تەرەققىي قىلىپ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن چاغدىكى ئاخىرقى نەتىجە، مىللەتنىڭ يوقىلىشى پەقەت سىنىپ يوقىلىپ،دۆلتلەر يوقالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ. دېمەك،بۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى كوممۇنىزىم جەمئىيىتىگە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

تاپشۇرۇق

1)      ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى باشقا بارلىق تەرەققىياتلارنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا بىز ئۆز مىللىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن شەخىس ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-05 11:19
ناھايىتى ئەتراپلىق تۈزۈلگەن دەرس لايىھىسى بوپتۇ ، ھارماڭ ئۇستاز !!!


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(4) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled