查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(2) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(2) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-04 18:03

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(2)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

1-بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

2-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى ئارقىلىق   K9‑f7,3W}xYYs]يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
1.NI% (
)
 مىللەت دېگەن نېمە؟
2. مىللەتلەرنى قانداق ئايرىمىز؟OX/}j_8E^(

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى سۆزلىنىدۇ.EL-1o0 2-



دەرس تېمىسى

1-     دەرس مىللەت ھەققىدە ئۇقۇم ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرى(ئالاھىدىلىكىرى)

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:)ئەخلاقى تەربىيە نىشانى)

1.مىللەتلەرنى قانداق  پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋېلىش

2.ئېلىمىزدە  مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ  قانداق ئاساسلىق ئاساسلىرى بارلىقىنى بىلىۋېلىش

3.مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك  ئېڭىنى كۈچەيتىش

 

4. مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىرى ئارقىلىق  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلار:

جۇڭگودىكى مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش

ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئاساسلىرى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب، دەرستىن سىرتقى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار

 

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1. مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ  مەنىسى

ئېلىمىزدە مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئاساسلىرى :مىللەتنىڭ بەلگىسى، مىللەتنىڭ مەنبەسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئۆز-ئارا يىقىنلىقىنى ئېتىراپ قىلىش.

 
 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
1.مىللەتنى پەرقلەندۈرۈش

مىللەتنى پەرقلەندۈرۈش دېگىنىمىز بىر ئۇرۇق گەۋدىسىنىڭ تەركىبى ۋە نەمىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە بەلگىلەشنى كۆرسىتىدۇ.

نۇرغۇن تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق 1979-يىلغا كەلگەندە، جەمئىي 55 ئاز سانلىق مىللەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

2.دۆلىتىمىزدە مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئاساسلىرى

مىللەتنىڭ بەلگىسى(ئالاھىدىلىكى) مىللەتنىڭ مەنبەسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئۆز ئارا يېقىنلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ.

 1) مىللەتنىڭ بەلگىسى(ئالاھىدىلىكى)

مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە، ئىلىمىز ئالىملىرى نۇرغۇن تارىخىي يازما ماتىرىياللار ۋە ئارخىئولوگىيە، مىللەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، تىلىشۇناسلىق، ئېتنوگىرافىيە ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق ئالاقىدار ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، پەرقلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ھەر قايسى ئۇرۇق گەۋدىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى،تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، مىللەتنىڭ بەلگىلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، مىللىي خۇسۇسىيەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

2)مىللەتنىڭ مەنبەسى.

 ئۇزاق تەرەققىيات جەريانىدا، نۇېغۇن مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش، تىل-يېزىق،تۇرمۇش ئادىتى، مەنىۋىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. مىللەتنى پەرقلەندۈرۈشتە ئالىملار پەرقلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ئۇرۇق گەۋدىلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى نەق مەيدان تەكشۈردى. ھەر خىل تارىخىي ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلاندى ھەمدە ئالاقىدار پەنلەر تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پاۇدىلىنىپ مەنبەنى تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھەر قايسى ئۇرۇق گەۋدىلىرى  بىلەن ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەھلىل قىلدى.

3)مىللەتنىڭ ئارزۇسى،

دۆلىتىمىزدە مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش جەريانىدا، كىشلەرنىڭ ئۆز ئۇرۇق گەۋدسىنىڭ زادى خەنزۇلارغا تەۋە ياكى ئاز سانلىق مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىگە، يەككە ئاز سانلىق مىللەتمۇ يەكى مەلۇم بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىر قىسىمىمۇ دەيدىغان سۇبىيكتىپ ئارزۇسىغا دىققەت قىلىندى، ئىلمىي تەھلىلگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، شەخىسلەرنىڭ مىللەت ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى.

4) ئۆز ئارا يېقىنلىقنى ئېتىراپ قىلىش.

دۆلىتىمىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقغا ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۆز ئارا  يېقىن ئۇرۇق گەۋدىلىرى، يەنى تىلى ئاساسەن ئوخشاش، مىللىي خۇسۇسىيەتلىرى يېقىن، رايۇنلىرى تۇتاش، ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق، يەنە كېلىپ مىللەتنى ئېتىراپ قىلىش ئېڭىغا ئىگە ئۇرۇق گەۋدىلىرىنى ئىمكانقەدەر بىر گەۋدە دەپ قاراپ، ئوخشاش بىر مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلدى..

تاپشۇرۇق

1)     ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللەتلەر بەلگىسى ئارقىلىق مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئايرىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ساۋاقداشلارغا بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ  چۈشۈنىشلىك بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-04 20:36
.دۆلىتىمىزدە مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئاساسلىرى

مىللەتنىڭ بەلگىسى(ئالاھىدىلىكى) مىللەتنىڭ مەنبەسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئۆز ئارا يېقىنلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ.

1) مىللەتنىڭ بەلگىسى(ئالاھىدىلىكى)

مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە، ئىلىمىز ئالىملىرى نۇرغۇن تارىخىي يازما ماتىرىياللار ۋە ئارخىئولوگىيە، مىللەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، تىلىشۇناسلىق، ئېتنوگىرافىيە ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق ئالاقىدار ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، پەرقلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ھەر قايسى ئۇرۇق گەۋدىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى،تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، مىللەتنىڭ بەلگىلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، مىللىي خۇسۇسىيەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

2)مىللەتنىڭ مەنبەسى.

ئۇزاق تەرەققىيات جەريانىدا، نۇېغۇن مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش، تىل-يېزىق،تۇرمۇش ئادىتى، مەنىۋىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. مىللەتنى پەرقلەندۈرۈشتە ئالىملار پەرقلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ئۇرۇق گەۋدىلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى نەق مەيدان تەكشۈردى. ھەر خىل تارىخىي ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلاندى ھەمدە ئالاقىدار پەنلەر تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پاۇدىلىنىپ مەنبەنى تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھەر قايسى ئۇرۇق گەۋدىلىرى  بىلەن ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەھلىل قىلدى.

3)مىللەتنىڭ ئارزۇسى،

دۆلىتىمىزدە مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش جەريانىدا، كىشلەرنىڭ ئۆز ئۇرۇق گەۋدسىنىڭ زادى خەنزۇلارغا تەۋە ياكى ئاز سانلىق مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىگە، يەككە ئاز سانلىق مىللەتمۇ يەكى مەلۇم بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىر قىسىمىمۇ دەيدىغان سۇبىيكتىپ ئارزۇسىغا دىققەت قىلىندى، ئىلمىي تەھلىلگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، شەخىسلەرنىڭ مىللەت ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى.

4) ئۆز ئارا يېقىنلىقنى ئېتىراپ قىلىش.

دۆلىتىمىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقغا ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۆز ئارا  يېقىن ئۇرۇق گەۋدىلىرى، يەنى تىلى ئاساسەن ئوخشاش، مىللىي خۇسۇسىيەتلىرى يېقىن، رايۇنلىرى تۇتاش، ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق، يەنە كېلىپ مىللەتنى ئېتىراپ قىلىش ئېڭىغا ئىگە ئۇرۇق گەۋدىلىرىنى ئىمكانقەدەر بىر گەۋدە دەپ قاراپ، ئوخشاش بىر مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلدى..

بۇ مەزمونلارنى چوقۇم بىلىپ قويۇشىمىز زۆرۈركەن ! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز ، ھارمىغايسىز !!!

ئەكبەرنىياز 2013-07-04 20:51
ئالدىن سىناش سوئالى ئارقىلىق   K9‑f7,3W}xYYs]يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
1.NI% (
--------------------------------------------------------------------------------
)  مىللەت دېگەن نېمە؟
2. مىللەتلەرنى قانداق ئايرىمىز؟OX/}j_8E^(

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى سۆزلىنىدۇ.EL-1o0 2-

يوللانغاندا ياخشى يوللانماي قالدىمۇ قانداق ؟

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز ئۇستاز !!!

uzqak 2013-07-04 20:53
كۆكسانغۇن مۇئەللىمنىڭ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مۇنبەرگە يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم... ھەمكارلىق ياشىسۇن!

ئايبىكە 2013-07-05 00:02
ئىدىيە-سىياسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماتىريال ئامبىرى تېخىمۇ بىيىيدىغان بولدى.


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(2) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled