查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(1) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(1) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-04 17:56

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(1)

«مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» سائەتلىك دەرس لايىھىسى
ھەپتە                                                                      __ يىلى __ ئاينىڭ __ كۈنى
تەييارلىغۇچى

 

دەرس سائىتى

1

بۆلەك

بىرىنچى بۆلەك

قانچىنچى سائىتى

1-سائىتى

ئۆتۈلگەن ۋاقتى

 

دەرس تىپى

ئادەتتىكى دەرس

تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

ئالدىن سىناش سوئالى:

1.     جۇڭگۇدا نەچچە مىللەت بار؟

2.     سىز جۇڭگۇ دىكى مىللەتلەرنىڭ نەچچىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بىرەلەيسىز؟ K9‑f7,/  

3W}xYYs] ^  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: >,%7bq=T!  
NI
% ( )  مىللەتلەر باغچىسى تېمىسىدىكى ئاستىدىكى مەزمۇن ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. OX/}j_8E^(

 

OgB ZoTT[1]  

يېڭى دەرس مەزمۇنى:EL-1o0 2-





دەرس تېمىسى

1-     دەرس مىللەت ھەققىدە ئۇقۇم ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرى(ئالاھىدىلىكىرى)

ئوقۇتۇش نىشانى :  

1.بىلىم ۋە ئىقتىدار

2.جەريان ۋە ئۇسۇل:

3.ھېسىيات،پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قاراش:(ئەخلاقى تەربىيە نىشانى)

دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمي ئەھۋالىدىن  قىسقىچە چۈشەنچە  بېرىش

مىللەت ئوقۇمىنى ياخشى ئىگىلەش

مىللەتنى مىللەتنىڭ ئاساسى بەلگىلىرى ئارقىلىق تۇنۇش

دۆلىتىمىز-ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق قۇرغان،بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىدىيە جە

ھەتتىن تۇنۇش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتا

مۇھىم نۇقتا:   مىللەت ئۇقۇمى

قىيىن نۇقتا: مىللەتنىڭ ئاساسي بەلگىلىرى

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاستىلىرى

دەرسلىك كىتاب، دەرستىن سىرتقى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىزدىنىشلىك ئۇقۇتۇش-ئۆگۈنۈش  ئۇسۇلى

دوسكا لايىھىسى

1.مىللەتنىڭ مەنىسى

 2. مىللەتنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرى(ئالاھىدىلىكى)

 
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى
 (ئوقۇتۇش مەزمۇنى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى پائالىيىتى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سىناق سۇئاللىرى)
1.مىللەت

مىللەت مۇئەييەن تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا شەكىللەنگەن مۇقىم كىشلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى،

2. مىللەتنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرى(ئالاھىدىلىكى)

1)ئورتاق تارىخىي مەنبە

ئورتاق تارىخىي مەنبە دېگىنىمىز ئاساسلىقى مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئۇرۇق گەۋدە مەنبەسى، رايون مەنبەسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

2)ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى

ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى  دېگىنىمىز ئاساسلىقى بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى كىشلەرنىڭ ئىقتسادىي پائالىيەت جەھەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقىسى، ماددى نېمەتلەرنى ئىشلەپچىقرىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئىستېمال قىلىش جەريانىدىكى تەشكللىنىش شەكلى، ئالاقىلىشىش شەكلى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇللىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.

3)ئورتاق تىل

ئورتاق تىل دېگىنمىز بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى كىشلەر ئىشلەپچىقرىش، تۇرمۇش جەريانىدا، ئۆز ئارا ئىدىيە، ھېسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە بېرىش-كېلىش مۇناسىۋەىتىدە ئىشلەتكەن تىلنى كۆرسىتىدۇ.

4)ئورتاق مەدەنىيەت

ئورتاق مەدەنىيەت دېگىنىمىز ئاساسلىقى بىر مىللەتنى تەشكل قىلغۇچى كىشلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىدە ئىجاد قىلىنغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

5)ئورتاق ئۆرپ-ئادەت

ئورتاق ئۆرپ-ئادەت دېگىنىمىز ئاساسلىقى بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى كىشلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتلەردە كەڭ ئومۇملاشقان ئۆرپ-ئادەت، رەسىم-قائىدىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تارقالغان قىممەت قارشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشلەپچىقىرش، تۇرمۇش ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي پائالىيەتلەردە ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلۋاتقان ھەرىكەت شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

6) ئورتاق پىسخىكىلىق تونۇش.

ئورتاق پىسخىكىلىق تونۇش.دېگىنىمىز ئاساسلىقى بىر مىللەتنى تەشكل قىلغۇچى كىشلەرنىڭ ئوخشاش پىسخىكىلىق خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ.

تاپشۇرۇق

1)     ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرارلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىدۇ.

2)دەرسلىكنىڭ كۆنۈكمە قىسىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەپ كېلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

مىللەتنىڭ ئاساىي بەلگىلىرىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ  باشقا مىللەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكىلىرى ھەققىدە  تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم. 

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى

 

 

 

 


ئەكبەرنىياز 2013-07-04 20:31
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز ، سىز بولغاچ بىزلەر خاتىرجەم !!!

ئايبىكە 2013-07-05 00:13
كۆپ رەھمەت.يازما ئىگىسىنىڭ ئەجرىنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.مىننەتسىز  ئەجىر،مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن تۈكۈلگەن تەر يەردە قالماس.


查看完整版本: [-- «مىللەتلەر نەزەرىيىسى ھەققىدە ساۋات» دەرس لايىھىسى(1) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled