查看完整版本: [-- تۇلۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> تۇلۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-05 09:38

تۇلۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى

تۇلۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى
ئىسىم فامىلىسى:                         سىنىپى:         ئورۇن  نۇمۇرى:         ئىمتىھان نومۇرى:  ­­ـــــــــــ  
 
تەرتىپى
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
جاۋابى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
تەرتىپى
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
جاۋابى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 

تاق تاللاش سۇئالى.(60نۇمۇر)

1.‹‹برسېت سۇلھى شەرتنامىسى››نىڭ ئىمزالىنىشى پەيدا قىلغان ئەڭ زور تەسىر:

A. روسيە بىلەن ئەنگىليە،فىرانسىيە،ئامرىكا ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتتى.

B. پومچىك ۋە بۇزژازىيە سىنىپىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

C. سېۋىت روسيىسى ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.بۇ سېۋىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولدى.

D . ئوخشىمىغان خاراكتىردىكى دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

2.يالتاسېستىمىسىنىڭ ئاساسىي نەزەريىسنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى:

A. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە   B. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا

C.2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە D .  2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلى

3. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئامرىكا بىلەن قارشىلىشالايدىغان بىردىن بىر سىياسىي ھەربىي چوڭ دۆلەت:

A. سېۋىت ئىتتىپاقى     B. روسيە       C. ئەنگىليە          D . ياپۇنىيە

4. ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيسى››نىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقتى:

A. 1945-يىلى باھاردا   B.1945-يىلى 2-ئاي   C.1945-يىلى 10-ئاي   D . 1946-يىل1-ئاي

5.گىرمانىيە ناتىسىت ئۇرۇش جىنايەتچىللىرىنى سوتلاش ئېلىپ بارغان شەھەر

A.لوندۇن              B. نيۇرنبېرگ       C.بېرلېن        D .پارىژ

6.ئۇرۇشتىن كىيىن كاپتالىزىم دۇنياسىدىكى قاتتىق ئىقتىسادىي كىرزىسنى كەلتۇرۇپ چىقارغان سەۋەب:

A. ئامرىكا دوللىرىنى مەركەز قىلغان كاپتالىزىم دۇنياسىنىڭ پۇل سېستىمىسى يىمىرىلگەن.

B. نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن.

C. ئامرىكىنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى تەدرىجىي كېمىيىپ بارغان.

D .غەربىي ياۋرۇپا،ياپۇنيەلەر ئامرىكا بىلەن كەسكىن رىقابەتنى قانات يايدۇرغان.

7. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ياپۇنيەنىڭ ئىقتسادىي تىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن بۇلۇپ،ئۇنىڭدىكى ئوبىكتىپ شارائىت :

A.ياپۇنىيە ئىجتىمائىي سىياسەت ئېلىپ بارغان.

 B.مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلىگەن.

C. ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىللىرىنى قۇبۇل قىلغان.

D . ئامرىكا چاۋشىيەن ،ۋېتنام ئۇرۇشىنى قوزغاپ،ياپۇنيەدىن مال زاكاس قىلغان.

8.شەرقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىلىرىنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبى:

A. ئۆز دۆلىتىدىكى دېمۇكراتىك كۈچلەر كۈچلۈك بۇلۇپ،ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان .

B. گىرمانىيە فاشىتلىرى گومران بۇلۇپ،خەلق ئىنقىلابىي ھاكىميەتلىرىنى ئورناتقان.

C.ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىنقىلاپ ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى ياردىمىنىڭ ئۆزئارا بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى

D .كومنىستىك پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى ئىگەللەپ،زورلۇق كۈچى ئاساسىدا ھاكىميەتنى تىنىچ ئۆتكۈزۋالغان.

 

 

9.ئاسىيادا ئەڭ بالدۇر خەلق دېموكىراتىيە دىكتاتورلىقىنى ئۇرناتقان دۆلەت:

A.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى           B.چاۋشىيەن دېموكىراتىك خەلىق جۇمھۇريىتى

C.مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتى       D .ۋېتنام دېموكىرتىك جۇمھۇريىتى

10.جوڭگۇ بىلەن ئامرىكىنىڭ رەسمىي دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى :

A.1971-يىلى         B. 1972-يىلى         C. 1978-يىلى         D . 1979-يىلى

11.ئامرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى زۇمگەرلىك تالىشىشىنىڭ مۇھىم نوقتىسى:

A. ياۋرۇپا                                B. ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىردىغان رايۇنلار

C.شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان رايۇنى     D . غەربىي تىنچ ئوكيان رايۇنى

12. 1960-يىلىنى ‹‹ئافرىقا مۇستەقىللىق يىلى ››دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبى:

A. 14دۆلەت مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن        B.  17 دۆلەت مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن

C. 18 دۆلەت مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن       D . 19 دۆلەت مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن

13.سۇۋەينش قانىلىنىڭ ئىگىلىك ھۆقۇقىنى قايتۇرۋالغانلىقىنى جاكارلىغان مىسىر زوڭتۇڭى:

A. ئەرافات       B. سادات          C. ناسىر           D . مۇبارەك

14.ئالجىرىيە قايسى دۆلەتنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن:

A.ئەنگىلىيە           B.فىرانسىيە          C. گوللاندىيە          D .ئامرىكا

15. 1980- 1988-يىللاردىكى ئېران-ئېراق ئۇرۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان سەۋەبلەر:

چىگرا تالاش-تارتىشى   مەزھەپلەر توقۇنىشى     ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۇقۇنىشى 

ئىقتىسادىي قىيىن ئەھۋالغان چۇشۇپ قالغان. 

A. ①②        B. ①②③        C. ②③④           D . ①③

16. 1970-يىللاردىن كىيىن غەربىي ئاسىيادىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن كۇۋەيت باي دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەن بۇلۇپ،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى:

بىرخىللا  ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش  نېفىت بايلىقى مول  ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش  نوپۇسى بىر قەدەر ئاز

A. ①②        B. ①②③④         C. ①③            D . ②④

17.تۆۋەندىكى يالتا سېستىمىسى توغرىسىدىكى بايانلار ئىچىدىكى خاتاسى:

A. ئامرېكا- سوۋىت ئىتتىپاقى ھەمكارلىشىپ دۇنياغا ئورتاق خوجا بۇلۇش ئەندىزىسىنى ئورنۇتۇش.

B. يالتا يىغىنى قاتارلىق خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئورنىتىلغان پىرىنسىپلار ئاساسىدا ئورنىتىلغان

C. ئەمەلىيەتتە ئامرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى تەسىر دائىرلىرىنى بۆلىشىۋالدى.

D . ئامرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەمىلىي كۈچىنىڭ تەڭلەشكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى

18.شەرقىي ياۋرۇپادىكى جىددىي ئۆزگۈرۇش باشلانغان ۋاقىت :

A.ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى          B. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرى

C. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى  D . ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلىپى

19.ئاتالمىش شەرقىي ياۋرۇپادىكى جىددىي ئۆزگىرىش ماھىيەتتە شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ :

A. تاشقى سىياسىتىنىڭ تۇپتىن ئۆزگىرىشى  B.تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ تۇپتىن ئۆزگىرىشى

C. ئىجتىمائىي تۇزۇمنىڭ تۇپتىن ئۆزگىرىشى D . سىياسىي پارتىيە خارەكتىردىكى تۇپتىن ئۆزگىرىشى

 

20.سوۋىت ئىتتىپاقىي تارىختا قانچە يىل مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالىدى:

A. 67يىل      B. 69يىل         C. 73يىل            D . 74يىل

21.گورباچىېف ئىسلاھاتىنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەجرىبە ساۋىقى:

A.ئىسلاھاتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمىلىيىتىنى چىقىش قىلىش،ماركسزمدا چىڭ تۇرۇش كېرەك

B. خەلىقئادا جاھانگىرلىكىنىڭ ‹‹تىنىچ ئۆزگەرتىۋىتىش››دىن ھۇشيار تۇرۇش لازىم.

C. ئىسلاھات ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

D .ئىسلاھات قەدىمى مەزمۇت تاشلىنىشى،ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرىشقا ئالدىرماسلىق.

22. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ،‹‹ماكارتىيزىم››ئامرىكىدا ئەۋىج ئالدى،ئۇنىڭ ئاساسلىق قارشى تۇرىدىغىنى:

A. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئارلىشش  B. ئېرقى كەمسىتىش C.ناتسىستلار   D .كوممۇنىزىم

23. تۇنجى قېتىم جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن دۆلەت:

A. رومىنيە      B. پولشا         C.دېموكراتىك گىرمانىيە      D .يۇگۇسلاۋىىيە

24.جىددىي ئۆزگىرىشتىن كىيىن بىرلىككە كىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان دۆلەت:

A. گىرمانىيە       B. رومىنيە         C. يۇگۇسلاۋىىيە           D .چېخوسلوۋاكىيە

25. جىددىي ئۆزگىرىشتىن كىيىن بەشكە بۆلۈنۇپ كەتكەن دۆلەت:

A. ئالبانىيە       B.گىرمانىيە         C. چېخوسلوۋاكىيە           D . يۇگۇسلاۋىىيە

26.رۇزۋېلت يېڭى سىياسەتنى يولغا قۇيۇشتا ئالدى بىلەن تۇتۇش قىلغىنى :

A. سانائەتكە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش      B. ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى يولغا قۇيۇش

C. يېزا ئىگىلىك سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش D .پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنى تەرتىپكە سېلىش

27.فاشىستىك ئوق مەركىزى دۆلەتلەر گوروھىنىڭ پارچىلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى:

A. شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاياقلىشىشى  B. ئىتالىيەنىڭ تەسلىم بۇلۇشى

C.ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىشى D .يايۇنيەنىڭ تەسلىمنامىگە ئىمزا قۇيۇشى

28.ئامرىكىنىڭ مارشال پىلانىنى يولغا قۇيۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى:

A. غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى يۆلەش ۋە كونتۇرۇل قىلىش B.شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى قۇرۇش

C.سوتسىيالىزىمنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەش D . دۆلەت ئىچىدىكى ئۇشۇقچە كاپتالنى چىقىرۋىتىش

29.ئىككى قۇتۇپ ئەندىزىسىنىڭ ئاخىرى شەكىللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى:

A. ئامرىكىنىڭ مارشال پىلانىنى ئىجرا قىلىشى B. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى

C.ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى D .گىرمانىيەنىڭ بۆلۈۋىتىلگەنلىكى

30.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارالىغا ئاساسەن قۇرۇلغان دۆلەت:

A.ھىندىستان         B.ئىسرائىلىيە        C.مىسىر          D .ئالجىرىيە

ماتىريال تەھلىل قىىلىڭ.

  نۆۋەنتتىكى كىرزىس بىرلا ۋاقىتتا :(a) كاپتالىزىمنىڭ جۇغلانما توپلاش جەريانىدا ئەزەلدىن بار بولغان ئىچكى زىدىيەت،بۇ خىل ئىچكى زىدىيەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ كاپتالىزىمىدا ئوخشاش بولمىغان تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى.(b) رىقابەت ۋە تىركىشىش ، بۇخىل رىقابەت ۋە تىركىشىش ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان بۇلىدۇ. (c) پۇتكۈل تەرەققىي تاپقان كاپتالىستىك ئەللەر بىلەن ......پۇتكۈل ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەنپەئەت تۇقۇنۇشىدىن ،ھەتتا قارشىلىشىشىدىن ھەمدە كاپتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ۋە باشقا خام ئەشيالارنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر.....ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشتىن كىلىپ چىقتى.

 ـــــ فىرانسىيە تارىخشۇناسى بودنىڭ ‹‹كاپتالىزىم تارىخى››ناملىق ئەسەردىن.

1.    بودنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن كاپتالىزىم دۇنيا ئىقتىسادىي كىرزىسىنى بايان قىلىشى توغرىمۇ-خاتا؟(3نۇمۇر)

 

 

 

2.    1970-يىللاردىكى ئىقتىسادىي كىرزىس يۇز بىرىشنىڭ بىۋاستە سەۋەبى نىمە ؟ (6نۇمۇر)

 

 

 

 

3.بۇ ئىقتىسادىي كىرزىس ئاساسلىق كاپتالىستىك دۆلەتلەرگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟(6نۇمۇر)

 

 

 

 

  جاۋاب بىرىڭ.

1.    ئامرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ زومگەرلىك تالىشىشنى قايسى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بۇلىدۇ؟ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ باسقۇچتىكى ئىستىراتىگىيلىك مۇددىئاسى نىمە؟(12نۇمۇر)

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

سىنگاپۇر بىلەن كورىيەنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىدىكى ئوخشاشلىقلارنى سېلىشتۇرۇڭ؟ئۇلارنىڭ تەرەققىياتلىرىدا قانداق خىيىمخەتەرلەر ساقلانغان؟(8نۇمۇر)

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

2.    ھىندىستان تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇن بۇلىۋاتقان ئامىللار قايسى؟ (5نۇمۇر)

 

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-05 11:17
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز ! مېنىڭچە تارىخ كەسپىدىكى مۇنبەرداشلار بۇ ئەمگىكىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈنىدىغۇ دەيمەن ! جۈملىدىن مەنمۇ ئايالىمنىڭ ئورنىدا سىزگەيەنە بىر قېتىم  رەھمەت ئېيتىمەن !!!


查看完整版本: [-- تۇلۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled