查看完整版本: [-- بەخت--تەرجىمە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> بەخت--تەرجىمە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2013-07-03 02:18

بەخت--تەرجىمە

بەخت |s_GlJV.  
!)$Zp\Sg  
ما ۋېي دو 7 zc^!LrW<  
?JUe uNs9  
بەخت دېگەن نېمە؟ :T~  [  
Q2> gU#  
بەخت-قايتا-قايتا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ،ئاخىرى قارشى تەرەپنىڭ قوشۇلىشىغا ئېرىشكەن ۋاقىت؛نامراتلىقتىن نېمە قىلارنى بىلمەي غەم بېسىۋالغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېرىشكەن زور سوممىلىق مۇكاپات؛تۈرمىگە كىرىپ قالغاندا،سوتچى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان ۋاقىت؛ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغاندا،دوختۇرنىڭ دېئاگنوزنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقتى؛قۇرساق ئاچلىقتىن كۇركىراپ كەتكەندە،تويغۇچە يېۋالغان بىر ۋاخ تاماق؛سوغاقتا توڭلاپ لاغىلداپ تىترەپ كەتكەندە،بىر ئېغىز ئىسسىق ئۆيدە تۇرالىغان ۋاقىت؛يەككە-يىگانە ھالدا خاپىلىق تارتىپ  ئازابلانغاندا،دوستلىرى تېلىفۇن قىلىپ تەسەللى بەرگەن ۋاقىت؛ يەر تەۋرىگەن رايۇنىدا قاپسىلىپ قالغاندا، مېنىرال سۇ ۋە تەييار چۆپ تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت... ... . Bw.i}3UT6  
AZ<= o  
مانا بۇلار چوڭ بەخت.كىچىك بەختكە ھەر بىر ئادەم دائىم دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئەمما كىچىك بەخت ئۇ ياقتىن بۇياققا لەيلەپ يۈرگەچكە،ئۇنى ئاسانلىقچە ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.ئازاب-ئوقۇبەتكە ئۇچراپ باقمىغان ئادەم،بەختنى قەدىرلەشنى بىلەلمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە بىز ھەر كۈنى كىچىك بەختلەر ئىچىدە ياشايمىز. Y/oHu@ _  
i/.6>4tE:  
ئېسىمدە قېلىشىچە،1985-يىلى قىشتا،بىر كۈنى مەن گۇ توڭغا چاقىرتىلدىم،قايتىپ كەلگەندە ئاللىبۇرۇن يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن،مېن ۋېلىسىپىت مىنىپ ئۇزاق يول يۈرگەچكە،ھەم ھېرىپ،ھەم توڭلاپ ھەم قۇرسىقىم ئېچىپ كەتكەن ئىدى.يىراقتىن كوچا چىرىغى ئاستىدا، ئادەمنىڭ يىگۈسىنى كەلتۈرىدىغان،ھورى كۆتىرىلىپ تۇرغان، دورا-دەرمەك بىلەن پىشۇرۇلغان تاۋا نېنى ساتىدىغان بىر يايمىنى كۆردۈم.تاقەتسىزلىك بىلەن،دەرھال بېرىپ،ۋېلسىپىتىمنى تىكلەپ قويۇپ،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،ھازىرمۇ ئېسىمگە كەلسە يىگۈم كېلىدىغان ئاشۇ مېزىلىك بىر قاچا بېيجىڭنىڭ بۇ داڭلىق تامىقىنىڭ چىقىشىنى ساقلىدىم.يايما ئېگىسىنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇپ،قارىماققا دادامدىنمۇ قېرى كۆرۈنەتتى.ئۇ سوغاقتا توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن قولىدا تاۋا نېنىنى ئەپچىللىك بىلەن كېسىپ تۇرۇپ: 05R@7[GWq  
Wn6Sn{8W{  
-بىرنى يەمسەن،ئىككىنىمۇ؟-دەپ سورىدى.ئاشۇ كەچتە،بېيجىڭدىكى چوڭ يول بويىدابوۋاي ئىككىمىزدىن باشقا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى.ئۇ پىشۇراتتى،مەن بىر تەرەپتىن يىگەچ،يەنە بىر تەرەپتىن پاراڭلىشاتتىم.پاراڭلاشقاچ،ئۇنىڭ تۆت ئوغلىنىڭ بارلىقىنى،ئەڭ كىچىك ئوغلىنىڭ تېخى توي قىلمىغانلىقىنى،مۇشۇنداق سوغاق كېچىدە يايما ئېچىشىنىڭ ئاشۇ كىچىك ئوغلىنىڭ تويىنى قىلىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدىم.بوۋاي ئۇنىڭ تويىنى قىلىۋالسا،ئارامخۇدا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.ئۇ كۈندىكى سۆھبەتنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇنتۇپ كەتتىم،ئەمما بوۋاينىڭ بىر جۈملە سۆزى ھازىرقىدەكلا ئېنىق ئېسىمدە: e+|sSpA  
\U0'P;em  
-ئادەم ھوزۇرلىنالمايدىغان بەخت بار،ئۆتكۈزمەيدىغان خاتالىق يوق. @F>D+=hS  
A}w/OA97RO  
  |BYRe1l6l  
|[lKY+26:{  
ماۋېيدو ئىمزالىقىدىكى بۇ ماقالىنى شىياۋ خۇا خەلق ئەدەبىيات نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«ما ۋېيدونىڭ سۆزلىرى»ناملىق كىتاپتىن تەۋسىيە قىلغان. «ئوقۇرمەنلەر»ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. @+DX.9  
MfkZ  

