查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(3) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(3) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-04 18:07

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(3)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

1-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

3-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى:

مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش دېگەن نېمە؟ ئېلىمىزدە مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئاساسلىرى قايسىلار؟ K9‑f7,

3W}xYYs] يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
"NI
% ( )  مۇڭغۇللارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى"غا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى:EL-1o0 2-





دەرس تېمىسى

2.1 مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

 

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى تەربىيە نىشانى)

مىللەتنىڭ قانداق شەكىلەنگەنلىكىنى بېلىۋېلىش

مىللەت شەكىللىنشنىڭ ئىچكى-تاشقى،ئىقتىسادى شەرتلىرنى چۈشىنۋېلىش

مىللەتنىڭ بۆلۈنۈشى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى ۋە بىرلىشىشىدىن يېڭى بىر مىللەت شەكللىنىش جەريانىنى ھىس قىلىش

مىللەتنىڭ بۆلۈنۈشى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى ۋە بىرلىشىشى –جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتىگە ئويغۇنلىقىدىن ئىبارەت ئىلمى پوزىتسىيىنى تۇرغۇزۇش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا

مۇھىم نۇقتا:  مىللەتنىڭ شەكللىنىشى

قىيىن نۇقتا: مىللەت شەكىللىنىشىنىڭ شەرتلىرى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك ماتېرىيال ، دەرستىن سىرتقى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك

ئوقۇتۇش-ئۇگۈنۈش ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى 

مىللەت شەكىللىنىشىنىڭ شەرتلىرى:  ئىچكى شەرت. تاشقى شەرت، ئىقتسادىي شەرت

 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
مىللەت جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا كەلگەندە ئاندىن شەكىللىنىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئۇرۇق،قەبىلىلەر پارچىلىنىپ مىللەت شەكىللەنگەن ، بۇ-بىر ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ جەريان.

1)ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى،خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە مەھسولات ئالماشتۇرۇش تەرەققىياتى مىللەت شەكىللىنىشىنىڭ ئىچىكى شەرتلىرى،

2)ئۇرۇش،ھەربىي توقۇنۇش قاتارلىقلار مىللەت شەكىللىنىشىنىڭ تاشقى شەرتلىرى ھېسابلىنىدۇ.

3)ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلەر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ-مىللەت

شەكىللىنىشىنىڭ ئىقتىسادىي شەرتلىرى.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى كىشلەر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇرۇق-جەمەت-قەبىلە-قەبىلىلەر ئىتتپاقى-مىللەت دېگەندەك تەرتىپكە ئىگە بولىدۇ. قەبىلىدىن تەرەققىي قىلىپ مىللەتكە ئەيلىنىش-مىللەت شەكىللىنىشىنىڭ ئومۇمىي قانۇنيىتى، قەبىلىدىن تەرەققىي قىلىپ مىللەتكە ۋە دۆلەتكە ئايلىنىش-ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتى ۋە كىشلەر ئورتاق گەۋدىسى تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ۋە ئومۇميۈزلۈك شەكلى،شۇنداقلا تەدرىجىي سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ.بۇ جەرياندا، قەبىلە ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت تەدىرىجىي ئاجىزلاپ، جۇغراپىيىلىك، مال-مۈلۈك ئامىللرى تەدىرىجىي كۈچىيىدۇ، قانداشلىق بىرلىشىپ، تىل ئورتاقلىشىدۇ، زېمىنى قوشۇلۇپ كېڭىيىدۇ، ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش كۈچىيىدۇ، پىسخىكىلىق سىڭىشىش جەريانى تېزلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىر جۇغراپىيىلىك مۇناسىېەتىنى ئاساس قىلغان . تىل زېمىن ئىقتىساد، پىسخولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق ئالاھىدىلككە ئىگە مىللەت شەكىللىنىدۇ. دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر قەبىلىدىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن. گرېكلار، رىملىقلار(رومانلار) شۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

مىللەت شەكىللەنگەندىن كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا، مىللەتنىڭ بۆلۈنۈشى، ئاسسمىلياتسىيە قىلىنىشى، بىرلىشىشى ئارقىلىق يېڭى مىللەت شەكىللىنىدۇ. بۇلار كېيىن شەكىللەنگەن مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ مەنبەسى بىر، ئەمما، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئاخىر تەرەققىي قىلىپ ئوخشاش بولمىغان مىللەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ. مەسىلەن ،ئادەتتە، مياۋزۇ،ياۋزۇ،شېزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شەكللىنىشى"بىر مەنبە،يات ئېقىم"نىڭ نەتىجىسى دەپ قارىلىدۇ، بەزى مىللەتلەر تارىخىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا، بەزى مىللەتلەر ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، باشقا مىللەت ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ. تەرەققىي قىلىپ بىر يېڭى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن . مەسىلەن خۇيزۇلارنىڭ شەكىللىنىشى دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالغا كىرىدۇ.

تاپشۇرۇق

1)      ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ھەققىدە  تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش كېرەك

ئاسسىملىياتسىيە قىلىنىش-دېگەن ئوقۇمنى كۆپنىچە ساۋاقداشلار چۈشەنمەيدىكەن ، شۇڭا دەرس ۋاقتىدا بۇ ئوقۇم ھەققىدە ئايرىم چۈشەنچە بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-04 20:56
ئەتراپلىق تۈزۈلگەن لايىھە بوپتۇ ، ھارماڭ ئۇستاز !!!

ئايبىكە 2013-07-04 23:58
مائارىپ سىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئەسقاتىدىغان پايدىلانما ئىكەن.قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(3) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled