ياشلار ساداسى3
ياشلار ساداسى3 شىرئەلىجان مۇختەر (ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى. داڭلىق تەنھەرىكەتچى) مەن يىڭى دەۋردىكى تەنھەرىكەتچى، گۈزەل شىنجاڭلىق.گۈزەل ئىناق مۇھىت ۋە ھەر مىللەت خەلقى مېنى تەربىيىلىدى،مېنى مەملىكەتلىك مۇسابىقە مەيدانلىرىغا ئەۋەتتى.دۇنيادا نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز دۆلىتىدىكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن ئارزۇ قىلغان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالمايدۇ، بۇ بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئازابى ھەمدە مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ زىيىنى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقان ئىقتىسات تەرەققى قىلغان ھەر مىللەت ئاممىسى بەخىتلىك ياشايدىغان ۋەزىيەتنى قەدىرلىشىمىز لازىم. ئابدۇكېرىم ئەزىز (ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى يەنئەن يېڭى كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى) يېڭى دەۋردىكى دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ئامما بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تەپەككۈر ۋە كەڭ نەزەر دائىرە بولۇش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ،تېررورلۇققا ھەرقانداق دۆلەتتە بوشلۇق يوق. ئەخمەت ئابلىز (ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. شىنجاڭ فىداگوكا ئۇنۋىرسىتىنىڭ فىزىكا،ئېلېكترون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) يېڭى دەۋردىكى ئاز سانلىق مىللەت زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇرتۇمدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق جىنايىتىگە ناھايىتى غەزەپلەندىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ،يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ جەمئىيەتكە چىقىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا شىنجاڭنى ئېچىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم . شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشى، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى. بۇ كۆپچىلىك ھەممىسى تونۇپ يەتكەن ھەقىقەت. مەن تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا (ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى . ئۈرۈمچى شەھرى تىيانشان رايونى ئاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى) ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەكىتلەيدىغان دىن، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئىسلام دىنىغا زىت. بۇ دىننى مەسىلە ئەمەس مىللى مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق ھەركەت. بىز تىنىچ ئىتتىپاق بولغان جەمئىيەت مۇھىتىنى قوغدىشىمىز لازىم. ئۇلار دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. |