ئەكبەرنىياز 2013-07-03 12:26
بەك ئېسىل ئەسەركەن ، بولۇپمۇ : lxi  
ئادەم ھوزۇرلىنالمايدىغان بەخت بار،ئۆتكۈزمەيدىغان خاتالىق يوق. JS77M-Ac  
بۇ جۈملە بەكلا  قايىل قىلارلىق چىقىپتۇ . cCX*D_kCB  
ئاق گۈلنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

ھامۇتجان 2013-07-03 13:23
تەرجىمە ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

ماھى 2013-07-03 19:56
سىزنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئايبىكە 2013-07-04 00:07
ھازىرغىچە كىشىلەر بەختكە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە تەپەككۈر يولى بويچە ئوخشىمىغان تەبىرلەرنى بەردى،مەلوم بىر ماتىريالدا بىر دادا بەختكە؛«خاتىرجەم ئوخلىيالىسام،تاماق يىيەلىسەم،قاقاقلاپ كۈەلىسەم مانا بۇ مېنىڭ بەختىم.»دېگەنىكەن.شۇنىڭغا قارىغاندا خاتىرجەملىكنىڭ ئۆزى ئىنسانىي ئورتاق بەخت ئوخشايدۇ. pJ{Y lS{  
ئوقۇرمەننى ئويغا،تەپەككۈرگە باشلايدىغان يازما ساھىبىنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت ،روھىغا قۇۋۋەتلەر بولسۇن،ئەجرىنى بەرسۇن.

gulhan 2013-07-04 18:55
-ئادەم ھوزۇرلىنالمايدىغان بەخت بار،ئۆتكۈزمەيدىغان خاتالىق يوق. /( LL3cZK  
16 $B>  
بۇ ھىكمەت كىشىنى ئويغا، تەپەككۈرگە، خىجالەتكە  باشلايدىكەن. ww/Uzv  
_j3fAr(V  
ئاق گۈل، قەدىردان دۇستۇم ھارماس قادەملىرىڭىزگە ئۇتۇق ، ئۆزىڭىزگە سالامەتلىك يار بولغاي!


查看完整版本: [-- بەخت--تەرجىمە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled