دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم زۇمرەت fgTv
wOSk ئۆزىنى ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ،تىرىشچان دەپ ئويلايدىغان بىر يىگىت خىزمەت ،تۇرمۇش داۋامىدا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچراپتۇ،بەزى كىشىلەرنىڭ مەنسىتمەسلىكى ،كارى بولماسلىقى ئۇنۇڭغا ھار كەپتۇ.ئۇ كىشىلەردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىكەن.يىگىت بىر كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەمنى ئىزدەپ تاپماقچى بۇلۇپ سەپەرگە چىقىپتۇ.ئۇ كىشىلەر تەرىپىنى قىلىدىغان بىر دانىشمەن بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ ،دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۇلۇغ ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ،قانداق قىلسا ئۇنى تاپالايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. 4ol=YGCI_ -دۇنيادا ياخشى ئادەملەر بەك كۆپ،ئەمما سىز ئىزدىگەندەك ،دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۇلۇغ ئادەمنى تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،چۈنكى سىز بىر قاراپلا كىمنىڭ ياخشى كىمنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز.سىزگە كىم يېرىم كېچىدە يالاڭ ئاياغ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بەرسە شۇ ،دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم ھېساپلىنىدۇ-دەپتۇ دانىشمەن بوۋاي. uyjZmT/- يىگىتنىڭ كۆز ئالدىغا توختىماي ياخشى ئىش قىلىدىغان ،كىشىلەرگە كۈلۈپلا مۇئامىلە قىلىدىغان ،قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھەر قانداق ئادەمگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغان بىر قامەتلىك ئەرنىڭ سىماسى كەپتۇ..يىگىت دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەمنى تېپىۋالسا ،بىر ئۆمۈر ئۇنۇڭ خىزمىتىنى قىلىش،ئۇنۇڭدىن ئۆمۈرۋايەت تەلىم ئېلىپ ،شۇنۇڭغا ئوخشاش ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۈتۈشنى ئويلاپتۇ. !Me%W3 يىگىت ئۆزىگە يالاڭ ئاياغ كېلىپ ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغان ئادەمنى ئىزدەپ ،كوچىمۇ -كوچا يۈرۈپ كېچىللىرى ئۇخلىماي ،يېرىم كېچىدە كىشىلەرنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ.قەھرىتان قىش كۈنلىرى بولغاچقا ،يىگىت بەكلا جاپا تارتىپتۇ،لېكىن ھىچكىم ئۇنۇڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بەرمەپتۇ.ئەكسىچە ئۇنۇڭ تۈن تاڭدا ئاۋارە قىلغىنىغا ئاچچىغى كېلىپ ،ئۇنى بىرمۇنچە تىللاپتۇ.ئۇنۇڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلغان ئادەممۇ ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپلا ئۇنى بۇندىن كېيىن بۇنداق يېرىم كېچىدە ئاۋارە قىلماسلىققا ئۈندەپتۇ. /x-Ja[kL يىگىت دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەمىنى تېپىشتىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ،نۇرغۇن رىيازەت چىكىپ ،ئاخىرى قارا قىشتا يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ.ئۇئۆيىگە كەلگەندە يېرىم كېچە بۇلۇپ قالغان ئىكەن،يىگىت ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ ،ئانىسىنى چاقىرىشىغا ئانىسى يۈگۈرۈپ چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ. f&^Ea-c -كەلدىڭمۇ جېنىم بالام-دەپتۇ موماي ئىشىكنى ئېچىپلا ئۇنى باغرىغا بېسىپ. jnH44 موماينىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرى يىگىتنىڭ بېشىنى سىلاشقا باشلاپتۇ.يىگىت ئىختىيارسىز ئانىسىنىڭ پۇتىغا قاراپتۇ،ئانىسىنىڭ پۇتىدا ساپما ئاياقمۇ،ھەتتا پايپاقمۇ يوق ئىكەن،شۇندىلا يىگىت ھېلىقى دانىشمەننىڭ گىپىنىڭ تىگىگە يىتىپتۇ ھەمدە ئانىسىغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇپ :‹مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئادەمنى تاپتىم› دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. b39;Sv|# چىمبۇلاق مۇنبىرىدىن يۈتكەپ كېلىندى [k."R@? مەنبە:ئامانلىق ژورنىلى |