نەزىرە مۇھەممەد سالىھ نىڭ يۈرەك سۆزلىرى-كۆچۈرۈلمە
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ نىڭ يۈرەك سۆزلىرى r-:Uz\gM شوخ سەنەم Ytl4kaYS ax (c# ھەر يىلى تۈرلۈك ھېيىت - بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلىنىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكى، سەنئەت پروگراممىلىرى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن سەرپ ئېتىلىۋاتقانلىقى ئەقلى - ھوشى جايىدا ھەر قانداق ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا بىر خەلقتە چوقۇم بىر سەنئەت بولۇشى كېرەك، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى، سەنئەت ھەممە نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ بىزگە نىسبەتەن سەنئەت نۆۋەتتىكى زۆرۈرىيەتلەر كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ. بىز تېخىچە سەنئەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئىجابىي تەرەپكە سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈچ ۋە غالىبلارچە ئورۇنغا ئىگە قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. خۇددى مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «خەلقىمىز بۈگۈنكى دۇنياۋى رىقابەتتە ناخشا - ئۇسسۇل مۇسابىقىسىغا دۇچ كەلگىنى يوق!» Y'8?.a]' شۇ تاپتا بىز ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي پادىشاھلىقى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئېرىشكەنلىرىمىز قارشىسىغا قاراپ باقساق، ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى. بىنالار قانچە ئېگىز سېلىنغانسېرى بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.ئۆيلەرنى قانچە ھەشەمەتلىك بېزىگەنسېرى ئىچىمىز قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئېسىل كىيىنىش، ئوبدان يېييىش، قانغۇچە ئويناپ - كۈلۈپ راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى بولغانسېرى ھاياتنىڭ يۈكسەك مەنىلىرى يوقىلىۋاتىدۇ. گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتلەر مەرۋايىتتەك چۆكۈپ، كۆپۈكتەك ئادەملەرئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەشەمخور شۆھرەتپەرەسلەر، ساختا شۆھرەتنىڭ قەغەز قانىتىدا ئۇچۇۋاتقانلار، پۇچۇق تىيىنغا ئەرزىمەس پايدا - مەنپەئەت، ھارامخور ئەمەل - مەنسەپ كويىدا قاتراپ دۇنياغا تويماي ئۆتىۋاتقانلار ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگۈچى ماغزاپلاردۇر. 3f,hw5R ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا دۇنيانى تىترەتكەن مەشھۇر ئىمپېراتور ئىسكەندەر ماكدونىسكىي ئۆلۈم ئالدىدا ۋەزىرلىرىگە شۇنداق نەسىھەت قىپتۇ: VIv&ofyAR - كۆزۈم يۇمۇلۇپ، جىنازامنى ئېلىپ ماڭغان چېغىڭلاردا ئىككى قولۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇڭلار. }hhGu\
ھەيران قالغان ۋەزىرلىرى سوراپتۇ: 0$ S8fF@
- نېمىشقا؟ d~i+
I5 ئىسكەندەر ئېيتىپتۇكى: FY#C.mL - كىشىلەر مەندەك شان - شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان، ھېسابسىز بايلىققا ئىگە مەشھۇر ئىمپېراتورنىڭ بۇ دۇنيادىن قۇرۇق قول كېتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالسۇن. s+ پەيغەمبەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن : «ھەربىرئۈممەتنىڭ تۈرلۈك سىنىلىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سىنىلىدىغان نەرسىسى كەڭتاشا بېرىلگەن مال - دۇنيادۇر. مەن سىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭلاردىن ئەمەس، دۇنيانىڭ راھەت - پاراغەتلىرىگە بېرىلىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». بۇدانالارچە بېرىلگەن بىشارەت ماددىي ھەشەمەتچىلىككە چۆكۈپ، قەلب بوشلۇقلىرىنى نۇر بىلەن تولدۇرۇشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۈگۈنى ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق تىلەيمەن: دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن.(ئامىين!!!) njputEGX مىسرانىم مۇنبىرىدىن يۈتكەلدى. ?`PvL!' مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى 2005-يىل 5ـ سانىدىن ئېلىندى %-1O.Q|f
|