查看完整版本: [-- دىئابىت كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۇسۇلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> دىئابىت كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۇسۇلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

mamatjan74 2013-06-25 18:37

دىئابىت كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۇسۇلى

دىئابىت كېسلى بولسا ھازىر ئومۇملاشقان بىر خىل ئىچكى ئاجىراتما قالايمىقانلىشىش ،ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىنى قىسمەن يوقىتىش تۈپەيلىدىن ئىنسۇلىن مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قان ئايلىنىش سېستىمىسدا قالايمقانلىق يۈز بېرىش(قاندا ماي، قاننىڭ يېپشچانلىقى ئېشىپ كىتىش، قان بېسىمى، قان قۇيۇق)، يۈرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بىر خىل ئاستا خارەكتىرلىك كېسەلىك بۇلۇپ، ھازىر تىببى پەندە پەقەت كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ، ساقايتقىلى بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. مەن تۆۋەندە بۇ كېسەلنى ساقايتىشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەن ئىشەنگەنلەر سىناپ باقسا بۇلىدۇ.

    1. روھىي كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت خۇشال تۇتۇڭ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا سىزدىنمۇ  ئېغىر كېسەللەرنى ئويلاڭ.

  2.كۇندە ھەر ۋاخ تاماقتىن15مىنۇتتىن كىيىن تىز سۈرەتتە 5كىلومېتىر مېڭىپ بىرىڭ.(چۇقۇم تەر چىقىش كېرەك):

  3.كۈندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتۇڭىزنى ئىلمان سۇغا چىلاپ، پۇتنىڭ ئالقىنىنى ئۇۋۇلاپ بىرىڭ، بۇنىڭ قان ئايلىنىشقا پايدىسى بار.

  4 .قاغا جىگدىسى ياكى(决明子)نى قاينىتىپ ئىچىپ بىرىڭ، قاندىكى ماينى توۋەنلىتىدۇ.ئۈجمە يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
5 .يەرلىك كاندىرنىڭ يۇپۇمىقى بىلەن قۇمۇشنىڭ فۇفىگىنى قاينىتىپ كۈندە 3ۋاق 2ئاي ئىچسە  دىيابىت كېسىلى يىلتىزدىن يۇقۇلىدۇ.كەندى يۇپۇمىقى قاننى جالاندۇرۇپ، قاندىكى ماينى يۇقىتىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. قۇمۇشنىڭ فۇفىگى بولسا ئوت ئىسىق بۇلۇپ ئاشقازانى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ئاستى بېزىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاش رولىغا ئىگە.
http://www.kilaqak.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3668

ئەكبەرنىياز 2013-06-25 21:29
ياشاڭ بۇرادەر ، دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن خوشخەۋەركەن بۇ ! ئەمما ئۈجمە يوپۇرمىقىنى ھۆل قاينىتىپ ئىچەمدۇ ياكى قۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچەمدۇ ؟ مۇشۇ تەرىپىمۇ ئېنىق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن . يەنە بىر نۇقتا قۇمۇشنىڭ فۇفىكى ئوت ئىسسىق دەپسىز، ئۇنداقتا ياشانغانلارنىڭ يۈرىكىگە ئىسسىق كەتمەسمۇ ؟

مەنمۇ بىر تۈرنى دەي :
ياڭاق مېغىزى ، بادام مېغىزى ۋە قارا كۈنجۈتنى تالقان قىلىپ ئارلاشتۇرۇپ كۈندە ناشتىدا ۋە كەچتە 20-25گىرام ئەتراپىدا قايناقسۇغا چېلىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .

sersan 2013-06-26 00:24
决明子 نېمە بۇ؟

ئايبىكە 2013-06-26 08:35
دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما ئىكەن.رەھمەت،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

kok-sultan 2013-06-26 08:41
كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت دوستلار، دىيابىت كېسىلى بىلەن ئېلىشىپ كېلىۋاتقىنىمغا يەتتە يىل بولدى. ئىككى قېتىم بالنىستا يېتىپ چىقتىم.كۈندە 5كېلومېتىر مېڭىشنى ئادەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم....

تىلداش 2013-06-26 12:33
<<يىلتىزىدىن داۋالاش>>دېگەن سۆزنىڭ ۋەزنىگە قارىغاندا،بۇ خىل داۋالاشنىڭ <<ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش ئۈنۈمى>>بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەمەتجاننىڭ يوللانمىسىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر. ئەتراپىمىزدا بۇ خىل كېسەلنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلار خېلى كۆپ. ئۆزئارا يەتكۈزۈپ قويىدىغان ئەھمىيەتلىك تېمىكەن.
  4-5- كۆرسەتمىلەرنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ يولغا قويۇشقا بولامدۇ بولمامدۇ؟ باشقا يانداشما پەرھىزلىرى قانداق دەيدىغان بىرقاتار مەسىلىلەرگە ئىزاھلاش بېرىلسە، تېخىمۇ مۇكەممەل بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
  ئۇدىن باشقا<<يەرلىك كاندىر >>دىكى <<كاندىر>> _ بەزى ئورۇنلاردا دەيدىغان<<كەندىر>>نى كۆرسىتەمدۇ؟ ئوتتۇرىدا تىلغا ئېلىنغان<<كەندى يۇپۇمىقى >>دىكى <<كەندى>>_<<كاندىر>>(كەندىر)نى كۆرسەتسە كېرەك.
   مەنمۇ يېقىندا <<تاغ مامكىپىنىڭ گۈلىنى قاينىتىپ ئىچسە، بۇ خىل كېسەلگە شىپا قىلىدىكەن>>دەپ ئاڭلىغان.ئەگەر كەسىپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراش ئىمكانىيىت بارلاربولسا، سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈپ باقسا بولغۇدەك دەپ ئويلايمەن. ھەقىقەتەن شىپالىق رولى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
   بارلىقىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-28 12:11
دىئابىت بىمارلىرى سىناپ باقسا بولغۇدەك

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-28 12:13
ھازىر كەندىر تېرىغىلى قويمىسا نەدىن تاپارمىز؟ئىلگىرىكىگە قارىغاندا دىئابىت كېسىلىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بەلكىم كەندىر مېيىنى بىمالال ،ساپ يىيەلمىگەنلىكتىن بولىشى مۇمكىن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-28 12:17
كەندىردە نەشە ياساپ كىشىلەرنىڭ روسىي دۇنياسىنى،تېنىنى كېسەل قىلسا،يەنە ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئارقىلىق كېسەل داۋالىغىلى بولىدىكەن مانا.

kok-sultan 2013-06-28 12:28
ئەجەپ بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز:
قۇشقاچتىن قورقۇپ تېرىق تېرىمايدىغان، بەڭگىدىن قورقۇپ كەندىر تېرىمايدىغان...

شەھلا 2013-06-30 11:06
رەھمەت سىزگە ، دادامنى مۇشۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ داۋالىساق تېخىمۇ ياخشى بولغىدەك .


查看完整版本: [-- دىئابىت كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۇسۇلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled