koksangun |
2013-07-04 17:34 |
تۇلۇق 1-يىللىق سىنىپنىڭ جۇغراپىيە ئىمتىھان سۇئالى
2011-2012-ئوقۇش يىلى تۇلۇق 1-يىللىق سىنىپنىڭ جۇغراپىيە ئىمتىھان سۇئالى
ئسمى ئاتسى:
1. تاللاش سۇئالى:(ھەربىر سۇئال2نۇمۇردىن جەمئىي 30نۇمۇر)
1)يەر شارنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ قەۋەتلىك تۈزۈلىشىنىڭ ئاساسى ( )
A. يەر تەۋرەش دولقۇن سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرشى B.تىمپۇراتۇرنىڭ ۋېرتىكال ئۆزگىرشى C.ئىچكى قىسمىدىكى بىسىم كۈچنىڭ ئۆزگىرشى D. ماددا تىمپراتۇرسىنىڭ ئۆزگىرشى 2)تۇۋەندىكى ھەر قايسى جايلار ئىچىدە يەر پوستى ئەڭ قىلىن بولغىنى ( )
A. شىمالى جۇڭگۇ تۈزلەڭلىگى B. چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىگى
C.يۇننەن-گۇيجۇ ئىگىزلىگى D.تارىم ئويمانلىغى
3) قۇياش ھەركتىنىڭ ئاساسى بەلگىسى بولسا ( )
A. قۇياش داغلىرى B. چاقناش .Cماگنىت بورىنى .Dقۇياش رادىئاتسىيسى
4)شىمالى يىرىم شارنىڭ ئوتتۇرا كەڭلىك رايۇنداتۇۋەندىكى ۋاقىتلارئىچىدەبىريىلدىكى كېچە- كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ ئۆز–ئارا پەرقى ئەڭ كىچىك بولىدىغان بىر كۈن
A.خەلىقئارا بالىلار بايرىمىB.خەلىقئارائەمگەكچىلەر بايرىمى
Cئېلىمىزنىڭ دۆلەت بايرىمىD.ئىلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلاربايرىمى
5) ھاۋا بىسىم بەلۋاغلىرى بىلەن شامال بەلۋاغلىرى ھەققىدىكى بايانلاردىن توغرسى( ) A.يۇقىرى ھاۋا بىسىمىنىڭ كونتۇرۇللىقىدا بولسا،تىمپىراتۇرا ناھايتى يۇقىرى بولىدۇ. Bيۇقىرى ھاۋا بىسىم بەلۋىغىدا يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ھاۋا ئىقىمى ئەۋج ئالىدۇ.
Cبارلىق ھاۋا بىسىم بەلۋىغىنىڭ ھەممىسى ئىسسىق–سۇغۇقنىڭ تەكشى بولماسلىغىدىن بولغان
D.ئوتتۇرا كەڭلىكتىكى غەرىپ شاماللىرى بەلۋىغىداشامال تۆۋەن كەڭلىكتىن يۇقىرى كەڭلىككە قاراپ چىقىدىغان بولۇپ ،ئاسانلا بۇلۇت ۋە يامغۇر شەكىلىندۇ.
6) ئەگەر ئوخشاش ھىدروگىن گازى شارنى ئوخشاشمايدىغان كەڭلىكلەردە قۇيۇپ بەرسەك يۇقىرى ئۆرلىشى ئەڭ تىز بولىدىغان رايۇن( )
A. قۇتۇپ رايۇنى Bقۇتۇپقا يانداش رايۇن Cسۇپتىرۇپىك بەلۋاغ رايۇنى Dئىكۋاتۇر رايۇنى
7)يەر شاردىكى ھەر خىل سۇلار ئىچىدە ،سۇنىڭ زاپاس مىقدارنىڭ كۆپتىن ئازغا قاراپ تەرتىپ بويىچە تىزىلىش تەرتىپىنىڭ توغرسى( )
A دېڭىز- ئوكيان سۈيى، ئاتمۇسفىرا سۈيى، قۇرۇقلۇق سۈيى.
Bمۇزلۇق سۈيى، جانلىقلارنىڭ تىنىدىكى سۇ، دەريا سۈيى.
Cمۇزلۇق سۈيى، دەريا سۈيى، يەر ئاستى سۈيى.
Dدېڭىز- ئوكيان سۈيى، قۇرۇقلۇق سۈيى،ئاتمۇسفىرا سۈيى.
8)تۆۋەندىكى سۇ ئايلىنىشنىڭ ھەر خىل ھالقىلىرى ئىچىدە،ئىنسانلار پائالىيتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى ئەڭ چوڭ بولىدىغىنى( )
A.دېڭىز سۈينىڭ ھورلىنىشىBيەر ئۈستى ئېقىنى
Cسۇ ھورنىڭ توشۇلشىDكوندىساتسىيلىىنپ ھۆل- يىغىن يىغىش
9)ياپۇنيەنىڭ خوككايدۇ ئەتراپىدىكى دېڭىز رايۇندىكى ئىغىر دەرىجىدە بۇلغانغان دېڭىز سۈينى كانادانىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرىغىقىغا ئاپىرىدىغان ئوكيان ئىقىمى بولسا ( ) A شىمالى تىنچ ئوكيان ئىسسىق ئېقىمىBشىمالى ئىكۋاتۇر ئىسسىق ئېقىمى
Cكۇرىل سوغوق ئېقىمى Dمۇسسۇنلۇق ئوكيان ئېقىمى
10)ئىسرائىليەدىكى يىزا- ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولسا( )
A. ئىسىقلىق B.سۇ مەنبەسى Cتۇپراق Dيەر شەكلى
11) تۇۋەندىكى يەر شەكىلى ئىچىدە ،يەر پوستىنىڭ گورزىنتال ھەركىتىدىن شەكىللەنگىنى A شىمالى جۇڭگۇ تۈزلەڭلىكىBتەيۋەن بوغىزى Cھىمالايا تېغىDئىچكى موڭغۇل ئىگىزلىكى
12 ) مىسىردىكى 《شىر تەنلىك ئادەم》نىڭ ئىغىر دەرىجىدە كەمتۈك بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۇپ چىقارغان ئاساسلىق تەبئىي ئامىل بولسا ( )
A ئىقىن سۇلارنىڭ يالاش رولىBيىمىرلىش ۋە شامالنىڭ ئۇپرىتىش رولى
Cكارىستلىق رولىDدېڭىزنىڭ يالاش رولى
13)《بىرگە چىقىلسا ھەممىسىگگە تەسىر قىپتۇ》دىگەن ماقال( ) نى ئەكس ئەتتۈرىدۇ
A جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ رايۇنلۇق پەرىقىنىڭ روشەنلىكىBجۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ پۈتۈنلىكى Cجۇغراپىيلىك مۇھىتتىكى ھەر قايسى ئامىللارنىڭ ئۆزدىكى قانۇنيەت بويىچە راۋاجلىندىغانلىقىDجۇغراپىيلىك مۇھىتتىكى ھەر قايسى ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى.
14) مۆتىدىل بەلۋاغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان مەنزىرسى بىلەن مۆتىدىل بەلۋاغ چۆللۈك مەنزىرسىنىڭ پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولسا( )
A.قوياش رادىئاتسىيە پەرقىنىڭ تەسىرىBدېڭىز–ئوكيان تارقىلىشنىڭ تەسىرى Cكەڭلىكتىكى ئورۇن پەرقىنىڭ تەسىرىDيەر شەكلىنىڭ تەسىرى
15)تۆۋەندىكى جۇغراپىيلىك ھادىسلەرنىڭ يۈز بىرشى بىلەن يەر شارنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى مۇناسىۋەتسىز بولغىنى( )
A تۆت پەسىلنىڭ ئالمىششىBچاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنىڭ شەكىللىنىشىCقوياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ شەرىقتىن چىقىپ غەرىبكە ئولتۇرشىDتوكيونىڭ يەرلىك ۋاقتى بيجىڭنىڭكىدىن بۇرۇن.
2.بوش ئۇرۇن تولدۇرۇش سۇئالى: (ھەربىر سۇئال2نۇمۇردىن جەمئىي 30نۇمۇر)
1)كۆپ ئۇچرايدىغان ھاۋا رايى سىستىمىلىرى ( ) ( ) ( ) .
2) سىكلۇن مەركىزنىڭ ھاۋا بىسىىمى ( ) ئەتراپنىڭ ھاۋا بىسىمى ( )
بولغان ئاتمۇسفىرادىكى گورزىنتال قاينامدىن ئىبارەت.
3)ئاتمۇسفىرادىكى ( )قاتارلىق گازلارنىڭ قۇيۇقلىقىنىڭ ئىشىشى يىقىنقى ۋە ھازىرقى زامان يەر شارى تېمپىراتۇرسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
4) سۇ جۇغراپىيلىك مۇھىتتا ( ) ( ) ( ) دىن ئىبارەت 3 خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
5)يەر پوستى ھەركىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە خۇسۇسىيتىگە ئاساسەن ئۇنى ( ) ھەركەت ۋە ( )ھەركەت دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ.
6)يەر شارى يۈزدىكى ( ) ( ) ( ) ( ) قاتارلىقلار ئۇمۇملاشتۇرلۇپ ،تاشقى كۇچلەر دەپ ئاتىلىدۇ ،
3. ئاتالغۇغا جاۋاپ بىرىش سۇئالى:(ھەربىر سۇئال4نۇمۇردىن جەمئىي 20نۇمۇر)
1)تېرمودىنامىكىلىق ئايلانما ئېقىم
2) ھاۋا بېسىم گرادىئېنت كۈچى
3) ھاۋا ماسسسى
4) سوغۇق فرونت
5)ئىسسسق ئېقىم
4.تەھلىل قىلىش سۇئالى: (ھەربىر سۇئال10نۇمۇردىن جەمئىي 20نۇمۇر)
1.يەر شارىدا ھاياتلىق پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ
2.يەر شارىدىكى بىسىم بەلۋىغى ۋەشامال بەلۋىغىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈڭ
|
|