查看完整版本: [-- ‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى›› ئېغىر ھالسىرايدۇ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى›› ئېغىر ھالسىرايدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەھلا 2013-06-26 09:13

‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى›› ئېغىر ھالسىرايدۇ

                                  ‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى›› ئېغىر ھالسىرايدۇ -0 0}if7  
                                              لۇتپۇللا مۇتەللىپ   B*,?C]0{  
]US[5)EL-  
     ياپون ‹‹پادىشاھ ئەسكەرلىرى›› ئولتۇرغان زور سوقۇش پاراخوتى ئۇلۇغ ئوكيان فرونتىنىڭ ئالدىنىقى لىنىيىلىرىگە قاراپ كېتىپ بارىدۇ . تۈن قاراڭغۇ ، دېڭىز دولقۇنلۇق... پاراخوتتىكى 15ياشلىق ئەسكەر يېنىدىكى 70 ياشلىق قېرى بوۋايدىن سوراپ قالدى : BXhWTGiG  
   -  ئاكا ، نېمىشقا بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ بەلگىسى قىزىل ھەم دۈگىلەك؟ & iSD/W  
   - سەنمۇ ماڭا ئوخشاش بىلمەيدىغان ئوخشايسەن ؟ - مەن كىتاب ئوقۇشنىمۇ بىلمەيمەن، - دېدى بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن قېرى، - شۇنداق بولسىمۇ پەرەز قىلىمەنكى ، ئۇنىڭ قىپقىزىل بولۇشى قان بولۇپ، دۈگىلەك بولۇشى داغ، يەنى قىزىل داغ دېگەن سۆزمىكىن دەيمەن. ow.6!tl0=h  
   -  ئەمسە بىزنىڭ لىيەننىڭ سىياسىي رەھبىرى بىزگە ‹‹ ئۇ ، نۇرىنى چېچىپ تۇرغان قىزىل كۈن ›› دەپ چۈشەندۈردىغۇ؟ 6c<ezEJ  
  - بەلكى ، قىزىل قان چاچىدىغان دۈگىلەك كۈندۈر . مەن تۇغۇلۇپ بۇ يېشىمغا كەپتىمەن ، بۇ بايراقنىڭ ئۇرۇش ھەم قان چاچقىنىنى كۆردۈم ، نۇر چاچقىنى يادىمدا يوق ، - دېدى قېرى ئۇنىڭ سۆزىنى كېسىپ . @ls.&BHUP  
  - مۇنداق دەڭ ! &U &%ka<*  
  -مېنىڭچە ، شۇنداق ... يەنە قانداق نېمىلىرىڭ بار ، سورا ! R]Qp Mj%o  
  قېرى ماختانغاندەك ئۇنىڭغا قارىدى . خىيالى باشقا نەرسىلەرگە بېرىلىپ كەتكەن ياش ئەسكەرنىڭ قىياپىتى ئۇنىڭغا ئايانچىلىق كۆرۈندى . Y\?j0X;  
  - ئۇ قىزىل داغ بولسا ، بىر بالا - قازا دېگىن ئەمىسە ؟ - يەنە بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويدى ياش ئەسكەر . `= "v>qN2\  
  - بۇ توغرا ئەمەس ،بالا بىلەن قازا  بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ . +t]Xj1Q  
  - بىزنىڭ ئۇلۇغ ئوكيانغا سوقۇشقا كېتىپ بېرىشىمىز بالا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . & _K*kI:  
  - ھە، قازاچۇ ؟ vWY(%Q,  
  - ئەگەردە جۇڭگو فرونتىغا سوقۇشقا ماڭساق ، بۇ قازا بولىدۇ . V( mn yI  
  - ھەر ئىككىسى بىر قوشۇلسىچۇ ؟ 97!5Q~I  
  - بالا بىلەن قازا قوشۇلسا نېمە بولاتتى ، ئىشنىڭ كارى تامام، ۋەسسالام. 8$}OS-  
   كىچىك ئەسكەرنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. ئۇنىڭ ئالدىنقى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك بولدى. تەرىنى تۈرۈپ يەنە سورىدى : JJf<*j^G  
   -ئىككىسى قوشۇلسا گۇم بولىسەن شۇنداقمۇ ؟ t ;-L{`mW  
   - گۇم بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، مىجىقىڭ چىقىپ قۇم بولىسەن . mG(N:n%*K  
  بۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھەممە پادىشاھ ئەسكەرلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر - بىرىگە مەيۈسانە قاراشتى . دېڭىزنىڭ تۇزلۇم سۈيى يىراقلاردىن دولقۇنلىنىپ كېلىپ ، قەھرى بىلەن پاراخوتنى ئۇراتتى . Y}.Ystem  
                                                                                                  1942-يىل ، ئۈرۈمچى cZ< \  
مەنبە :كېرىمجان ئابدۇرېھىم نەشىرگە تەييارلىغان ‹‹ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما ›› دىن ئېلىندى.

ئەكبەرنىياز 2013-06-30 10:10
بۇ ئاجايىپ قۇلار ئىكەن ، شەھلانىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

nadiraay 2013-06-30 11:26
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

akqolpan 2013-07-01 10:51
  ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.  مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلارنى كۆپلەپ ئەۋەتىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بابۇر0725 2014-02-21 02:33
ئوت يۇرەك شائىرغا ئالىي ئېھتىرام بولسۇن!!!


查看完整版本: [-- ‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى›› ئېغىر ھالسىرايدۇ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled